مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

قەستەن روزا تۇتمىغان ياكى روزا تۇتۇپ كۈن يېرىمدا قەستەن روزىسىنى بۇزۇۋەتكەنلەرگە شەرىئەتتە قانداق كاپپارەت(جەرىمانە) كېلىدۇ؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
ج: ئۇ كىشى قەستەن بۇزۇۋەتكەن كۈنىنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە چوقۇم 60كۈن ئارقىمۇئارقا ئۈزۈلدۈرمەستىن روزا تۇتۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ بۇنىڭغا ئىمكانىيىتى يار بەرمەي، ئەمەلىي ئەھۋالى قۇلايلىق بولمىسا، 60 كەمبەغەل كىشىنى بىر كۈن يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: ”مەن قەستەن ئىپتار قىلدىم“ دېگەنىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”بىر قۇل ئازاد قىل ياكى ئارقىمۇئارقا ئىككى ئاي روزا تۇت، ياكى ئاتمىش مىسكىنگە تاماق بەر“دېدى(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
يەنە >>سۈرەتلەر