مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

روزىدار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەدەپلەر قايسىلار؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
 
 
ج: ناماز مەقبۇل بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى تاھارەت بولغىنىدەك، روزا تۇتۇشنىڭ شەرتى نەپسانىيەتنى تۇتۇش ۋە يىغىش. يەنى ماددىي جەھەتتە سۇھۇرلۇقتىن ئىپتارغىچە يېمەك-ئىچمەك، جىنسىي تۇرمۇشتىن ئۆزىنى تۇتسا، مەنىۋى جەھەتتە ئىككى دۇنيانىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتسىز، ئىنسانىيەت مەنپەئەتىگە زىيانلىق سۆز-ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى يىغىش، ساختىلىق، يالغانچىلىق، غەيۋەت-شىكايەت، قىزىققانلىق قاتارلىق مەنىۋى ئىللەتلەردىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش دېگەنلىكتۇر. مانا بۇ ئىككى شەرت ھازىرلىنىپ تۇتۇلغان روزا ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە مەقبۇل بولغۇسى، ئۇ ئىككى شەرتتىن بىرى كەم بولسا ئوخشاشلا روزىنىڭ شەرتى ھازىرلانمىغان ھېسابلىنىدۇ-دە، بۇ روزا مەقبۇل بولمايدۇ. دېمەك، ھەر قانچە سەھەر تۇرۇپ روزا تۇتقان بىلەن ماھىيەت بولغان سۆز-ھەرىكىتىنى ھارامدىن ساقلىمىغان، ھەر خىل مەنىۋى ئىللەتلەردىن خالاس بولالمىغان كىشى ماھىيەت ھاسىل قىلالمىغان بولىدۇ-دە، ئەجىردىن مەھرۇم قالىدۇ. شۇڭا روزا تۇتماقچى بولغان كىشى يېيىش، ئىچىش، جىنسىي تۇرمۇش ئىشلىرىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ جىسمىدىكى بارلىق ئەزالىرىنى روزا تۇتۇش تەلەپلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ، ناچار ئىش-ھەرىكەت، يامان گەپ-سۆزلەردىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى كېرەك. روزا تۇتقان ئادەمنىڭ چوقۇم بارلىق ئەزالىرىمۇ بىرگە روزا تۇتۇشى، يامان ئىشلاردىن قول ئۈزۈشى، يامان ئىش-ھەرىكەتلەرگە قەدەم باسماسلىقى، ھەر خىل يامان گەپ-سۆز، غەيۋەت-شىكايەت، چېقىمچىلىق قىلماسلىقى، بولمىغۇر، بىھۇدە قۇرۇق گەپ-سۆزلەرنى زەن سېلىپ تىڭشىماسلىقى، شەرىئەتتە ھارام دەپ بەلگىلەنگەن ھەر خىل شەھۋانىي مەنزىرىلەرگە، نامەھرەملەرگە نەزەر تاشلىماسلىقى، گۇناھى مەئسىيەت، تۈرلۈك ھىيلە-مىكىر، رەزىللىكلەرنى قەلبىگە پۈكمەسلىكى، ھەتتا ئۆزى باشقىلار تەرىپىدىن ھاقارەتلەنسىمۇ، ئازار يېسىمۇ ئۇنىڭغا قولى ياكى تىلى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرماستىن، بەلكى ”مەن روزىدارمەن“دەپ ئۆزىنى بېسىۋېلىشى، سەۋر قىلىشى كېرەك. مانا بۇ مۇسۇلماننىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىش نىيىتىدە قىلىۋاتقان ئىبادىتىنى تاماملاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن جاسارىتى، قىلغان سەۋرىسى، ئۆزىنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى قۇلچىلىقىنى ئىپادىلىشىدۇر، ئاللاھ بۇنداق مۇسۇلماندىن رازى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەردىن بىرەرسىڭلار روزا تۇتقان كۈندە ناشايان سۆزلەرنى قىلمىسۇن، جېدەل-ماجىرا تۇغدۇرۇپ چوقان كۆتۈرمىسۇن، ئەگەر بىر كىشى ئۇنى تىللىسا ياكى ئۇرۇشسا ‘مەن روزىدارمەن’ دېسۇن“ (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى روزىدار تۇرۇپ يالغان سۆزلەشنى ۋە يالغان سۆز بىلەن ئىش قىلىشنى تەرك ئەتمەيدىكەن، ئۇنىڭ تاماق يېمەي، سۇ ئىچمەي تۇتقان روزىسىغا ئاللاھ تائالا موھتاج ئەمەس“ (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
 
يەنە >>سۈرەتلەر