ج: 1) مەجبۇرلانماستىن قەستەن جىما قىلىش. بۇ خىل ئەھۋالدا ئەر، ئايال ئىككىلىسىگە ھەم قازاسىنى قىلىش ھەم كاپپارەت بېرىش لازىم كېلىدۇ. ئايال كىشى مەجبۇرلانغان بولسا ئۇ ئايالغا قازاسىنى قىلىش لازىم بولىدۇ، كاپپارەت كەلمەيدۇ. ئەمما ئايال ئەرنى مەجبۇرلىغان بولسا ھەر ئىككىلىسىگە قازا ھەم كاپپارەت كېلىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ”بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ‘مەن ھالاك بولدۇم، ئى رەسۇلۇللاھ’ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‘قۇل ئازاد قىلغۇدەك نەرسە تاپالامسەن؟’ دېدى. ئۇ ئادەم: ‘ياق’ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‘ئۇنداقتا ئىككى ئاي ئارقىمۇ ئارقا روزا تۇتالامسەن؟’ دېدى. ئۇ ئادەم: ‘ياق’ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‘ئاتمىش مىسكىنگە تاماق بەرگۈدەك نەرسەڭ بارمۇ؟’ دېۋىدى، ئۇ ئادەم: ‘يوق’ دېدى، ئاندىن ئولتۇردى. شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر سېۋەت خورما كەلتۈرۈلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‘بۇنى ئېلىپ سەدىقە قىل’ دېدى. ئۇ كىشى: ‘بىزدىن پېقىرغىمۇ؟ يېقىن ئەتراپتا بۇ خورمىغا بىزدىن موھتاجراق بىرسى يوق’ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈلۈپ كەتتى، ھەتتا ئېغىز چىشلىرى كۆرۈنۈپ قالدى ۋە: ‘بېرىپ ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن يېگىن’ دېدى“ (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
2) روزىدارنىڭ غىزا سانىلىدىغان ۋە ياكى داۋالىنىدىغان نەرسىلەرنى ئاز بولسىمۇ قەستەن يەپ ئىچىشى، شۇنىڭدەك تاماكىغا ئوخشاش خۇمار قىلىدىغان نەرسىلەرنى سۈمۈرۈشى ھەم قازا ھەم كاپپارەتنى لازىم قىلىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يۇقىرىدا ئېيتقان ھەدىسى بۇنىڭ دەلىلى بولىدۇ.
يۇقىرىقى ئىككى خىل ئەھۋالدا تۆۋەندىكى شەرتلەر بىلەن كاپپارەت لازىم كېلىدۇ: 1)روزىدار مۇكەللەپ(شەرىئەتكە تەكلىپ قىلىنغۇچى) بولۇشى كېرەك؛ 2)روزا تۇتقۇچىدا سەپەرگە ئوخشاش روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت قىلىدىغان ئۆزرىلەرنىڭ بولماسلىقى شەرت؛ 3)روزىدارنىڭ روزىنى بۇزۇشتا مەجبۇرلانغان، قىستالغان بولماسلىقى شەرت؛ 4)ئۇنتۇپ قالغان ياكى سەۋەنلىك بىلەن ئەمەس، بەلكى قەستەن بولۇشى شەرت. مەزكۇر شەرتلەر تولۇق تېپىلغاندا رامىزاننىڭ ھۆرمىتىنى تۆكۈپ، شەرىئەت بىلەن ئويناشقانلىقتىن ئىبارەت جىنايەت تېپىلغانلىقى ئۈچۈن قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە كاپپارەت بېرىدۇ. مەزكۇر ھۆكۈم ۋە بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر پەرز روزا توغرىسىدا دېيىلگەن. ئەمما نەپلە روزىنى بۇزغان كىشى پەقەت قازاسىنىلا قىلىدۇ، كاپپارەت بەرمەيدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: ”ھەفىسە ئىككىمىزگە ناھايىتى مەززىلىك بىر تاماق ھەدىيە قىلىندى. ئىككىلىمىزلا نەپلە روزا تۇتقانىدۇق. بىز ئېغىز ئېچىپ تاماقنى يەۋەتتۇق. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قېشىمىزغا كىرىۋىدى، بىز رەسۇلۇللاھقا بولغان ئىشنى ئېيتتۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‘كېرەك يوق، بۇ كۈننىڭ ئورنىغا يەنە بىر كۈن قازاسىنى قىلىۋېتىڭلار’ دېدى“ (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).