مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

روزىنىڭ پەرز بولۇش شەرتلىرى قايسىلار؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
 
 
ج: 1) روزا تۇتقۇچىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت؛ 2) روزا تۇتقۇچىنىڭ ئاقىل بولۇشى شەرت. شۇڭا سەبىي، ئەقلىدىن ئازغان، بىھوش كىشىلەرگە روزا تۇتۇش پەرز ئەمەس؛ 3) روزا تۇتقۇچىنىڭ بالاغەتكە يەتكەن بولۇشى شەرت. ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ”ئۈچ تۈرلۈك ئادەمدىن قەلەم كۆتۈرۈۋېتىلدى: ئۇخلىغان كىشى ئويغانغىچە، سەبىي بالاغەتكە يەتكىچە، ئەقلىدىن ئازغان كىشى ساقايغىچە“ (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان).
 
يەنە >>سۈرەتلەر