مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

روزىنىڭ دۇرۇس بولۇش شەرتلىرى قايسىلار؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
 
 
ج: 1) روزا تۇتۇشنى كۆڭلىدە نىيەت قىلىشى شەرت. بۇنىڭدا پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا روزا تۇتىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش لازىم. چۈنكى دىنىمىزدا ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئىبادىتى، ئىش-پائالىيىتى ئۆزىنىڭ نىيەت-ئىقبالى بويىچە بولىدۇ. شۇڭا روزىنىڭ كەمبەغەللىكتىن ياكى سېمىزلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كۆڭلىگە پۈكۈش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”بارلىق ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق، ئىنسان ئۈچۈن نىيەت قىلغىنى بولىدۇ“ (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئەگەر روزىدار كىشى نىيەت قىلىشنى ئۇنتۇپ قالسا، شۇ كۈنى چۈشكىچىلىك نىيىتىنى كۆڭلىدە بېكىتىۋالسا بولىدۇ. نىيەت قىلغاندا مەيلى ئاغزاكى تەلەپپۇز قىلسۇن ياكى كۆڭلىگە پۈكسۇن، ھەممىسى ئوخشاش بولۇپ، ”رامىزاننىڭ روزىسىنى تۇتۇشنى نىيەت قىلدىم“دېسە بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:”كىمكى رامىزاننى چىن دىلىدىن ئىشىنىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ۋە ساۋابىنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن تۇتسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ“ (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
2) روزا تۇتقۇچىنىڭ روزىنى بۇزۇپ قويىدىغان ئامىللاردىن ساقلىنىشى شەرت.
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر