مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

روزا تۇتماي ئۇنىڭ بەدىلىگە فىدىيە بېرىدىغان كىشىلەر كىملەر؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
 
 
ج: روزا تۇتۇش ھەقىقەتەن ئېغىر كېلىدىغان، قانچىلىك تىرىشسىمۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كېتىشكە ئىمكانىيىتى يوق، ياشانغان قېرى كىشىلەر بولسا ياكى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان، كېسەلنىڭ ساقىيىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈلگەن، ئۇزاق مۇددەت يېتىپ قالغان كېسەل كىشىلەر بولسا، بۇ كىشىلەر رامىزان ئېيىدا روزا تۇتماي، كۈنىگە بىر كەمبەغەلنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ. بۇ شەرىئىتىمىزدە فىدىيە بېرىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئاللاھ تائالانىڭ “روزىنى(قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تۇيغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم. كىمكى فىدىيەنى (بەلگىلەنگەن مىقداردىن) ئارتۇق بەرسە بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر بىلسەڭلار روزا تۇتۇش(ئېغىز ئوچۇق يۈرۈشتىن ۋە فىدىيە بېرىشتىن) ياخشىدۇر”{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 184-ئايەت} دېگەن ئايىتىنى “ئۇلار روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمايدىغان قېرى ئەر-ئاياللار بولۇپ، ھەر كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە تائام بېرىدۇ” دەپ تەپسىر قىلغان(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ياشىنىپ قالغاندىن كېيىن بىر-ئىككى يىل روزا تۇتالماي ھەر كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە نان، گۆش بىلەن تائام بەرگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
 
يەنە >>سۈرەتلەر