مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

روزىغا دەخلى يەتكۈزمەيدىغان ۋە ئەپۇ قىلىنىدىغان ئىشلار قايسىلار؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
ج: 1)ئېسىدە يوق يەپ-ئىچىش ۋە ئېسىدە يوق جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش؛ ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”روزىدار ئادەم ئېسىدە يوق بىر نەرسە يەپ-ئىچىپ سالسا، روزىسىنى بۇزماي داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن، چۈنكى ئۇنى ئاللاھ يېگۈزگەن ۋە ئىچكۈزگەن بولىدۇ“ (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)؛ 2)ئۇخلاپ قالغاندا ئېھتىلام بولۇش؛ 3)ئىختىيارسىز قۇسۇش ۋە قەي قىلىش؛ 4)لوڭقا قويدۇرۇش. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئۈچ نەرسە روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرۇۋەتمەيدۇ: ئىختىيارسىز قۇسۇش، لوڭقا قويدۇرۇش ۋە ئۇخلاپ قالغاندا ئېھتىلام بولۇش“ («مەجمەئۇ زاۋائىد»)؛ 5)مەيلى ئەر-خوتۇن بىر يەردە بولۇشتىن، مەيلى ئېھتىلام بولۇشتىن بولسۇن، تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن جۇنۇپ بولۇپ، جۇنۇپ ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزۇش. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۇنۇپلۇق ھالەتتە تاڭ ئېتىپ قالسا روزىسىنى تۇتىۋېرەتتى. جۇنۇپلۇق ئېھتىلام بولغانلىقتىن ئەمەس، ئاياللىرى بىلەن بىر يەردە بولغانلىقتىن ئىدى“ (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)؛ 6)يۇيۇنۇش زۆرۈر بولغان ئەھۋاللاردا يۇيۇنۇش؛ 7)ئايالىغا قاراپ قويۇش بىلەنلا مەنىي يۈرۈپ كېتىشكە ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن ئويغاق ھالەتتە ئېھتىلام بولۇش؛ 8)چاچ ياكى بەدەنگە ماي سۈرتۈش؛ 9)كۆزگە سۈرمە سۈرتۈش؛ 10)خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىش؛ 11)ئىختىيارسىز چاڭ-توزانلارنى، ئىس-تۈتەكلەرنى، ئېغىزدىكى تۈكۈرۈكلەرنى يۇتۇۋېتىش؛ 12)كېچىسى تاڭ ئاتقۇچە يېيىش، ئىچىش، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش؛ 13)مىسۋاك قىلىش. ئامىر ئىبنى رەبىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ”مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپ قېتىم روزىدار ھالەتتە مىسۋاك قىلغانلىقىنى كۆردۈم“ (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)؛ 14)بوۋاققا تاماقنى چايناپ بېرىشكە مەجبۇرلىنىپ قالغاندا، ئازراق بولسىمۇ يۇتۇۋەتمەسلىك شەرتى ئاستىدا چايناپ بېرىش؛ 15) ئېغىز-بۇرۇننى يېنىك چايقاش.
يەنە >>سۈرەتلەر