مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

روزىدار ئۈچۈن مۇستەھەب بولىدىغان ئەمەللەر قايسىلار؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
ج: 1)بىر يۇتۇم سۇ بولسىمۇ سۇھۇرلۇق يېيىش. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سۇھۇرلۇق يەڭلار، چۈنكى سۇھۇرلۇقتا بەرىكەت بار“ (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)؛ 2)سۇھۇرلۇقنى كېچىكتۈرۈپ ئاخىرقى ۋاقتىدا يېيىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئۈممىتىم ئىپتارنى بالدۇر قىلىدىكەن، سۇھۇرلۇقنى كېچىكتۈرۈپ يەيدىكەن، ئۇلار ھەمىشە ياخشىلىق ئۈستىدە بولىدۇ“ (ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). سۇھۇرلۇق يېيىش ۋاقتى كېچىنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا باشلىنىپ، تاڭ ئېتىشتىن سەل بۇرۇن ئاخىرلىشىدۇ. يەنى سۇھۇرلۇق يەپ توشىدىغان ۋاقىت بىلەن بامدات نامىزىغا ئەزان ئېيتىشنىڭ ئارىلىقىدا ئۇزۇنمۇ ئەمەس، قىسقىمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ھال ئايەتلەردىن 50 ئايەتنى تېزمۇ ئەمەس، ئاستىمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ھال ئوقۇغانچىلىك ۋاقىتنىڭ بولۇشى ياخشى. زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ ”بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن سۇھۇرلۇق يەپ بولۇپ بامدات نامىزىغا تۇراتتۇق “دېۋىدى، ”سۇھۇرلۇق بىلەن ئەزاننىڭ ئارىلىقىدا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتەتتى؟“دەپ سورالغاندا، زەيد: ”ئەللىك ئايەتنى ئوقۇغۇدەك ۋاقىت ئۆتەتتى“دېدى(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)؛ 3)ئىپتار قىلىدىغان چاغدا خالىغان دۇئالارنى قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: ”روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئىپتار ۋاقتىدا قىلىدىغان بىر دۇئاسى بولۇپ، بۇ دۇئا رەت قىلىنمايدۇ“دېگەن(بەيھەقى رىۋايەت قىلغان). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىپتار قىلغاندا مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى: ئاللاھۇممە لەكە سۇمتۇ، ۋە ئەلا رىزقىكە ئەفتەرتۇ، فەغفىرلى ما قەددەمتۇ ۋە ما ئەخخەرتۇ(ئى ئاللاھ! سەن ئۈچۈن روزا تۇتتۇم، سېنىڭ بەرگەن رىزقىڭ بىلەن ئىپتار قىلدىم. مېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن)؛ 4)ئىپتار قىلىشتا ئۈچ تال خورما بىلەن، ئەگەر تېپىلمىسا ھۆل مېۋە-چىۋىلەر بىلەن ئىپتار قىلسىمۇ بولىدۇ. سەلمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەردىن بىرەرسىڭلار ئىپتار قىلماقچى بولسا خورما بىلەن ئېغىز ئاچسۇن، ئەگەر خورما تاپالمىسا سۇ بىلەن ئېغىز ئاچسۇن، چۈنكى سۇ پاكتۇر“ (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)؛【خورمىدا ئىپتار قىلىشتىكى ھېكمەت: خورما ئاشقازاندىكى قالدۇق نەرسىلەرنى تازىلايدىغان ياخشى يېمەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىنىڭ تولىسى تېپىلىدۇ، خورما بىلەن ئىپتار قىلسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بويىچە ئىش قىلغان بولىدۇ】 5)ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرۇش مۇستەھەب، چۈنكى ئىپتارلىق بېرىش مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا مۇھەببەتنى كۈچەيتىپ، يار-يۆلەكتە بولۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى بىر روزىدار ئادەمنى ھالالدىن كەلگەن يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك بىلەن ئىپتارلاتسا رامىزان ئېيىدا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا رەھمەت ئوقۇيدۇ. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام شەبى قەدرى كېچىسى ئۇنىڭغا مەغپىرەت تىلەيدۇ“ (ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)؛ 6)رامىزان ئېيىدا كەڭ قول بولۇش، سەدىقە-ئېھساننى كۆپ قىلىش، قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇش، تەلىم ئېلىش ۋە تەلىم بېرىش، كېچىدە قىيامدا تۇرۇش، زىكرى-تەسبىھ ئېيتىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆپ دۇرۇت-سالام يوللاش مۇستەھەب. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولى بەك كەڭ ئىدى. بولۇپمۇ رامىزان ئېيىدا جىبرىئىل بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىدا تېخىمۇ سېخىيلىشىپ كېتەتتى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام رامىزاندا ھەر كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمدىن تەلىم بېرەتتى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيرلىك ئىشلاردا يامغۇرلۇق بۇلۇتنى ئېلىپ كەلگەن شامالدىنمۇ تېز ۋە ئومۇمىي ئىدى“ (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: ”روزا تۇتۇش ۋە قىيامدا تۇرۇش قىيامەت كۈنى بەندىگە شاپائەت قىلىدۇ. روزا: ‘ئى رەببىم، مەن ئۇنى كۈندۈزى يېمەك-ئىچمەكتىن توستۇم’ دەيدۇ. قۇرئان: ‘مەن ئۇنى كېچىسى ئۇخلاشتىن توستۇم’ دەيدۇ. ئاللاھ بىزگە شۇنىڭ سەۋەبى بىلەن شاپائەت ئىزنى بېرىدۇ“ (ئىمام ئەھمەد، نەسەئى رىۋايەت قىلغان)؛ 7)رامىزان ئېيىدا ئىبادەت ئىشلىرىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، مەسچىتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ۋە ئاخىرقى ئون كۈندە شەبى قەدرى كېچىسىنى ئىزدەش مۇستەھەب. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى كىرسە كېچىلەرنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئويغىتاتتى، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بېلىنى چىڭ باغلايتتى“ (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). سەھىھ ھەدىستە دېيىلگەندەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغانغا قەدەر ھەمىشە رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى ئېتىكاپتا ئولتۇرغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”مەسچىت ھەربىر تەقۋادار بەندىنىڭ ئۆيى، مەسچىت ئۆيى بولغان كىشىلەرگە ئاللاھ خاتىرجەملىك بېرىش، رەھىم-شەپقەت قىلىش، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا، جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈشكە كېپىل بولغان“ (تەبرانى رىۋايەت قىلغان).
يەنە >>سۈرەتلەر