مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

بىر كىشى مۇساپىرلىقتىن يۇرتىغا قايتىپ مۇقىم بولۇپ ياكى كېسەلدىن ساقىيىپ قازاسىنى قىلىدىغان كۈنلەرنى تاپقان بولسىمۇ قازاسىنى قىلمىغان ئەھۋالدا ئۆلۈم كېلىپ قالغان بولسا قانداق قىلىدۇ؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
  
ج: بۇ كىشى ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ تەۋبە قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىدىن ھەر كۈنلۈكىگە بىر مىسكىنگە تائام بېرىشنى ۋەسىيلىرىگە ۋەسىيەت قىلىدۇ. ۋەسىيەت قىلالمىغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ۋارىسلىرى روزا تۇتۇپ قويىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: “ كىمكى گەدىنىدە قازا روزىسى قېلىپ ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋارىسلىرى تۇتۇپ قويسۇن”(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:”ئەگەر بىر ئايلىق رامىزان روزىسى قېلىپ ئۆلگەن ئادەم ئۈچۈن بىر كۈندىلا ئوتتۇز ئادەم روزا تۇتسا دۇرۇس بولىدۇ”(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ: “ئى رەسۇلۇللاھ، مېنىڭ ئانام ئۆلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ گەدىنىدە بىر ئايلىق قازا روزىسى بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن تۇتۇپ قويسام بولامدۇ؟” دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: “ھەئە، بولىدۇ، ئاللاھقا تۆلىنىدىغان قەرز ئادا قىلىنىشقا ھەممىدىن بەك تېگىشلىكتۇر” دېدى(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
 
يەنە >>سۈرەتلەر