مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

رامىزان روزىسى تۇتۇش ۋە ئېغىز ئېچىش كۈنلىرىنى ئېنىق بەلگىلەش ئۈچۈن يېڭى ھىلال ئاينى كۆرۈشكە تىرىشىشنىڭ شەرىئەت ھۆكمى نېمە؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
ج: روزا تۇتۇش ۋە ئېغىز ئېچىش كۈنلىرىنى ئېنىق بەلگىلەش ئۈچۈن شەئبان ئېيىنىڭ ۋە رامىزان ئېيىنىڭ 29-كۈنى كۈن پاتقاندا يېڭى ھىلال ئاينى كۆرۈشكە تىرىشىش مۇسۇلمانلارغا پەرز كۇپايىدۇر. بۇ ھاۋا ئوچۇق كۈنىگە توغرا كەلسە روزا تۇتۇش ئۈچۈن ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كىشىلەرنىڭ ھىلال ئاينى كۆرگەنلىكى ئىسپاتلىنىشى كېرەك. ھاۋا تۇتۇق كۈندە بولسا، ھەقىقىي ئىشەنچلىك بىر كىشى ھىلال ئاينى كۆرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرسە بولىدۇ. دېمەك، رامىزان ئېيىنىڭ ھىلال ئېيىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىنتىلىش ھەربىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى بولۇپ، ھىلال ئاينى كۆرگەن كىشى چوقۇم باشقىلارغا خەۋەر قىلىشى ياكى ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا ئوچۇق ئېلان قىلىشى كېرەك. ئەگەر ھاۋا بۇلۇتلۇق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى ھىلال ئاينىڭ چىققان ياكى چىقمىغانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن بولمىسا شەئبان ئېيىنى 30 كۈنگە توشقۇزۇپ، 31-كۈنىنى رامىزان ئېيىنىڭ 1-كۈنى قىلىپ بېكىتىش كېرەك. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ھىلال ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ھىلال ئاينى كۆرۈپ ئېغىز ئېچىڭلار، ئەگەر ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ قالسا شەئبان ئېيىنى 30 كۈنگە توشقۇزۇڭلار“ (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
يەنە >>سۈرەتلەر