مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

شەرىئەتتە قايسى كۈنلەردە روزا تۇتۇش مەكرۇھ سانىلىدۇ(يامان كۆرۈلىدۇ)؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
ج: 1)پەقەت جۈمە كۈنىلا بىر كۈن روزا تۇتۇش(يەنى جۈمە كۈنىنى روزا تۇتۇشقا خاسلاشتۇرۇۋېلىش). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”يالغۇز جۈمە كۈنىنىڭ كېچىسىنى تەھەججۇد نامىزى ئوقۇشقا، كۈنلەرنىڭ ئىچىدە جۈمە كۈنىنى كۈندۈزى روزا تۇتۇشقا خاس قىلىۋالماڭلار، لېكىن جۈمە كۈنى تۇتۇپ ئادەتلەنگەن روزاڭلارغا توغرا كېلىپ تۇتساڭلار كېرەك يوق“ (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). مەزكۇر ھەدىستە جۈمە كۈنىنىڭ كۈندۈزىنى روزىغا ياكى كېچىسىنى ناماز ئوقۇشقا خاس قىلىشنىڭ مەكرۇھ بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇلىمالار بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان: بۇ يەردىكى چەكلەش ھاراملىقنى ئىپادىلىمەيدۇ. چۈنكى، بۇ يەردە ھېيت كۈنلىرىدىكى ئاللاھ تائالانىڭ زىياپىتىدىن روزا تۇتۇپ يۈز ئۆرۈشكە ئوخشاش ھاراملىق سەۋەبلىرى مەۋجۇت ئەمەس. جۈمە كۈنىدىكى روزا تۆۋەندىكىدەك ئىككى ھالەتتە توغرا كەلسە ھېچ باك يوق: (1) جۈمە كۈنى روزا تۇتىمەن دەپ ئاللاھ تائالاغا ۋەدە قىلغان بولسا ياكى زۇلھەججىنىڭ ئون كۈنى دېگەندەك باشقا شەرئى سەۋەبكە توغرا كېلىپ قالسا؛ (2) جۈمە روزىسىنى پەيشەنبە ياكى شەنبە كۈنى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تۇتقان بولسا، پەقەت جۈمە كۈنىلا بىر كۈن روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئېغىز ئېچىۋېتىشى ياخشى؛ 2)ئايالىنىڭ ئېرى يېنىدا بار ھالەتتە ئۇنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي نەپلە روزا تۇتۇشى. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئېرى يېنىدا بار ھالەتتە ئۇنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ(نەپلە) روزا تۇتۇش ئايال كىشىگە دۇرۇس بولمايدۇ ۋە بىر كىشىنى ئەرنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيگە كىرىشكە رۇخسەت قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ“ (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)؛ 3)روزا تۇتۇپ ئادەتلەنمىگەن كىشىنىڭ شەئبان ئېيىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا روزا تۇتۇشى. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”شەئبان ئېيى يېرىملاشقاندىن كېيىن روزا تۇتماڭلار“ (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). چۈنكى روزا تۇتۇپ ئادەتلەنمىگەن كىشىلەر بۇ كۈنلەردە روزا تۇتسا ئىرادىسى بوشىشىپ، ئاجىزلاپ پەرز روزىغا ياخشى تەييارلىق قىلالمايدۇ؛ 4)شەك كۈنى روزا تۇتۇش. ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ” كىمكى شەك كۈنى روزا تۇتىدىكەن، ئەبۇلقاسىمغا(پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا) ئاسىيلىق قىلىدىغان بولىدۇ“ (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)؛ 5)ئىككى-ئۈچ كۈن يېمەي-ئىچمەي روزا تۇتۇش. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ يېمەي-ئىچمەي ئۇلاپ روزا تۇتۇشتىن مەنئىي قىلدى. ساھابىلەر: ”سەن ئۇلاپ روزا تۇتىسەنغۇ؟“دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: ”مەن سىلەرگە ئوخشىمايمەن، ماڭا يەيدىغان ۋە ئىچىدىغان نەرسىلەر بېرىلىپ(يەنى ماڭا ئاللاھ تەرىپىدىن يېگەندەك ۋە ئىچكەندەك كۈچ-قۇۋۋەت بېرىلىپ) تۇرىدۇ“دېدى؛【ئۇلاپ روزا تۇتۇش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇسۇسىيىتى بولۇپ، ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن چەكلەنگەن ئىش. باشقا كىشىلەرگە بېرىلمىگەن كۈچ-قۇۋۋەت ۋە سەۋرچانلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن. گاھى ئۈممىتىگە مەجبۇرىيەت بولمىغان ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەجبۇرىيەت بولىدۇ. بەزىدە ئۈممىتىگە دۇرۇس بولغان ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تېخىمۇ سىناش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا دۇرۇس بولمايدۇ.】 6)شەنبە كۈنىنى روزا تۇتۇشقا خاسلاشتۇرۇۋېلىش. ئابدۇللا ئىبنى بۇسرى ئۆزىنىڭ ھەمشىرىسىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”شەنبە كۈنى روزا تۇتماڭلار، لېكىن شەنبە كۈنى تۇتۇپ ئادەتلەنگەن روزاڭلارغا توغرا كېلىپ قالسا تۇتساڭلار كېرەك يوق“ (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)؛ 7)بىر دەۋر روزا تۇتۇش(يەنى يىل بويى ئېغىزى ئوچۇق يۈرمەي روزا تۇتۇش)؛ ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”يىللاپ روزا تۇتقان كىشى روزا تۇتقانمۇ بولمايدۇ، ئىپتار قىلغانمۇ بولمايدۇ(يەنى ئۇنىڭ تۇتقان روزىسىغا ساۋاب بېرىلمەيدۇ) “ (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
يەنە >>سۈرەتلەر