ج: 1)ئايالىنى بۇس قىلىش(سۆيۈش)، سىلاش ئارقىلىق ئېھتىلام بولۇپ قېلىش؛ 2)كۈن ئولتۇرغان ئوخشايدۇ دېگەن گۇمان بىلەن ئىپتار قىلىش، ئاندىن كۈن ئولتۇرمىغانلىقى ئاشكارا بولۇش؛ 3)سۈبھى كۆتۈرۈلمىگەن ئوخشايدۇ دېگەن گۇمان بىلەن سۇھۇرلۇق يېيىش، ئاندىن تاڭ يورۇغانلىقى ئاشكارا بولۇش؛ 4)قەستەن ئېغىز ياندۇرۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: “قەستەن قۇسقان كىشى قازاسىنى قىلسۇن”(«مىشكاتۇل مەسابىھ»دىن)؛ 5)ئىستىمنا قىلىش(قولى بىلەن مەنىي چىقىرىش)؛ 6)ئاياللارنىڭ كۈندۈزى ھەيز كۆرۈپ قېلىشى؛ 7)ئاياللارنىڭ كۈندۈزى نىپاسلىق ھالەتتە بولۇپ قېلىشى؛ 8)چاھارپايلار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش؛ 9)توپا، ئۇششاق تاشلارغا ئوخشاش تائام ھېسابلانمايدىغان نەرسىلەرنى يۇتۇۋېلىش ياكى خام يېيىلمەيدىغان نەرسىلەرنى يېيىش؛ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: “كىرگەن نەرسە روزىنى سۇندۇرىدۇ، چىققان نەرسە سۇندۇرمايدۇ”(ئىبنى ئەبى شەيبە رىۋايەت قىلغان)؛ 10)ئۇنتۇپ قېلىپ يېگەندىن كېيىن قەستەن ئىپتار قىلىۋېتىش؛ 11)چىشى ئارىلىقىدىكى نوقۇت مىقدارى چوڭلۇقىدىكى تاماق قالدۇقلىرىنى يۇتۇۋېتىش؛ 12)مەجبۇرىي يوسۇندا سۇ ئىچۈرۈلگەنگە ئوخشاش مەجبۇرلاپ ئىپتار قىلدۇرۇۋېتىش. بۇلاردىن باشقا ئوكۇل سالدۇرۇش، كۆز، قۇلاق، بۇرۇنلارغا دورا تېمىتىش ئىشلىرىدا ئۇلىمالارنىڭ كۆز قاراشلىرى ئوخشاش بولمىغاچقا، روزىدار ئىمكانقەدەر بۇ ئىشلارنىمۇ سادىر قىلماسلىققا تىرىشىشى كېرەك.