مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

روزىدار ئۈچۈن مەكرۇھ بولىدىغان ئەمەللەر قايسىلار؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
 
 
ج: 1)تاماقنىڭ تەمىنى تېتىش ياكى چايناپ بېقىش؛ 2)جىما توغرىسىدا خىيال قىلىش؛ 3)ئايالىغا شەھۋەت بىلەن قايتا-قايتا قاراش؛ 4)ئايالىنى قولى بىلەن سىلاش ياكى پۈتۈنلەي قۇچاقلاش؛ 5)روزىدار ئادەمنىڭ تېنىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىغان جاپالىق ئىشلارنى قىلىش؛ 6)ئېغىزىغا تۈكۈرۈكىنى يىغىپ ئاندىن يۇتۇش؛ 7)ئېغىز-بۇرۇننى كۈچەپ چايقاش؛ لەقىيت ئىبنى سەۋرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن: “ئى رەسۇلۇللاھ، ماڭا تاھارەت ئېلىشنى دەپ بەرسەڭ” دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: “تاھارەتنى كامىل ئالغىن، بارماقلىرىڭنىڭ ئارىسىنى يۇغىن، روزىدار بولمىساڭلا ئېغىز-بۇرنۇڭغا ئوبدان سۇ ئالغىن” دېدى(ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
 
يەنە >>سۈرەتلەر