مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

ئېتىكاپنىڭ ھۆكمى نېمە؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
ج: 1)ئاللاھ تائالاغا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ھەققىدە نەزىر(ۋەدە) قىلغان بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ۋاجىب بولىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا ۋەدە قىلغان بولسا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلسۇن، كىمكى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشقا ۋەدە قىلغان بولسا، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلمىسۇن“ (بۇخارى رىۋايەت قىلغان)؛ 2)پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش يۈزىسىدىن رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش سۇننەتى مۇئەككەدەدۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قەبزى روھ قىلغانغا قەدەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)؛ 3)يۇقىرىقى كۈنلەردىن باشقا كۈنلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش مۇستەھەب.
يەنە >>سۈرەتلەر