مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

قازا روزىسىنى تۇتۇشتا قانداق ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
 
 
ج: مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قازا روزىسى كۆپ بولسا قازاسىنى تۇتقان ۋاقىتتا ئۈزۈلدۈرمەي ئارقا-ئارقىدىن تۇتۇشى ياكى بىر كۈن ئۆتكۈزۈپ بىر كۈن تۇتۇشى كېرەك. بۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارلىقىدا بولىدۇ. لېكىن روزا تۇتقان كۈنلىرىنى ئىككى ھېيت كۈنىگە ۋە قۇربان ھېيت كۈنىدىن كېيىنكى تەشرىق كۈنلىرى(قۇربان ھېيتنىڭ 2-، 3-، 4-كۈنلىرى)گە ئۇدۇل كەلتۈرۈپ قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەن. ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: “پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەن”(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئۇبەيشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: “تەشرىق كۈنلىرى يەپ-ئىچىدىغان كۈنلەردۇر”(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
يەنە >>سۈرەتلەر