مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

ئېتىكاپنىڭ مۇددىتى قانچىلىك؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
ج: ئەگەر ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى ۋەدە قىلغان بولسا ئۆزىنىڭ ۋەدە قىلغان كۈنى سانى بويىچە بولىدۇ. بۇنىڭدا روزا تۇتۇش بىلەن بىرگە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ۋەدە قىلغان ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشتا ئەڭ ئەقەللىسى بىر كېچە-كۈندۈز بولۇشى كېرەك. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”روزىسىز ئېتىكاپ (مۇكەممەل) ئېتىكاپ بولمايدۇ“ (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان). ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى ۋەدە قىلمىغان بولسا، ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدا ئەقەللىسى بىر كېچە-كۈندۈز بولىدۇ.
يەنە >>سۈرەتلەر