مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

ئېتىكاپنىڭ دۇرۇس بولۇش شەرتى قايسىلار؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
 
 
ج: 1) ئېتىكاپنى نىيەت قىلىشى شەرت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: “ئەمەللەرنىڭ دۇرۇس بولۇشى نىيەتكە باغلىق”(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)؛ 2) مەسچىتتە تۇرۇشى شەرت. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: “سىلەر مەسچىتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا(كۈندۈزى بولسۇن، كېچىسى بولسۇن)، ئۇلارغا(ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلماڭلار، ئەنە شۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالاردۇر”{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 187-ئايەت}.
جامائەت نامىزى ئوقۇلىدىغان ھەرقانداق مەسچىتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش دۇرۇس بولىدۇ. لېكىن جامە مەسچىتتە ئولتۇرۇش ئەۋزەل بولىدۇ. ئەمما ئايال كىشى ئائىلىسىدىكى نامازخانىدا ئېتىكاپتا ئولتۇرىدۇ؛ 3) روزىدار ھالەتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش شەرت.
 
يەنە >>سۈرەتلەر