مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

ئېتىكاپنى بۇزغۇچى ئامىللار قايسىلار؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
ج: 1) ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىنىڭ مەسچىتتىن ئۆزرىسىز چىقىپ كېتىشى ئېتىكاپنى بۇزىدۇ. ئەمما تاھارەت ئېلىش، ئىلىم سورۇنىغا ھازىر بولۇش، جىنازا نامىزىغا قاتنىشىش، كېسەل بولۇپ قېلىشقا ئوخشاش ئۆزرىلەر تۈپەيلىدىن مەسچىتتىن چىقسا ئېتىكاپ بۇزۇلمايدۇ؛ 2) ئۆزرىنىڭ يوقىلىشى بىلەن مەسچىتكە قايتماسلىق؛ 3) ھەيز ۋە نىپاسلىق ھالىتىنىڭ كۆرۈلۈپ قېلىشى؛ 4) ئىختىيارى ھالدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش؛ 5) دىندا مۇرتەد بولۇش(دىندىن يېنىۋېلىش). ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ“{سۈرە«زمەر(39-سۈرە)، 65-ئايەت}.
يەنە >>سۈرەتلەر