مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

سەدىقە فىتىرنىڭ ھۆكمى، دەلىلى نېمە؟ ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىكى ھېكمەتچۇ؟ قاچان يولغا قويۇلغان؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
 
سەدىقە فىتىرنىڭ ھۆكمى، دەلىلى نېمە؟ ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىكى ھېكمەتچۇ؟ قاچان يولغا قويۇلغان؟
 
ج: سەدىقە فىتىر ھۆر، قەرزى يوق، كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن ئېشىنالايدىغان ھەربىر مۇسۇلمانغا ۋاجىبتۇر. ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: “پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيىدا ھەربىر مۇسۇلمان ئەر ۋە ئايالغا مەيلى ھۆر ياكى قۇل بولسۇن، چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، خورما ياكى ئارپىدىن بىر سا(تەخمىنەن ئىككى يېرىم كىلوگرام) سەدىقە فىتىر بېرىشنى بەلگىلىدى ۋە ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بېرىشنى بۇيرۇدى”(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). سەدىقە فىتىر زاكاتقا ئوخشاش دىنىمىزدا شەرئىلەشكەن ئىقتىسادىي ئىبادەت بولۇپ، “فىتىر زاكىتى” دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ زاكات يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ھىجرەتنىڭ 2-يىلى رامىزان پەرز بولۇشى بىلەنلا يولغا قويۇلغان.
سەدىقە فىتىرنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىكى ھېكمەت: 1) سەۋەنلىك سەجدىسى نامازدىكى نۇقساننى تولۇقلىغىنىغا ئوخشاش سەدىقە فىتىر روزىدىكى نۇقسانلارنى تولۇقلايدۇ، ئۇنىڭغا كاپپارەت بولىدۇ. ئابدۇللا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەدىقە فىتىرنى روزىدارنى بىھۇدە سۆز-ھەرىكەتلەردىن پاكلاش، مىسكىنلەرگە تائام قىلىپ بېرىش يۈزىسىدىن ۋاجىب قىلغان(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان)؛ 2) سەدىقە فىتىر ئارقىلىق پېقىر-مىسكىنلەر ھېيت كۈنىدە كىشىلەردىن نەرسە سوراشتىن بىھاجەت قىلىنىدۇ، بويۇن قىسىپ قالمايدۇ. ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: “رامىزان روزىسى سەدىقە فىتىرسىز قالسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلىمەي، ئاسمان بىلەن زېمىن ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ”(«فىقھۇل ئىبادەت»تىن).
 
يەنە >>سۈرەتلەر