مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق ۋەز-تەبلىغلەر

رامىزاننىڭ پەزىلىتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-06-08   

بسم الله الرحمن الرحيم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەھلى جامائەت!

ئىسلام كالېندارى بويىچە، ھىجرىيەنىڭ 9-ئېيى روزا تۇتىدىغان ئاي بولۇپ، ”رامىزان ئېيى“ دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ بىر يىلدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئاي ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئاي روزا تۇتىدىغان ئاي، قۇرئان كەرىم نازىل بولغان ئاي، مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىغان ئايدۇر. شۇڭا مۇسۇلمانلار تەشنالىق بىلەن رامىزان ئېيىنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ، روزا تۇتۇش بىلەن روھىنى پاكلايدۇ ۋە ئىمانىنى كۈچەيتىدۇ. رامىزاننىڭ پەزىلىتى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:

1.رامىزان ئېيى قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشقا باشلىغان ئايدۇر

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا قۇرئان كەرىمدە ئېيتىدۇركى: ”ئىنسانلارغا يېتەكچى، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان رامىزان ئېيىدۇر“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 185-ئايەت}.

ئاللاھ تائالا بۇ مۇبارەك ئايدا باشقا پەيغەمبەرلەرگىمۇ ساماۋىي كىتابلارنى نازىل قىلغان. مەسىلەن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «سۇھۇف»، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «تەۋرات»، داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «زەبۇر»، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «ئىنجىل» قاتارلىقلار.

قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ بەرھەق بىرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ بۈيۈك پاكىت، بىزگە ئىنئام قىلىنغان ئەڭ ئۇلۇغ دەستۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆز زاتى ئىلاھىي بىلەن، باشقىلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىشتىن ئۆزى بىۋاسىتە قوغدايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. «قۇرئان كەرىم»نىڭ نازىل قىلىنىشى ئىلگىرىكى «تەۋرات» ۋە «ئىنجىل» قاتارلىق بارلىق ساماۋىي كىتابلارنىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنىڭ، ئۇلارنى خۇلاسىلىگەنلىكىنىڭ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئالغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا قۇرئان كەرىمدە ئېيتىدۇركى: ”بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ“{سۈرە«ئىسرا»(17-سۈرە)، 9-ئايەت}.

مۇسۇلمانلار جامائەسى قۇرئان كەرىمگە ئاساسلىنىپ ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدۇ، توغرا بىلەن خاتانى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ، ياخشى بىلەن ياماننى پەرقلەندۈرىدۇ، ئاللاھنىڭ بۈيۈك قۇدرىتى، كائىناتنىڭ چەكسىزلىكى ۋە ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىتىنى تونۇيالايدۇ. قۇرئاننىڭ تەلىملىرىگە ئاساسەن مۇسۇلمانلار ئازغۇنلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھىدايەت يولىنى تاپالايدۇ، يامانلىقنى تاشلاپ ياخشىلىققا ئىنتىلىدۇ. كىم قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىدىكەن، ئۇ ئىككى ئالەملىك نىجاتلىققا ۋە بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا رامىزان ئېيىدا بۇ ئۇلۇغ كىتابنى نازىل قىلىپ، رامىزان ئېيىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، باشقا ئايلار بىلەن ئەسلا سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى دەلىللىگەن.

2. رامىزان ئېيىدا جەننەتنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، دوزاخنىڭ ئىشىكى تاقىلىدۇ

مۇبارەك رامىزان ئېيىدا جەننەتنىڭ ئىشىكى ئېچىلىدۇ، دوزاخنىڭ ئىشىكى تاقىلىدۇ، لەنىتى شەيتان ئىبلىسقا تاقاق سېلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا رامىزان ئېيىدا روزا تۇتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ھەسسىلەپ ئەجىر-مۇكاپات بېرىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن: رامىزان كەلگەندە جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى ئېتىلىدۇ، شەيتانلارغا تاقاق سېلىنىدۇ“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

بۇ ھەدىس شەرىف بىزدىن رامىزاندا كۆپلەپ ياخشى ئەمەل قىلىشنى، گۇناھتىن يىراقلىشىشنى تەلەپ قىلغان. چۈنكى ياخشى ئەمەل-ئىبادەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە مۇكاپاتىغا ئېرىشىش، شۇنداقلا جەننەتكە كىرىشنىڭ شەرتىدۇر. گۇناھ-مەئسىيەت ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە جازاسىغا دۇچار بولۇشنىڭ، شۇنداقلا دەۋزىخىي بولۇشنىڭ سەۋەبىدۇر. ئەگەر كىشىلەر ياخشى ئەمەل-ئىبادەتنى كۆپ قىلىپ، گۇناھ-مەئسىيەتتىن يىراقلىشىدىكەن، جەننەتكە كىرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، دوزاخ ئازابىدىن ساقلىنىدۇ. يەنى جەننەت ئىشىكى ئۇنىڭغا ئېچىلىدۇ، دوزاخ ئىشىكى تاقىلىدۇ، ئىبلىسقا تاقاق سېلىنىدۇ.

شۇڭا، رامىزان ئېيى مۇسۇلمانلار ياخشى ئەمەلنى كۆپ قىلىدىغان، مۇكاپاتقا ۋە مەغپىرەتكە كۆپلەپ ئېرىشكىلى بولىدىغان مۇبارەك ئايدۇر.

سەلمان فارىسىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم شەئبان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە بىزگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: ”ئى خالايىق! سىلەرگە ئۇلۇغ، مۇبارەك بىر ئاي كەلدى، بۇ ئايدا بىر كېچە باركى، ئۇ مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر، ئاللاھ بۇ ئاينىڭ روزىسىنى پەرز، كېچىدىكى قىيامدا تۇرۇشنى نەفلە ئەمەل قىلدى، كىمكى بىر ياخشى ئەمەل بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىشنى ئۈمىد قىلسا، ئۇ باشقا ئايدا بىر پەرزنى ئادا قىلغاندەك بولىدۇ؛ كىمكى(بۇ مۇبارەك ئايدا) بىر پەرزنى ئادا قىلىدىكەن، باشقا ئايدا 70 پەرزنى ئادا قىلغاندەك بولىدۇ؛ ئۇ سەۋرنىڭ ئېيىدۇر، سەۋرنىڭ ساۋابى جەننەتتۇر، ئۇ ئۆزئارا ياردەملىشىشنىڭ ئېيىدۇر، ئۇ مۇئمىنلەرنىڭ رىزقى زىيادە قىلىنىدىغان ئايدۇر، كىمكى بۇ ئايدا بىرەر روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرىدىكەن، (بۇنىڭ سەۋەبى بىلەن)ئۇنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىپ، دوزاخ ئازابىدىن قۇتۇلىدۇ“(ئىبنى خۇزەيمە رىۋايەت قىلغان).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇلۇغلۇقى ھەققىدىكى تەلىملىرى ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن، تەقۋادار مۇسۇلمانلار بۇ مۇبارەك رامىزان ئېيىدا ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، ھەۋەس-ئىستەكتىن قول ئۈزۈپ، رامىزاننى ياخشى تۇتۇپ، نامازنى كۆپ ئوقۇيدۇ. رامىزان ئېيىدا ئۇلار سېخىيلىق بىلەن سەدىقە قىلىدۇ، ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ۋە دوستلارغا سىلە-رەھىم قىلىدۇ، كەمبەغەللەرگە مىھىر-شەپقەت يەتكۈزىدۇ، ئاجىزلارغا ياردەم بېرىدۇ، ۋەز-نەسىھەت ئاڭلايدۇ، قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىدۇ، دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىنىدۇ، روزىدارلارغا ئىپتارلىق بېرىدۇ. يەنە نۇرغۇن مۇسۇلمانلار رامىزان ئېيىدا بىر يىللىق تىجارىتىنىڭ ھېساۋاتىنى قىلىپ، ئۇنىڭ زاكىتىنى ئاجرىتىشقا ئادەتلەنگەن. شۇڭا رامىزان ئېيى مۇسۇلماننىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ھوسۇلى بولىدىغان ئايدۇر، ئۇلار كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇپ، كېچىلىرى تەراۋىھ نامىزى ئوقۇيدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىدا قىلغان ياخشى ئەمەللىرى باشقا ئايدىكى ئەمەللىرىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئەجىر-موكاپاتىمۇ باشقا ئايلارغا قارىغاندا كۆپ ئاشىدۇ. شۇڭا رامىزان ئېيىنىڭ ئۇلۇغلۇقى باشقا ئايلاردىن يۇقىرىدۇر.

3.روزا رامىزان ئېيىدا پەرز قىلىنغان

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا قۇرئان كەرىمدە ئېيتىدۇركى: ”ئى مۇئمىنلەر! گۇناھلاردىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ روزا پەرز قىلىندى“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 183-ئايەت}.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن: ”ئىسلام دىنى بەش ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئۇ بولسىمۇ بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم) ئاللاھنىڭ بەرھەق پەيغەمبىرى دەپ شاھادەت ئېيتىشتىن، پەرز نامازلارنى ئادا قىلىشتىن، زاكات بېرىشتىن، ھەج قىلىشتىن ۋە رامىزان روزىسىنى تۇتۇشتىن ئىبارەت”(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

شۇڭا، ئىسلام دىنىمىز رامىزان روزىسىنى توتۇشنى ئىسلامنىڭ بەش چوڭ پەرزىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتكەن، بالاغەتكە يەتكەن ھەربىر ئەر-ئايال مۇسۇلمان چوقۇم رامىزان ئېيىدا ئاللاھ ئۈچۈن روزا تۇتۇشى، ھەر كۈنى سۈبھى تاڭ يورۇغاندىن تارتىپ كۈن پاتقىچە يېمەك-ئىچمەك، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت روزىنى بۇزىدىغان بارلىق ئىشلاردىن چەكلىنىشى لازىم. شەرىئەت رۇخسەت قىلغان ئالاھىدە ئەھۋال بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن روزىنى پەرز قىلىشى، ھەرگىزمۇ كىشىلەرنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا زورلىغانلىق ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنى يېتەكلەش ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭدا نۇرغۇن مەنپەئەت ۋە ھېكمەتلەر يوشۇرۇنغان، روزا يېمەك-ئىچمەك ۋە شەھۋانىي ھەۋەسنى تىزگىنلەش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتىدۇ، روھىنى پاكلايدۇ. روزىنىڭ روزىدارغا ۋە جەمئىيەتكە ناھايىتى كۆپ پايدىسى بار، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىز روزىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ھېكمىتى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ يېڭى تونۇشلارغا ئىگە بولدۇق.

1)روزا كىشىنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىخلاسمەنلىكىنى يېتىلدۈرىدىغان بىرخىل ئۇسۇلدۇر، ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مەدەنىيلىكى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق.

روزا كەڭ دائىردىكى مەزمۇنغا ۋە چۇڭقۇر ئىجتىمائى ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇ روھىيەتنى تاۋلاشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، ئۇ كىشىنى ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەيدىغان، ئۆزلىكىدىن قائىدە تۈزۈمگە رىئايە قىلىدىغان ئادەت ۋە تەلەپچانلىقتىن ئىبارەت ئەخلاقنى يېتىلدۈرىدىغان ئىبادەتتۇر. ئۇنىڭدا ھەممە ئىش-ھەرىكەت سىرتقى كۆزىتىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي، تەلەپچانلىق بىلەن ئۇرۇندىلىدۇ، ئاللاھقا بولغان ئىخلاسمەنلىك يېتىلىدۈرىلىدۇ. مەيلى ئۇ ئاشكارە ياكى يوشۇرۇن ئىش قىلسۇن، ئاللاھنىڭ ھەرۋاقىت ھەربىر ئادەمنىڭ ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇردىغانلىقى، ھەربىر ئادەم پەقەت ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، يامانلىقلاردىن يىراقلاشقاندىلا ئاندىن ئاللاھقا تەقۋادار بولالايدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى ھېس قىلىنىدۇ.

ئاللاھنىڭ ئەمرىلىرىگە ئىتائەت قىلىپ رامىزان روزىسىنى تۇتقان ئادەم، ئاللاھقا بولغان تەقۋادارلىقى ۋە ئىخلاسمەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن قىينالغان تەقدىردىمۇ، كۆز ئالدىدىكى نازۇ-نېمەتلەرگە قاراپ قويمايدۇ؛ گەرچە نەپسى ئۇنى ئالدىرىتىپ تۇرسىمۇ، ھالال جۈپتى بىلەن بىرگە بولۇشتىنمۇ ساقلىنىدۇ. بۇنداق ئادەم قانداقمۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ يامان ئىش قىلسۇن؟ ئىسلامدا روزا تۇتۇشتىكى ئاساسىي مەقسەت رەزىللىك ۋە جىنايەتكە ئېلىپ بارىدىغان بارلىق يامان ئىللەتلەردىن يىراق تۇرۇش، ئەخلاقنىڭ كۈچىدە ئىنسانىيەتنى تىنچ-ئىتتىپاق، باراۋەر ۋە مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان جەمئىيەت مۇھىتىدا ياشاشقا ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، روزا خۇددى بىر ئەخلاقىي تەربىيە مەكتىپىگە ئوخشايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆرۈنمەس يوشۇرۇن قورشاۋ تاملىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ئەخلاق ۋە سۆز-ھەرىكەتلىرىنى ئوراپ تۇرىدۇ، رامىزان روزىسىنىڭ تەربىيەسىنى ئېلىپ، ئۇنىڭدىن لاياقەتلىك بولغانلىكى ئادەم چوقۇم يۈكسەك ئەخلاق ۋە ئادىمىيلىككە ئىگە بولغان بولىدۇ، چوقۇم جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيلىكى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشقان بولىدۇ.

2)  روزا مۇسۇلماننىڭ ئىمانى ۋە ئىرادىسىنى سىنايدىغان سىناقتۇر.

روزا ھەقىقەتەن ناھايىتى مۇشەققەتلىك ئەمەل-ئىبادەت، ئۇ مۇسۇلماننىڭ ئىمانى ۋە ئىرادىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى سىنايدۇ. مانا مۇشۇنداق سىناقتىن ئۆتكەن كىشىنىڭ ئىمانى ۋە ئىرادىسى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ. مۇسۇلمانلار روزىنى پۈتۈنلەي ئۆز ئاڭلىقلىقى بىلەن تۇتىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ مۇسۇلماننىڭ روھىي ھالىتى، جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋىتى ۋە مۇستەھكەم ئىرادىسى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ساپاسىدىن ئالىدىغان سىنىقىدۇر، ئاللاھ تائالا روزا ئارقىلىق مۇسۇلماننىڭ ئىرادىسىنى تاۋلايدۇ، ئىمانىنى مۇستەھكەملەيدۇ، ئۇلارنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس جاسارىتىنى يېتىلدۈرىدۇ، مۇسۇلماننىڭ قىيىن شارائىت ئاستىدىمۇ ياشىيالايدىغان ۋە ۋەسۋەسىلەرگە تاقابىل تۇرالايدىغان ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

 ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا قۇرئان كەرىمدە ئېيتىدۇركى: ”(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 110-ئايەت}.

ئاللاھ تائالا بىزنى ھەر يىللىق رامىزان روزىسى ئارقىلىق، ئاللاھنىڭ بۇرچىنى مۇكەممەل ئادا قىلالايدىغان ئۈممەت قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئىرادە قىلغان، شۇ ئارقىلىق ھاياتىمىزنى جاپا-مۇشەققەت بىلەن تاۋلاش، روھىمىزنى پاكلاش، ئىنسان خاراكتېرىدىكى ئاجىزلىقنى يوقىتىش، مۇسۇلماننىڭ ئىمانىنى كۈچەيتىش، ئېغىرچىلىقلاردىمۇ باتىلنى تاشلاپ ھەقىقەتنى تاللىيالايدىغان، كىشىنى ماددىي ھەۋەستىن قۇتۇلدۇرالايدىغان مۇستەھكەم ئىرادىلىك قىلىپ تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلغان.

3)  روزا ئىنساننىڭ ھاۋايى-ھەۋىسىنى تىزگىنلەيدۇ، سۆز-ھەرىكەتلىرىنى رۇسلايدۇ، كىشىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئاشۇرىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن: ”ھەر شەيئىنىڭ زاكىتى باردۇر، تەننىڭ زاكىتى روزىدۇر”(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا قۇرئان كەرىمدە يۇسۇف ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلىپ ئېيتقانكى: ”مەن ئۆزۈمنى ئاقلىمايمەن، نەپسى دېگەن نەرسە ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ؛ پەرۋەردىگارىم رەھمەت قىلىپ ساقلىغان ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر؛ ناھايىتى مېھرىباندۇر“{سۈرە«يۇسۇف»(12-سۈرە)، 53-ئايەت}.

نەپسى خاھىشنى تىزگىنلەش ناھايىتى قىيىن، ئەگەر نەپسى خاھىش ۋاقتىدا كونترول قىلىنمىسا، ئۇ خۇددى تەگسىز ھاڭغا ئوخشاش ئۇنى مەڭگۈ تولدۇرۇپ تۈزەپ بولغىلى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا دەل روزىدىن ئىبارەت بۇ پەرز ئەمەل ئارقىلىق ئىنساننىڭ نەپسى خاھىشىغا چەك قويۇپ، ئۆزىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئۇنى ئەخلاق ۋە قانۇننىڭ دائىرىسىدىن چەتنەپ، ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ، شەھۋەتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلىغان.

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا قۇرئان كەرىمدە ئېيتىدۇركى: ”پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ سوراققا تارتىلىشتىن قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ“{سۈرە«نازىئات»(79-سۈرە)، 40-، 41-ئايەت}.

روزا تۇتۇش ئەقلىيەتنىڭ نەپسى خاھىش ئۈستىدىن غالىپ كېلىشنى، دىلنى پاكلاشنى، سۆز-ھەرىكەتنى قېلىپلاشتۇرۇشنى، شۇنداقلا ئېسىل ئەخلاققا ئىگە بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. روزا پەقەت يېمەك-ئىچمەك ۋە شەھۋانىي ھەۋەستىن چەكلىنىشلا بولماستىن، ئۇ يەنە كۆز، قۇلاق، تەن ۋە قەلبمۇ بىرقىسىم ئىشلاردىن پەرھىز تۇتىدىغان ئەمەل-ئىبادەتتۇر، شۇڭا روزا كۈنلىرىدە يامان خىيالدا، ناشايان سۆز-ھەرىكەتلەردە بولماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن: يالغان گەپ ۋە يامان ئەمەلنى تاشلىمىغان ئادەمنىڭ روزا تۇتىمەن دەپ يېمەي-ئىچمەي يۈرۈشىگە ئاللاھ تائالا موھتاج ئەمەس”(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: ”شۇنداق روزىدارلار باركى، ئۇلارنىڭ روزىسىدىن ئاچلىق-ئۇسسۇزلۇقتىن باشقا پايدىسى يوقتۇر؛ شۇنداق ئىبادەت قىلغۇچىلار باركى، ئۇلارغا كېچىسى تۈنەپ تۇرغاندىن باشقا پايدىسى يوقتۇر“(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، روزا ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئەخلاق ۋە مەنىۋىيەت جەھەتتىكى ئەمەل-ئىبادەت تۈزۈمى، ئاللاھ تائالا بۇ پەرز ئىبادەت ئارقىلىق ئىنساننى ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان قىلىپ تەربىيەلەيدۇ. دېمەك روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىخلاسمەن، سەۋرچان، ئىتائەتمەن ۋە تۆھپىكار بولۇشى، ھەم ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە تەتبىقلاپ روزا تۇتۇشى، روزا ئارقىلىق ئەخلاق-پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

4)  روزا كىشىدە رەھىمدىللىك ۋە مېھىرىبانلىق روھىنى يېتىلدۈرىدۇ.

روزىنىڭ بىرىنچى رولى روزىدارغا ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنىڭ تەمىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈش، ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئادەمگە ئېلىپ كېلىدىغان ئازابلىرىنى ھېس قىلىدۇرۇشتۇر. چۈنكى، روزاىدار باي-كەمبەغەل دەپ ئايرىلمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلىشتا ھەممە ئادەم بارەۋەر. مانا بۇ ھەر كۈنى يەپ-ئىچىپ، ئويناپ-كۈلۈپ ياشايدىغان تۇرمۇشى پاراۋان كىشىلەرگە نامرات كىشىلەرنىڭ ئاچلىق ئازابىنى تېتىشىغا پۇرسەت ھازىرلاپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىش ۋە ھېسداشلىق قىلىش ھېسسياتىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ كەمبەغەللەرگە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن باشقىلار ئۇلاردىن جىددىي ياردەم سورىغاندا ياكى ياردەمگە چاقىرغاندا ئۇلار تاش يۈرەكلىك قىلمايدۇ، پەرۋاسىز بولۇۋالمايدۇ.

 ئۇنىڭ ئىككىنچى رولى، روزىدار بىر كۈنلۈك ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن بەھرىلىنىپ ھاياجانلانغان ۋاقىتتا، ئەتراپىدىكى تۇرمۇشتا قىينىلىۋاتقان نۇرغۇن نامراتلار ئېسىگە كېلىشى مۇمكىن، بۇ ئۇلاردا خەير-ئېھسان قىلىشتىن ئىبارەت بىرخىل ئاڭنى يېتىلدۈرۈپ، مەرت ۋە سېخىيلىق بىلەن نامراتلارغا ياردەم قىلىپ، ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق بەختكە ئېرىشىدىغان قىلىدۇ.

شۇ سەۋەبتىن روزا بىر تۈرلۈك ئەمەل-ئىبادەت، شۇنداقلا ئۇ ئىنساننى ئاقكۆڭۈل ۋە سەمىمىي، ئەخلاقلىق ۋە ساپالىق قىلىپ تەربىيەلەيدىغان تەلىم-تەربىيە يولىدۇر. ئاللاھ روزا ئارقىلىق كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تونۇتىدۇ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مېھرىبانلىق قىلىش، مېھر-شەپقەت يەتكۈزۈش، سېخىيلىق بىلەن خەير-ئېھسان قىلىشنى ئۆزىنڭ ئىجتىمائى مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى دەپ تونۇپ ئادا قىلىدىغان قىلىدۇ.

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا قۇرئان كەرىمدە ئېيتىدۇركى: ”ئۇلار پۇل-ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق(يەنى زاكات) بېرىدۇ“{سۈرە«مەئارىج»(70-سۈرە)، 24-، 25-ئايەت}.

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا يەنە ئېيتىدۇركى: ”سىلەر ئۆزۈڭلار ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن(ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلمىغۇچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر، سىلەر نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 92-ئايەت}.

روزىنىڭ بۇنداق رېئال ئەھمىيىتى ئۇنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان، باي-كەمبەغەللىك زىددىيىتىنى يوقىتىدىغان، ئىنسانلارنىڭ باراۋەرلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىدىغان ۋە ئىنسانىيەتنىڭ نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ئالاھىدە ئۇسۇلغا ئايلىنىدۇ.

5)  روزا ئىنساننىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق.

روزا ئادەم تېنىدىكى ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ماددا ئالمىشىشىغا پايدىلىق بولۇپ، ئاشقازاننىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىپ مۇۋاپىق ئارام ئالغۇزىدۇ، تەندىكى فۇنكسىيەنىڭ زىيادە چارچىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان قېرىش ۋە كېسەل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. چۈنكى روزا ئاشقازان ۋە ئۈچەينى بىر قېتىملىق تولۇق تازىلاپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە تۇرۇپ قالغان ياكى يۇشۇرۇنغان كېسەل باكتېرىيەلىرىنى ۋە زەھەرلىك ماددىلارنى يوقۇتىدۇ، شۇ ئارقىلىق يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاشقازاننى پاكىزلاپ، ئۈچەينى تازىلاپ، قاننى ساپلاشتۇرۇپ تەن سالامەتلىكنى ياخشىلايدۇ.

روزا بىر تۈرلۈك ئالاھىدە دىنىي قائىدە بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭقۇر مەنىسى ۋە ئەھمىيىتى بار. ئەگەر ھازىرقى زامان تېبابەت ئىلمىگە ئاساسەن چۈشەندۈرۈلسە، ئۇنداقتا ئۇنى يېمەك-ئىچمەكنى تەرتىپكە سېلىش، قاندىكى ماينى تەڭشەش، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ۋە تەن ساقلىقىنىڭ دەۋرىيلىك كۈتۈلۈشى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئاللىبۇرۇنلا بىزگە تەلىم بېرىپ مۇنداق دېگەن: ”بىرىڭلار تاماق يېسە ئۈچتىن بىرىگە تاماق يېسۇن، ئۈچتىن بىرىگە سۇ ئىچسۇن، ئۈچتىن بىرىنى بوش قويسۇن”(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

بۇ مېغىزلىك تەلىملەرگە چوڭقۇر مەنالار يوشۇرۇنغان. رامىزاننى تەرك ئەتمەي تۇتقان، ھالال پاكىز يېمەك-ئىچمەكنى ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن ياشانغان مۇسۇلمانلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ياخشى، مانا بۇ روزىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىدۇر.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: ”روزا تۇتۇڭلار، ساغلام بولىسىلەر”(ئەبۇ نەئىم رىۋايەت قىلغان).

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئىسلام دىنىمىزنىڭ مۇھىم پەرزى بولغان روزا ئىنساننىڭ سالامىتىگە ۋە زېھنىي كۈچىگە تەسىر يەتكۈزمەيلا قالماستىن، بەلكى ھەزىم سىستېمىسى، نېرۋا سىستېمىسى ھەمدە باياشاتچىلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان نۇرغۇن كېسىەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بار. شۇنداقلا شەخسىيەتچىلىك، تەمەخورلۇق، بېخىللىق، ئىسراپخورلۇق، تەكەببۇرلۇق، ھەسەتخورلۇق، چۈشكۈنلۈك، تېرىككەكلىك، ھورۇنلۇققا ئوخشاش كىشىلەردىكى نۇرغۇن پىسخىك كېسەلنى داۋالاشتا ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش ئۈنۈمى بار. شۇڭا مۇسۇلمانلار روزىدىن پايدىلىنىپ سالامەتلىكىنى تەڭشەيدۇ، زەھەرلىك ئامىللارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغاپ، ھاياتلىقنى تېخىمۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق تەننىڭ سالامەتلىكى، جەمئىيەتنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

روزا مۇسۇلمانلارنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، ئەسلىدە قىلىش جائىز سانىلىدىغان ئىشلارنى تەرك ئېتىشكە بۇيرۇيدۇ، بۇ ”قىلالايدىغان تۇرۇقلۇق ئۆزلۈكىدىن قىلماسلىق“ يولى بىلەن، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىش، ئىرادىنى تاۋلاش، سەۋرچانلىقنى مەشىق قىلىش، شىجائەت يېتىلدۈرۈش، ئەخلاقنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بۇ ئارقىلىق روزىنىڭ روھىنى تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە ياخشىلىققا ئىنتىلىش ۋە يامانلىقتىن يىراق تۇرۇش، ئاجىزلارغا غەمخورلۇق قىلىش، كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇش، تەكەببۇرلۇق ۋە تېرىككەكلىكنى ئۆزگەرتىش مەقسەت قىلىنىدۇ.

ئەھلى جامائەت! بىز رامىزاننىڭ ئېلىپ كېلىدىغان مەنپەئەتلىرى ۋە ئۇنىڭدا يوشۇرۇنغان چوڭقۇر ھېكمەتلىرىنى بىلگەن ئىكەنمىز، ئۇلۇغ رامىزان ئېيى كەلگەندە ھەربىر مۇسۇلمان بۇ ئۇلۇغ ئاينى قەدىرلىشى، پەرزنى ئادا قىلىشى، ئىبادەتنى تاماملىشى، ئىدىيەسىنى ساپلىشى، روھىنى پاكلىشى لازىم. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا ھەممىمىزنى ئىمانى مۇستەھكەم، ئەمەل-ئىبادىتى كامىل مۇسۇلمانلاردىن قىلغاي، ئامىن!

(«يېڭى ۋەز-تەبلىغلەر»‹5-توپلام›دىن ئېلىندى)

 

يەنە >>سۈرەتلەر