مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > رامىزان بىلىملىرى

تەراۋىھ نامىزى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-06-08   

تەراۋىھ“ سۆزى ”ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئولتۇرۇش ۋە دەم ئېلىش“ دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. بۇ نام بىلەن قىلىنىدىغان نامازنىڭ تۆت رەكىتىدە بىر دېمىنى ئېلىۋېلىش ئادەت بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەراۋىھ دېگەن نام بېرىلگەن. ھەدىس ۋە فىقھە كىتابلىرىدا بۇ ناماز ”رامىزان كېچىسى نامىزى“ نامى بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. تەراۋىھ نامىزى رامىزان كېچىلىرىگە خاس بىر سۈننەت ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ نامازنى ئوقۇغان مۇئمىنلەرنىڭ ئاللاھ رىزاسىغا ئېرىشىدىغانلىقى، گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە خۇشخەۋەر بېرىپ، ئۈممىتىگە بۇ نامازنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلغان.

مۇسۇلمانلار ئۈچۈن سۈننەت بولغان تەراۋىھ نامىزىنى ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېرىپ، تۆت رەكئەتتە بىر سالام بېرىپمۇ ئوقۇش مۇمكىن. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىكى دەۋرىدە بۇ ناماز مەسچىتتە جامائەت بىلەن بىللە 20 رەكئەت قىلىپ ئوقۇلۇشقا باشلىغان، بۈگۈنگىچە ئىسلام دۇنياسىدا كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلار بۇ نامازنى 20 رەكئەت قىلىپ ئوقۇماقتا.

تەراۋىھ نامىزى ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېرىپ ئوقۇلسا بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدەك، تۆت رەكئەتتە بىر سالام بېرىلىپ ئوقۇلسا پېشىن نامىزىنىڭ تۆت رەكئەت سۈننىتىدەك ئوقۇلىدۇ. بىر ئايلىق تەراۋىھ نامىزىدا قۇرئاننى خەتمە قىلىش سۈننەتتۇر. تەراۋىھ نامىزىنى جامائەتنى زېرىكتۈرمەيدىغان يېنىك شەكىلدە ئوقۇش ياخشىدۇر. )ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەييارلىغان(

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2006-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر