سوھۇر: ئىمساك ۋاقتىدىن ئاۋۋال قوپۇپ يېيىلىدىغان تائامنىڭ ئاتىلىشىدۇر. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: ”سوھۇرلۇق يەڭلار، چۈنكى سوھۇرلۇقتا بەرىكەت باردۇر“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دەپ، رامىزان كېچىلىرىدە سوھۇر ۋاقتىدا قوپۇشىمىزنى تەۋسىيە قىلغان. رامىزان ئېيىدا روزا تۇتماقچى بولغان كىشىنىڭ ئىمساك ۋاقتىدىن ئاۋۋال سوھۇرلۇق يېيىشى مۇستەھەبتۇر.
دۇئالار قوبۇل بولىدىغان ۋاقىتلاردىن بىرىمۇ رامىزان كېچىلىرىدىكى سوھۇر ۋاقتىدۇر. روزا تۇتقۇچى سوھۇر ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرغىنىدا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىشى، كېچە ۋە كۈندۈزدە مۇمكىنقەدەر قۇرئان ئوقۇشى، ئاللاھنى زىكرى قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش بىلەن مەشغۇل بولۇشى كېرەك. روزىدار كىشى يەنە قۇرۇق، بىھۇدە گەپلەردىن، غەيۋەتتىن ساقلىنىشى لازىم.
ئىپتار: ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن پەرز ياكى نەپلە روزا تۇتقان بىر مۇسۇلماننىڭ كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن ئېغىزىنى ئېچىش ئۈچۈن يەيدىغان تائامنىڭ ئاتىلىشىدۇر. ئىپتار ۋاقتى دۇئا قوبۇل بولىدىغان مۇبارەك بىر ۋاقىتتۇر، مۇسۇلمانلار ھېس قىلغان سۆيۈنۈش، ئاللاھ خالىسا ئاخىرەتتە ئېرىشىدىغان جەننەت نېمەتلىرى ۋە چەكسىز خۇشاللىقىنىڭ بىر خەۋەرچىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىپتارنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ”روزىدارنىڭ ئىككى خۇشاللىقى باردۇر: بىرى ئىپتار قىلغاندا، يەنە بىرى ئاللاھقا مۇلاقات بولغاندا “(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دېگەن. ئىپتاردا كەمبەغەللەر، قوشنىلار ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ھەمداستىخان بولۇشىمۇ چوڭ بىر خۇشاللىق ۋەسىلىسىدۇر.
خۇلاسە كالام، روزىمىزنى روزىنىڭ شەرتلىرىگە رىئايە قىلىپ، ھەم سوھۇرى ھەم ئىپتارى بولغان ھالەتتە تۇتۇشىمىزنىڭ روزا رامىزاندىن كۈتۈلىدىغان ماددىي ۋە مەنىۋى پايدىنى ئارتتۇرۇپ، ئەجىر-ساۋابنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك.
)ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەييارلىغان(
(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2006-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى)