مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > رامىزان بىلىملىرى

رامىزاننىڭ مەنىۋى مۇھىتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-06-08   

مۇبارەك رامىزان ئېيى مەنىۋىيەت ۋە خۇشاللىق ئىقلىمىنىڭ ئەڭ بەرىكەتلىك ۋاقتى؛ بىرلىك، باراۋەرلىك، ئىجتىمائىي ياردەم ۋە ئۆزئارا تونۇشۇش بۇ جەمئىيەت ھاياتىدا دەۋر سۈرىدىغان بىر ئايدۇر. قۇرئان كەرىمدە زىكرى قىلىنغاندەك، مىڭ ئايدىنمۇ ئارتۇقراق(خاسىيىتى) بولغان قەدر كېچىسى كېلىدىغان، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم جەننەت ئىشىكلىرىنىڭ ئېچىلىپ، دوزاخ ئىشىكلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىدىن ۋە شەيتاننىڭ زەنجىر بىلەن باغلىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن بۇ مۇبارەك ئاي باشقا ئاي ۋە ۋاقىتلارغا قارىغاندا بىزنىڭ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىمىزدا ناھايىتى مۇھىم ۋە قىممەتلىك بىر ئايدۇر.

ئىنسانلىق ئۇپۇقلىرىنى قارايتىدىغان  بىلىمسىزلىك، زالالەت، زۇلۇم ۋە شەھۋەت بۇلۇتلىرى ھەر تەرەپنى قاپلىغان جاھىلىيەت دەۋردە پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ھىدايەت يولىغا باشلىغۇچى قۇرئان كەرىم مۇشۇ مۇبارەك ئايدا نازىل بولۇشقا باشلىغان. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلىدۇ: ”(روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان ساناقلىق كۈنلەر) ئىنسانلارغا يېتەكچى، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان رامىزان ئېيىدۇر. شۇڭا، سىلەردىن كىمكى بۇ رامىزان ئېيىنى كۆرسە، روزا تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، (تۇتالمىغان كۈنلىرى ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ...“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 185-ئايەت}.

بۇ مۇبارەك ئايدا قۇرئان كەرىمنى مەنىسى بىلەن چۈشىنىپ تۇرۇپ بىر ئۆتكۈزۈش كىشىگە پىكىر-چۈشەنچە روشەنلىكى  ۋە كۆڭۈل ھۇزۇرى بەخش ئېتىدۇ. ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىش ئۈمىدى بىلەن تۇتۇلغان روزا، نامرات بىچارىلەرگە بېرىلگەن زاكات ۋە سەدىقە-پىتىرلەر ھەمدە جامە-مەسچىتلەردە جامائەت بولۇپ ئوقۇلىدىغان تەراۋىھ نامىزى مۆمىنلەرگە مەنىۋىيەت ھۇزۇرى ئېلىپ كېلىدۇ.

ئەخلاق ۋە ئىنسانىي قىممەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، يۈكسىلىشى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشىلىق، گۈزەللىك ئېڭى كۈچىيىدىغان بۇ مۇبارەك ئاي خۇشاللىق  ۋە مۇھەببەت ئىچىدە قۇتلۇقلىنىشى كېرەك.

)ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەييارلىغان(

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2006-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى)

 

يەنە >>سۈرەتلەر