مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > رامىزان بىلىملىرى

مەرھابا، رامىزان!

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-25   
 
ئادىل ھاجى كېرىم
 
ئالدى بىلەن بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئايلار ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ ھۆرمەتلىك بولغان، ياخشىلىق ۋە بەرىكەتكە تولغان مۇبارەك ئاي: رامىزان ئېيىنى قۇتلۇقلايمەن.
رامىزان ئېيى ئايلار ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ ھۆرمەتلىك مۇبارەك ئايدۇر، ئۇ ياخشىلىق ۋە بەرىكەتكە تولغان ئايدۇر، بۇ مۇبارەك ئاي سەۋرنىڭ ئېيىدۇر، ئۇنىڭ مۇكاپاتى جەننەتتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى باشقا بارلىق ئايلاردىن ئۇلۇغ ۋە ھۆرمەتلىك قىلدى، ئۇنى نۇرغۇن پەزىلەتلەر ۋە ئۇلۇغ ئىمتىيازلار بىلەن خاسلىدى. كىمكى بۇ ئايدا بىر روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرسا، مول ساۋابقا نائىل بولىدۇ. كىمكى بۇ مۇبارەك ئاينىڭ روزىسىنى چىن ئىمانى بىلەن، ئاللاھدىن ساۋاب كۈتۈش ئۈمىدىدە تۇتسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.
بۇ شۇنداق بىر مۇبارەك ئايكى، قۇرئان كەرىم رامىزان ئېيىدا نازىل بولۇشقا باشلىغان:”رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 185-ئايەت}. شۇڭا رەسۇلۇللاھمۇ بىر ھەدىسىدە:”بەندىلەر ئەگەر رامىزان ئېيىدىكى ياخشىلىقلارنى بىلسە ئىدى، مېنىڭ ئۈممىتىم يىلنىڭ ھەممە ئېيىنىڭ رامىزان بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان بولاتتى“ دېگەن(تەبەرانى رىۋايەت قىلغان).
 بۇ شۇنداق بىر ئايكى، بۇ مۇبارەك ئايدا شەرەپ ۋە پەزىلەتتە مىڭ ئايدىن ئارتۇق بولغان قەدىر كېچىسى باردۇر. مىڭ ئايدىن خەيرلىك بولغان قەدىر كېچىسىنىڭ رامىزان ئېيىغا بەلگىلەنگەنلىكى بۇ مۇبارەك ئاينىڭ شەرەپ ئۈستىگە شەرەپ قازانغان ئەڭ قەدىرلىك ئاي بولۇشىغا يېتەرلىكتۇر: شەبى قەدرى كېچىسى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر{سۈرە«قەدىر»(97-سۈرە)، 3-ئايەت).
بۇ شۇنداق بىر مۇبارەك ئايكى، ئۇنىڭ ئاۋۋىلى رەھمەت، ئوتتۇرىسى مەغپىرەت، ئاخىرقىسى دوزاختىن ئازاد بولۇشتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئېيتقانكى: ئى خالايىق! سىلەرگە ئۇلۇغ، مۇبارەك بىر ئاي كەلدى، بۇ ئايدا بىر كېچە باركى، ئۇ مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر، ئاللاھ بۇ ئاينىڭ روزىسىنى پەرز، كېچىدىكى قىيامدا تۇرۇشنى نەفلە ئەمەل قىلدى، كىمكى بىر ياخشى ئەمەل بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىشنى ئۈمىد قىلسا، ئۇ باشقا ئايدا بىر پەرزنى ئادا قىلغاندەك بولىدۇ؛ كىمكى (بۇ مۇبارەك ئايدا)بىر پەرزنى ئادا قىلىدىكەن، باشقا ئايدا 70 پەرزنى ئادا قىلغاندەك بولىدۇ؛ ئۇ سەۋرنىڭ ئېيىدۇر، سەۋرنىڭ ساۋابى جەننەتتۇر، ئۇ ئۆزئارا ياردەملىشىشنىڭ ئېيىدۇر، ئۇ مۇئمىنلەرنىڭ رىزقى زىيادە قىلىنىدىغان ئايدۇر، كىمكى بۇ ئايدا بىرەر روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرىدىكەن، (بۇنىڭ سەۋەبى بىلەن)ئۇنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىپ، دوزاخ ئازابىدىن قۇتۇلىدۇ (ئىبنى خۇزەيمە رىۋايەت قىلغان).
بۇ شۇنداق بىر ئايكى، بەندىلەرنىڭ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ قىلغان دۇئالىرى ئىجابەتتۇر. ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھقا خىتاب قىلىپ ئېيتىدۇركى:مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرىلىق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن(يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن ){سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 186-ئايەت}.
بۇ مۇبارەك ئاي ياخشىلىق ۋە سىلە-رەھىم قىلىش ئېيىدۇر. كىشىلەر بۇ مۇبارەك ئايدا كۆپ خەيرلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ، كىمكى بۇ ئايدا ياخشىلىق ئەمەللىرىدىن بىر ئەمەلنى قىلسا، ئۇنىڭغا باشقا بىر ئايلاردا بىر پەرزنى ئادا قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇددۇسىدا ئېيتىدۇركى: مەن رەھماندۇرمەن(يەنى رەھىم-شەپقەتلىك پەرۋەردىگاردۇرمەن)، سىلە-رەھىمنى ئۆزۈم ياراتقانمەن، سىلە-رەھىمگە ئۆزۈمنىڭ ئىسمى ئەزەمىمدىن ئېلىپ ئىسىم قويدۇم، كىمكى سىلە-رەھىمنى ئۇلىسا، مەن ئۇنى ئۇلايمەن، كىمكى ئۇنى ئۈزۈپ قويسا، مەنمۇ ئۇنى ئۈزۈپ قويىمەن“(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان). ئەنەس ئىبنى مالىكتىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: ئاللاھ تائالا رامىزان ئېيىدا ئىلىم مەجلىسىگە ھازىر بولغان كىشىنىڭ ھەربىر بېسىپ كەلگەن قەدەمىگە بىر يىللىق نەفلە ئىبادەتنىڭ(ساۋابى)نى پۈتۈۋېتىدۇ، ئۇ ئەرش سايىسىدا بولىدۇ. ئاتا-ئانىسىغا رامىزاندا ياخشىلىق قىلغان پەرزەنتكە ئاللاھنىڭ رەھمەت نەزىرى چۈشىدۇ. رامىزاندا ئەرلىرىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن ئاياللارغا بۈۋى مەريەم ۋە (پىرئەۋننىڭ ئايالى)ئاسىيەنىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ. ئاللاھ رامىزان ئېيىدا بۇرادەرلىرىنىڭ بىرەر ھاجىتىدىن چىققانلارغا، قىيامەت كۈنىسىدە ئۇنىڭ مىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ.
بۇ مۇبارەك ئاي بەرىكەت ئېيىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئېيتقانكى: بەرىكەتلىك رامىزان ئېيى سىلەرگە يېتىپ كەلدى، بۇ ئايدا ئاللاھ سىلەرنى رەھمەت ۋە مەغپىرەت بىلەن قارشى ئالىدۇ، خاتالىقلىرىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىدۇ، بۇ ئايدا ئاللاھ سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللەرگە بەس-بەستە ئالدىرىشىڭلارغا نەزەر سالىدۇ، پەرىشتىلەر سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ، بۇ ئايدىكى ئاللاھنىڭ ئىنئاملىرىغا ئېرىشىشكە ئالدىراڭلار! ھەقىقىي بەختسىز ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايدىكى رەھمەتلىرىدىن مەھرۇم قالغانلاردۇر(ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).
بۇ مۇبارەك ئاي خەير-ئېھسان قىلىش ئېيىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئەڭ سېخىي زات ئىدى، بولۇپمۇ مۇبارەك رامىزان ئېيىدا سېخىلىقى تېخىمۇ ئېشىپ كېتەتتى. ئابدۇللا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:رەسۇلۇللاھ كىشىلەر ئىچىدە ئەڭ سېخىي زات ئىدى، ئۇ رامىزان ئېيىدا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقاندا تېخىمۇ سېخىي بولۇپ كېتەتتى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام رامىزان چىقىپ كەتكىچە ھەر كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلەتتى، ئۇ زات جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننى ئوقۇپ (تىڭشىتاتتى)، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقاندا، ياخشىلىق قىلىشتا مەيىن شامالدىنمۇ بەك سېخىي بولۇپ كېتەتتى“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى:سىلەر شۇنداق كىشىلەر سىلەركى، ئاللاھنىڭ يولىدا(پۇل-مال) سەرپ قىلىشقا چاقىرىلساڭلار، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بېخىللىق قىلىدىغانلار بار، كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن بېخىللىق قىلىدۇ، ئاللاھ(سىلەرنىڭ مال-مۈلكۈڭلاردىن) بىھاجەتتۇر، سىلەر بولساڭلار (ئاللاھقا) موھتاجسىلەر، ئەگەر سىلەر(ئاللاھنىڭ تائىتىدىن)يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ، ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ(بەلكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدۇ){سۈرە«مۇھەممەد»(47-سۈرە)، 38-ئايەت}.
رەسۇلۇللاھ ئېيتقانكى: ”سېخىلىق بىر تۈرلۈك دەرەخ بولۇپ، ئۇنىڭ يىلتىزى جەننەتكە جايلاشقان، ئۇنىڭ شاخلىرى دۇنياغا ساڭگىلاپ تۇرغان، كىمكى ئۇنىڭدىن بىر شاخقا ئېسىلسا، ئۇ ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ بارىدۇ. بېخىللىق يەنە بىر تۈرلۈك دەرەخ بولۇپ، ئۇنىڭ يىلتىزى دوزاخقا جايلاشقان، شاخلىرى دۇنياغا ساڭگىلاپ تۇرغان، كىمكى ئۇنىڭدىن بىر شاخقا ئېسىلسا، ئۇ ئۇنى دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ“(ئىبنى ئىراق كەنانى رىۋايەت قىلغان). يەنە ئېيتقانكى: ”خەيرى- ساخاۋەت قىلغىن، سىقىپ تۇرىۋالمىغىن، ئۇنداق قىلساڭ ئاللاھمۇ ساڭا كۆپ نەرسە بەرمەيدۇ، پىخسىقلىق قىلىپ چىڭ تۇتىۋالمىغىن، ئۇنداق قىلساڭ ئاللاھ رىزقىڭنى تارايتىپ قويىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ: كىمكى رامىزاندا ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىنى چىراق بىلەن يورۇتىدىكەن، شۇ چىراق ئۇنىڭغا قەبرىدە نۇر بولىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا تىنىمسىز ئىستىغپار ئېيتىدۇ(«زەخىرەتۇل ئابىدىن»).
بۇ مۇبارەك ئاي زىكىر-دۇئا ئېيىدۇر. دۇئا شۇنداق پەزىلەتلىك ۋە پايدىلىق بىر ئىبادەتكى، مۇسۇلمان بەندە ئاللاھ تائالادىن ھاجەتلىرىنى سوراش ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلغاندا، ئۇ بەندە ئۈچ تەرەپتىن پايدىغا ئېرىشىدۇ: بىرىنىچىدىن، بەندە ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ ئۇنى سۆيۈندۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، دۇئا ئىبادەت ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئىبادەتنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ئۇنىڭ سورىغان ھاجەتلىرى ئىجابەت بولىدۇ. ناۋادا سورىغانلىرى ئىجابەت بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ساۋابىنى چوقۇم كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ”مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرىلىق سورىسا(ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن(يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن “{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 186-ئايەت}.
رامىزان ئېيىنىڭ ھەر كۈنىدە قوبۇل بولىدىغان بىر دۇئا باردۇر. رەسۇلۇللاھ ئېيتقانكى: ھەقىقەتەن، رامىزاننىڭ ھەر كۈنىدە بارچە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قوبۇل بولىدىغان بىر دۇئا بار(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). رەسۇلۇللاھ يەنە ئېيتقانكى: ئۈچ كىشىنىڭ دۇئاسى قايتۇرۇلمايدۇ: روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئىپتار ئالدىدا قىلغان دۇئاسى، ئادىل ئىمام ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).
بۇ مۇبارەك ئاي تەۋبە، مەغپىرەت ۋە رەھمەت ئېيىدۇر. رامىزان ئېيىدا مەغپىرەتتىن مەھرۇم قالغان ئادەم زىيان تارتقۇچىلاردىن سانىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئېيتىدۇركى: كىمكى رامىزاننىڭ كەلگىنىدىن خۇشال بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تېنىنى جەھەننەمگە ھارام قىلىدۇ؛ رامىزان ئېيىنىڭ بىرىنچى كېچىسىدە شەيتانلارغا تاقاق سېلىنىدۇ، دوزاخلارنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، جەننەت ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ. رامىزان كېچىسىنىڭ ھەر بىرىدە ئاللاھ تائالا ئۈچ قېتىم: سورىغۇچىلار بارمۇ؟ سورىغىنىنى بېرىمەن. تەۋبە قىلغۇچىلار بارمۇ؟ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلىمەن. ئىستىغپار قىلغۇچىلار بارمۇ؟ مەغپىرەت قىلىمەندەيدۇ. پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم يەنە ئېيتقانكى:رامىزان ئېيىنىڭ بىرىنچى كېچىسى يېتىپ كەلگەندە، ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ’كىمكى مېنى ياخشى كۆرسە، مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىمەن. كىمكى مېنى سورىسا، مەنمۇ ئۇنى سورايمەن. كىمكى مەندىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، مەن ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى رامىزان ھۆرمىتى يۈزىسىدىن كەچۈرىمەن‘ . ئاللاھ تائالا رامىزان ئېيى كەلگەندە ئەمەللەرنى يېزىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەرگە: ئۇلارنىڭ پەقەت ياخشىلىقلىرىنى يېزىڭلار، گۇناھلىرىنى يازماڭلاردەپ بۇيرۇيدۇ. رامىزان ئېيىنىڭ شاراپىتى بىلەن مۇئمىن بەندىلەرنىڭ كىچىك گۇناھلىرى كەچۈرۈلىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئېيتقانكى: بەندە چوڭ گۇناھلاردىن يىراق بولىدىغانلار بولسا، بەش ۋاخ ناماز جۈمە بىلەن يەنە بىر جۈمە، رامىزان بىلەن يەنە بىر رامىزان ئارىلىقتىكى گۇناھلارغا كەپپارات بولىدۇ(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىستىن شۇ مەنە چىقىدۇكى، بەش ۋاخ نامازنى ۋە جۈمە نامازلىرىنى ۋاقتىدا، دۇرۇس ئادا قىلىدىغان، رامىزان روزىسىنى تۇتىدىغان بەندە ئەگەر چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنالىسا، ئۇنىڭ كىچىك گۇناھلىرى يۇقىرىدىكى ئىبادەتلەر يۈزىسىدىن مەغپىرەت قىلىنىدۇ. بۇ ھەدىس شەرىف ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىنى قۇۋۋەتلەيدۇ:ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل جەننەتكە كىرگۈزىمىز[سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 31- ئايەت].
ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن:سىلەردىن بىرىڭلار رامىزان ئېيىدا ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ، تۆشىكىدە ئۇيان- بۇيانغا ئۆرۈلۈپ يۈرسە، بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا:’تۇر، ئاللاھ ساڭا بەرىكەت بەرسۇن‘، دەيدۇ. شۇندىلا بەندە ناماز ئوقۇش نىيىتىدە ئورنىدىن تۇرسا، ئۇنىڭ ھەققىگە تۆشىكى دۇئا قىلىپ:’ئى پەرۋەردىگار! ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ ئېسىل تۆشەكلىرىدىن(كۆرپىلىرىدىن) ئاتا قىل‘دەيدۇ. كىيىمىنى كىيىنگىنىدە، ئۇ:’ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا جەننەت كىيىملىرىدىن ئاتا قىل‘دەپ دۇئا قىلىدۇ. ئايىغىنى كەيگىنىدە، ئۇ:’ئى ئاللاھ! ئۇنىڭ قەدىمىنى سىرات كۆۋرۈكىدە سابىت قىل‘، دەپ ئىلتىجا قىلىدۇ. تاھارەت ئالغاندا، سۇ: ’ئى ئاللاھ! ئۇنى گۇناھ ۋە خاتالىقلاردىن پاك قىل‘، دەيدۇ. ناماز ئوقۇشقا كىرىشسە، ئۆيى: ’ئى ئاللاھ! ئۇنىڭ قەبرىسىنى كەڭ ۋە نۇرلۇق قىل‘، دەيدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رەھمەت نەزەرى بىلەن قارايدۇ. دۇئا قىلغىنىدا ئاللاھ تائالا: ’ئى بەندەم! سەندىن دۇئا، مەندىن ئىجابەت! سەندىن سوراش، مەندىن بېرىش! سەندىن ئىستىغپار، مەندىن بولسا مەغپىرەتتۇر‘ دەيدۇ(«زۇبدەتۇل ۋائىزىين»دە رىۋايەت قىلىنغان).
بۇ مۇبارەك ئاي شەيتانلار باغلىنىدىغان ئايدۇر. رەسۇلۇللاھ ئېيتقانكى: رامىزان ئېيى كىرىشى بىلەن جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىستىكى”شەيتانلار باغلىنىدۇ“دېگەن ئىبارە رامىزان ئېيىنىڭ شاراپىتى بىلەن شەيتانلارنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرۇش كۈچى ئاجىزلىشىدىغانلىقىنى ۋە كىشىلەرنىڭمۇ بۇ ئايدا شەيتانىي ھەۋەسلەرگە ئالدانمايدىغان تەقۋالىققا ھەم چىن ئىرادىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
بۇ مۇبارەك ئاي دوزاختىن نىجات تېپىش ئېيىدۇر. رەسۇلۇللاھ ئېيتقانكى: قاچانكى، رامىزاننىڭ تۇنجى كېچىسى كىرسە، شەيتانلارغا ۋە جىنلارنىڭ سەركەشلىرىگە تاقاق سېلىنىدۇ، دوزاخ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، ئۇلاردىن بىرەر ئىشىكمۇ ئېچىلمايدۇ. جەننەت ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، ئۇلاردىن بىرەر ئىشىكمۇ ئېتىلمەيدۇ. بىر نىدا قىلغۇچى: ئى ياخشىلىق قىلغۇچىلار! ساۋاب ئىشلارغا ئالدىراڭلار؛ ئى يامانلىق قىلغۇچىلار! گۇناھ ئىشلاردىن يېنىڭلار دەپ نىدا قىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ دوزاختىن ئازاد قىلىدىغان بەندىلىرى بار بولۇپ، (ئۇلار رامىزاننىڭ)ھەر كېچىسى شۇنداق (ئازاد)قىلىنىدۇ(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). يەنى ئاۋۋال دوزاخقا چۈشۈشكە لايىق بولۇپ قالغان بەندىلەردىن بەزىلىرى رامىزاننىڭ شاراپىتىدە، ئاللاھ دەرگاھىدىن كەچۈرۈلۈپ دوزاختىن ئازاد قىلىنىدۇ.
بۇ مۇبارەك ئاي جەننەت ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، دوزاخ ئىشىكلىرى تاقىلىدىغان ئايدۇر. چۈنكى بۇ مۇبارەك ئايدا جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولىدىغان خەيرلىك ئىشلار ۋە سالىھ ئەمەللەر كۆپ قىلىنىدۇ. دوزاخقا كىرىشكە سەۋەب بولىدىغان گۇناھلار، ھاياسىز ئىشلار ئاز بولىدۇ. جەننەت ئىشىكلىرى مۇسۇلمانلارنى خەيرلىك ئىشلارغا ئالدىراشقا تەرغىپ قىلىپ ئېچىلىدۇ، دوزاخ ئىشىكلىرى بولسا، بەندىنى گۇناھلاردىن يانغان، ئىستىغپار ئېيتقان، قىلغان گۇناھلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، قايتا قىلماسلىققا نىيەت قىلغان ھالدا تەۋبە قىلىشقا تەرغىپ قىلىپ تاقىلىدۇ. رامىزاندا جەننەتنىڭ جىمى ئىشىكلىرىنىڭ ئېچىلىشى، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ رامىزان ئېيىدا يەر يۈزىگە كۆپلەپ نازىل بولۇشىغا ئىشارەتتۇر. رەسۇلۇللاھ ئېيتقانكى: ”جەننەتتە رەييان (ئۇسسۇزلۇق ھېس قىلىنمايدىغان)ئىسىملىك بىر ئىشىك بار بولۇپ، روزىدارلار قىيامەت كۈنى بۇ ئىشىكتىن كىرىدۇ، ئۇلاردىن باشقىلار بۇ ئىشىكتىن كىرەلمەيدۇ. قىيامەت كۈنىدە روزا تۇتقانلار قېنى؟ دېيىلىدۇ ۋە روزا تۇتقۇچىلار توپلىشىپ بۇ ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىشىدۇ. ئاندىن ئۇلار بۇ ئىشىكتىن جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلاردىن باشقا ھېچكىم بۇ ئىشىكتىن كىرەلمەيدۇ، ئۇلار كىرىپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئىشىك تاقىلىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). مانا بۇ دۇنيا دىيارىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ روزا تۇتقان كىشىلەرگە ئاخىرەتتە بېرىلىدىغان كاتتا ئىنئاملاردۇر.
بۇ مۇبارەك ئاي قۇرئان تىلاۋىتى ئېيىدۇر. رەسۇلۇللاھ بۇ مۇبارەك ئايدا قۇرئاننى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدا تولۇق ئۆتكۈزەتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتى بولىدىغان يىلىدا بولسا، ئۇ زات قۇرئاننى بۇ ئۇلۇغ پەرىشتىنىڭ ھۇزۇرىدا ئىككى قېتىم ئۆتكۈزگەن. ئۇ زات رامىزان ئېيىدا قۇرئان تىلاۋىتىنى تېخىمۇ كۆپ قىلاتتى. ئىلگىرى ئۆتكەن سالىھلىرىمىزمۇ بۇ ئايدا قۇرئاننى بىر نەچچە قېتىم خەتمى قۇرئان قىلىپ چىقاتتى. شۇڭا پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم:جەننەت تۆت تۈرلۈك كىشىلەرگە مۇشتاقتۇر. ئۇلار قۇرئان ئوقۇغۇچىلار، تىلىنى يامان سۆزلەردىن ساقلىغۇچىلار، ئاچ قالغانلارغا تائام بەرگۈچىلەر ۋە رامىزان ئېيىدا روزا تۇتقۇچىلاردىن ئىبارەتدېگەنىدى(«رەۋنەقۇل مەجالىس»).
بۇ مۇبارەك ئاي مۇكاپات ئېيىدۇر. پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  ”ئادەم بالىسىنىڭ ھەرقانداق ئەمەلدىن بىرەر نېسىۋىسى بولىدۇ، پەقەت روزا ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى ئۇ، ماڭا رىيادىن خالىي ھالدا خالىس قىلىنغان ئەمەلدۇر، ئۇنىڭغا ئۆزەم مۇكاپات بېرىمەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). چۈنكى روزا رىيادىن خالىي ھالدا ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر. روزا باشقا ئىبادەتلەر كەبى ئىنسان كۆرەلەيدىغان، ھەممە ئادەم خەۋەردار بولالايدىغان ئەمەل ئەمەس. ئۇنى ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم كۆرمەيدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا بۇ ئەمەلنىڭ مۇكاپاتى يالغۇز ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنى قۇشلارنىڭ قانىتىدەك قانىتى بار ئىنسانلار كېلىدۇ. ئۇلار قاناتلىرى بىلەن جەننەتنىڭ تاملىرى ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرگىنىدە، جەننەت مۇھاپىزەتچىلىرى: سىلەر كىملەر؟ دەپ سورايدۇ. ئۇلار: مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام)نىڭ ئۈممەتلىرىدىن بولىمىز، دېيىشىدۇ. ھېساب-كىتابنى كۆردۈڭلارمۇ؟ دەپ سورالغاندا، ياق، دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: سىلەر بۇ مەرتىۋىگە نېمە بىلەن ئېرىشتىڭلار؟ دەپ سورايدۇ. ئۇلار: بىز دۇنيا دىيارىدا ئاللاھقا (رىيادىن خالىي)يوشۇرۇن ئىبادەت قىلغان ئىدۇق، ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالامۇ بىزنى جەننەتكە مەخپىي ھالەتتە كىرگۈزمەكتەدەيدۇ («زۇبدەتۇل ۋائىزىن»).
پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ”ئادەم بالىسىنىڭ ھەر قانداق ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇددۇسىدا مۇنداق دەيدۇ: پەقەت روزا ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى ئۇ، ماڭا رىيادىن خالىي ھالدا خالىس قىلىنغان ئەمەلدۇر، ئۇنىڭغا ئۆزەم مۇكاپات بېرىمەن، بەندەم مەن ئۈچۈن شەھۋانىي ھەۋىسىنى ۋە يېمەك-ئىچمىكىنى تەرك ئېتىدۇ، روزىدار ئادەمگە ئىككى تۈرلۈك خۇشاللىق بولىدۇ، بىرى ئىپتار قىلغاندا، يەنە بىرى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولغان چاغدا روزا تۇتقانلىق سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىغان نازۇ-نېمەتلەردىن خۇشال بولىدۇ“ (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئۆلىمالار بۇ ھەدىس قۇددۇسىينى شەرھلەپ مۇنداق دەيدۇ: 1.روزىغا رىيا ئارىلاشمايدۇ. ئۇ قەلبتىن ئادا قىلىنىدىغان نەرسە، باشقا ئەمەللەرگە رىيا ئارىلاشقان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى روزىدىن باشقا ئىبادەتلەر زاھىرىي ھەرىكەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىبادەتلەر ئىچىدە پەقەت روزىلا ئىنسانلاردىن مەخپىي ھالدا، خالىس نىيەت بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ؛ 2.روزىنىڭ مۇكاپاتىنى ئاللاھ تائالا ئۆزى بېرىدۇدېگەن ئىبارىنىڭ مەنىسى روزىغا بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋابنىڭ مىقدارىنى ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، دېگەنلىكتۇر. 3.روزا ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ئۇنى مۇكاپاتلايدۇدېگەنلىكئاللاھ بەندىنىڭ خالىس نىيەت بىلەن قىلغان ئىبادىتىنى ياقتۇرىدۇدېگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ؛ 4.بۇ يەردە روزا ئاللاھقا ئىزافەت قىلىنش ئارقىلىق، ئۇنى شەرەپلىك قىلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ، بۇ خۇددى كەئبنى بەيتۇللاھ دېگەنگە ئوخشايدۇ. 5.تائام ۋە يېمەكلىكلەردىن بىھاجەت بولۇش يالغۇز ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدۇر. مۇئمىن روزىدار بولغىنىدا، مانا ئاشۇ ئىلاھىي سۈپەت بىلەن ئەخلاقلىنىدۇ. ئاللاھقا قۇربەت ھاسىل قىلىدۇ؛ 6.بۇنىڭدا پەرىشتىلەرگە ئوخشاشلىق نامايان بولىدۇ؛ 7. پازىل ئۆلىمالار ئاللاھ ئۈچۈن خالىس تۇتۇلغان روزا دېگەندە، بەندە تىلى ۋە ھەرىكىتىدە گۇناھلاردىن تۈپتىن ساقلانغان ھالدا تۇتۇلغان روزا دېگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ دەپ تەرىپلەيدۇ.
ھاسىل كالام، رامىزان ئېيى ئايلار ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ ھۆرمەتلىك مۇبارەك ئايدۇر، ئۇ ياخشىلىق ۋە بەرىكەتكە تولغان ئايدۇر، بۇ  مۇبارەك ئاي سەۋرنىڭ ئېيىدۇر، ئۇنىڭ مۇكاپاتى جەننەتتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئۆز ئۈممىتىگە ئىنئام قىلىنغان بەش خىسلەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ ئۈممىتىمگە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ بىرەرسىگە ئاتا قىلىنمىغان بەش خىسلەت بېرىلدى: بىرىنچىسى ، رامىزان ئېيىنىڭ دەسلەپكى كېچىسىدە ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەھمەت نەزىرى بىلەن قارايدۇ؛ ئىككىنچىسى، ئاللاھ پەرىشتىلەرگە مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام)ئۈممىتى ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتىشنى بۇيرۇيدۇ؛ ئۈچىنچىسى، روزىدار كىشىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان ھىد ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مىسكى-ئەنبەردىنمۇ خۇشبۇيراقتۇر؛ تۆتىنچىسى، ئاللاھ تائالا جەننەتكە:زىننەتلەنگىندەپ بۇيرۇيدۇ ۋەمۇئمىن بەندىلىرىمگە جەننەت مەرھەمەت بولسۇن، ئۇلار مېنىڭ دوستلىرىمدۇردەيدۇ؛ بەشىنچىسى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى بۇ خىسلەتلەرگە مۇشەررەپ بولالايدىغان مۇسۇلمانلاردىن قىلغاي، ئامىن! 
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر