مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > رامىزان بىلىملىرى

قەدر كېچىسى توغرىسىدا

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-12   

                                                                                                                                                                                                             

 قەمەرىددىن ئەھمەد

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
 
ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارغا قايسى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالاغا قانداق ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قانداق تەشەككۈر ئېيتىشنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرىنىڭ مەقبۇل بولۇپ، قىلغان دۇئا-تىلەكلىرىنىڭ مۇستەجەپ بولۇش ۋاقىتلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. رامىزان ئېيىدا كېلىدىغان قەدرى كېچىسى(شەبى قەدرى) شۇ خاسىيەتلىك ۋاقىتلارنىڭ بىرىدۇر.
1.قەدر كېچىسى دېگەن سۆز توغرىسىدا
قەدر كېچىسى ئەرەب تىلىدا ”لَيْلَەُ القَدْرِدېگەن ئىزافەتلىك بىرىكمە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ بىرىكمىدىكى ”لَيْلَەٌ“نىڭ مەنىسى ”كېچە، تۈن“دېگەندىن ئىبارەت. ”القَدْر“نىڭمەنىسى بولسا ”مىقدار، ئوپمۇئوخشاش، قەدىر-قىممەت، شەرەپ، يۈكسەك، مۇقەددەس“دېگەنلەردىن ئىبارەت. بۇ ئىككى سۆز بىرىكىپ ئىزافەتلىك بىرىكمە ھاسىل قىلغان.
2.قەدر كېچىسىنىڭ مۇئەييەن ۋاقتى توغرىسىدا
قەدرى كېچىسىنىڭ ئوتتۇز كۈنلۈك رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆلىمالىرىمىز ئارىسىدا ھېچقانداق ئىختىلاپ يوق، بىراق ئۇنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ قايسى كېچىسى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت. شۇ ئىختىلاپلاردىن گەۋدىلىك بولغان ئۈچ خىل كۆزقاراش تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1) قەدر كېچىسى رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ بىر كېچىسى، يەنى رامىزان ئېيىنىڭ 21-كۈنىدىن 30-كېچىسىگىچە بولغان 10 كۈننىڭ مەلۇم بىر كېچىسى بولىدۇ دېگەن قاراش. بۇ خىل قاراشتىكىلەر تۆۋەندىكى ھەدىسنى دەلىل كەلتۈرگەن: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: ”ئەگەر رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى كىرسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇخلىمايتتى، بالىچاقىلىرىنى ئويغىتاتتى، ئاياللىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلمايتتى“ (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). بۇ خىل قاراشتىكىلەر رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدىكى تاق كۈنى كېچىدىكى ۋاقىتلارنى چىڭ تۇتۇپ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈشنى تەكىتلىگەن. ئۇلار بۇنىڭغا تۆۋەندىكى ھەدىسنى دەلىل كەلتۈرگەن: ئەبى سەئىد خۇدەرىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيىنىڭ 20-كۈنى سەھەردە ساھابىلىرىنىڭ ئارىسىغا كەلدى ۋە ئۇلارغا سۆز قىلدى، ئۇ:”مەن چۈشۈمدە قەدر كېچىسىنىڭ ۋاقتىنى كۆرگەن، كېيىن ئۇنتۇپ قالدىم. سىلەر رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدىن ئىزدەڭلار، بولۇپمۇ تاق كۈنلىرىدىن“ دېدى(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
دېمەك بۇ خىل قاراشتىكىلەر رامىزان ئېيىنىڭ 21-، 23-، 25-، 27-، 29-كۈنلىرىنىڭ كېچىلىرىدە قەدر كېچىسىنى تېپىشقا تىرىشىش ئەۋزەل ھەم ساۋابلىقتۇر، دەپ قارايدۇ.
2) قەدر كېچىسى بولسا رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى يەتتە كۈنىنىڭ بىر كېچىسىدە بولىدۇ، دېگەن قاراش. بۇ خىل قاراشتىكىلەر تۆۋەندىكى ھەدىسنى دەلىل كەلتۈرگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر نەچچەيلەن رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى يەتتە كۈنىنىڭ كېچىلىرىدە قەدر كېچىسىنى چۈشىدە كۆرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”مەن سىلەرنىڭ چۈشۈڭلارنى كۆردۈم. ئۇ ھەقىقەتەن رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى يەتتە كۈنى ئىچىدە مۇۋەپپەق بولغان. ئەگەر كىمكى ئۇنى ئىزدەشكە ھېرىس قىلسا ئۇنى شۇ ئاخىرقى يەتتە كۈننىڭ كېچىلىرىدىن ئىزدىسۇن“دېدى(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
3) قەدر كېچىسى بولسا رامىزان ئېيىنىڭ 27-كۈنى كېچىسىدۇر دېگەن قاراش. بۇ خىل قاراشتىكىلەر تۆۋەندىكى ئىككى ھەدىسنى دەلىل كەلتۈرگەن. زىررۇ ئىبنى ھۈبەيشتىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دېگەن: ”مەن ئۇبەي بىن كەبىگە: سېنىڭ قېرىندىشىڭ ئىبنى مەسئۇد: ‘ئەگەر كىمكى بىر يىل ئىستىقامەت قىلسا قەدر كېچىسىگە ئېرىشىدۇ’ دەپ ئېيتقان، دېدىم. ئۇ: ‘ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ سۆزىگە ئېسىلىۋالماسىلىقىنى ئويلىغان. ئۇ ئەمەلىيەتتە قەدر كېچىسىنىڭ رامىزان ئېيىدا، ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ بىر كېچىسىدە، يەنە كېلىپ رامىزاننىڭ 27-كۈنى كېچىسىدە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ’ دېدى. ئاندىن ئۇ قەدر كېچىسى رامىزان ئېيىنىڭ 27-كۈنى كېچىسىدىن مۇستەسنا ئەمەسلىكى ھەققىدە قەسەم قىلدى. مەن: ‘ھەي ئەبۇل مۇنزىر(ئۇبەي ئىبنى كەبىنىڭ لەقىمى)، سەن نېمىگە ئاساسەن شۇنداق دەيسەن؟’ دېدىم. ئۇ: ‘پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئېيتىپ بەرگەن بەلگە-ئالامەتلەرگە ئاساسەن شۇنداق دەيمەن، ئۇ: ‹(قەدر كېچىسىنىڭ) قۇياشى نۇرسىز چىقىدۇ› دېگەن’ دېدى“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى قەدر كېچىسىنى ئىزدىگۈچى بولىدىكەن، ئۇ ئۇنى رامىزان ئېيىنىڭ 27-كۈنى كېچىسىدىن ئىزدىسۇن“ (ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).
ئۆلىمالار نۇرغۇن ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، قەدر كېچىسىنىڭ زادى قايسى كېچىدە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق يەكۈنگە ئېرىشەلمىگەن. شۇنداق بولسىمۇ بىر مۇنچە ئۆلىمالار يەنىلا قەدر كېچىسى رامىزان ئېيىنىڭ 27-كۈنى كېچىسى بولىدۇ دېگەن قاراشنى توغرا تاپقان، ھەمدە بۇ قاراشنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: ”«قۇرئان كەرىم»دىكى «قەدر»سۈرىسى ئوتتۇز(ئەرەبچە) سۆزدىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭدىكى 27-سۆز بولسا ‘ھى(ئۇ)’دۇر“دېگەن سۆزى ئارقىلىق ئىسپاتلىغان، يەنى ئاللاھ تائالا «قەدر»سۈرىسىدە قەدر كېچىسىنى بۇ سۈرىنىڭ 27-سۆزىگە ئۇدۇللاپ ئۇنى ئالماش”ھى“ (ئۇ) بىلەن ئىپادىلىگەن دەپ قارىغان.
3. قەدر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى
ئاللاھ تائالا قەدر كېچىسىنىڭ ئورنىنى ناھايىتى يۇقىرى ئورۇنغا قويغان. بۇ كېچە بولسا بەرىكەتلىك، پەزىلەتلىك ئۇلۇغ كېچىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە بۇ كېچە توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: ”شەبى قەدرى(شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر“{سۈرە«قەدر»(97-سۈرە)، 3-ئايەت}.
بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغىنىدەك بۇ كېچە بولسا پەرىشتىلەر ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت، تىنچلىق، سالام ۋە بەرىكەتلىرىنى ئېلىپ چۈشىدىغان كېچىدۇر. بۇ كېچىدە تىنچلىق، ئامانلىق تاڭ ئاتقۇچە داۋام قىلىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنى تولۇق ئىشەنچ بىلەن ئەجىر-ساۋاب ئىستىكىدە تۇتسا، ئۇنىڭ بۇرۇن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. كىمكى رامىزان ئېيىدا تەراۋىھ نامىزىنى تولۇق ئىشەنچ بىلەن ئەجرى ساۋاب ئىستىكىدە ئۆتىسە، ئۇنىڭ بۇرۇن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. كىمكى قەدر كېچىسىدە تولۇق ئىشەنچ بىلەن ئەجرى ساۋاب ئىستىكىدە تۈنىسە، ئۇنىڭ بۇرۇن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ’ “ (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). دېمەك ئاللاھ تائالا شۇ بىر كېچىدە بەندە تىلىگەن ھەرقانداق تىلەكنى ئىجابەت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر مۇسۇلمان ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە بەرىكەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قەدر كېچىسى بىلەن مۇلاقات بولۇشقا تىرىشىشى زۆرۈر. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ” سىلەرگە مۇبارەك رامىزان ئېيى كەلدى. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئۇنىڭ روزىسىنى تۇتۇشنى پەرز قىلدى. بۇ ئايدا جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ. دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ. بۇ كېچىدە جىن-شەيتانلارنىڭ پۇت-قوللىرىغا كويزا-كىشەنلەر سېلىنىدۇ. بۇ ئايدا بىر كېچە بار بولۇپ، بۇ كېچە مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر. كىمكى شۇ كېچىنىڭ ياخشىلىقىدىن مەھرۇم قىلىنسا بارلىق ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قىلىنغان بولىدۇ“ (ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).
ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى رامىزان ئېيىدا نازىل قىلغان. بۇ ھەقتە «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلگەن: ”رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 185-ئايەت}.
كۆپلىگەن مۇپەسسىرلەر بۇ ئايەتنى تەپسىرلىگەن چاغدا، «قۇرئان كەرىم» رامىزان ئېيىنىڭ قەدر كېچىسى نازىل قىلىنغان دېگەن قاراشنى تەكىتلىگەن. ئىمام بەيزاۋى بۇ ئايەتنى مۇنداق تەپسىرلىگەن: ” يەنى رامىزان ئېيىدا قۇرئاننىڭ نازىل بولۇشى باشلانغان. (شۇ باشلانغان) چاغ دەل قەدر كېچىسىدۇر. ياكى قۇرئان شۇ كېچىدە مۇكەممەل شەكىلدە ئاسمانغا نازىل قىلىنغان، ئاندىن كېيىن يەر يۈزىگە(پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا) تارقاق شەكىلدە نازىل قىلىنغان“ («تەپسىر بەيزاۋى» 1-جىلد، 104-بەت). بۇ ئايەتنى ئىمام سۇيۇتى: ” قۇرئان قەدر كېچىسىدە لەۋھۇلمەھپۇزدىن ئاسمان دۇنياسىغا نازىل قىلىنغان“دەپ تەپسىرلىگەن(«تەپسىر جالالەيىن»، 38-بەت). ئاللاھ تائالانىڭ «قۇرئان كەرىم»نى نازىل قىلىش ئۈچۈن قەدر كېچىسىنى تاللىغانلىقىدىن بۇ كېچىنىڭ شەرەپ ۋە پەزىلەتتە ھەقىقەتەن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
 رامىزان ئېيىدا، بولۇپمۇ شۇ قەدر كېچىسىنىڭ ئالدى-كەينىدە قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىپ، ياخشى ئىبادەت قىلىپ، يوقسۇل- مىسكىنلەرنى ۋە ھاجەتمەنلەرنى يۆلەپ، مۇساپىرلارغا تاماق بېرىپ، يېتىملارغا ئاتىدارچىلىق قىلىپ، روزىدارلارغا ئىپتارلىق بەرسە ئاللاھ تائالا ئاشۇنداق مۇسۇلماننىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ھەرگىز يەردە قويمايدۇ. سالمان فارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەئبان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ” ‘ئەييۇھەنناس! سىلەرگە ئۇلۇغ ئاي يېتىپ كەلدى. ئۇ بەرىكەتلىك ئايدۇر. ئۇنىڭدا مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان بىر كېچە بار. ئاللاھ تائالا بۇ ئايدا روزى تۇتۇشنى پەرز قىلدى. ئۇنىڭ كېچىسىدە تەراۋىھ نامىزى ئۆتەشنى سۈننەت قىلدى. كىمكى ئۇنىڭدا(يەنى رامىزان ئېيىدا) بىر ياخشى ئىشنى قىلىپ ئىبادەت قىلسا، ئۇ شۇ ئىبادەتتىن باشقا بىر پەرزنى ئادا قىلغان بولىدۇ. كىمكى ئۇنىڭدا(يەنى رامىزان ئېيىدا) بىر پەرزنى ئادا قىلسا، ئۇ شۇ پەرزدىن باشقا يەتمىش پەرزنى ئادا قىلغان كىشىگە ئوخشاش بولىدۇ. ئۇ بولسا سەۋر-تاقەتنىڭ ئېيىدۇر، سەۋر-تاقەتنىڭ ئەجرى-ساۋابى جەننەتتۇر. ئۇ باراۋەرلىك ئېيىدۇر، ئۇ مۇئمىنلەرنىڭ رىزقى زىيادە قىلىنىدىغان ئايدۇر. كىمكى بىر روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرسا، ئۇنىڭ شۇ ئىشى گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ دوزاختىن قۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ، يەنە روزىدار كىشىنىڭ ئەجرى-ساۋابى كېمەيمىگەن ھالدا ئۇنىڭغا قىلغان ئەمەلىگە ئوخشاش ئەجىر-ساۋاب بېرىلىدۇ’. بىز: ‘ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز ھەممىمىز روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرغۇدەك نەرسىنى تاپالمايمىز’ دېدۇق. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ‘بىر يۇتۇم سۈت، بىر تال خورما ياكى بىر يۇتۇم سۇ قاتارلىق نەرسىلەر ئارقىلىق روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرسا، ئاللاھ تائالا ئوخشاشلا بۇ ساۋابنى بېرىدۇ. كىمكى روزىدارغا قورسىقى تويغىچە تائام بەرسە، ئاللاھ تائالادىن ئۇنىڭغا مېنىڭ ھەۋزى كەۋسەر سۈيۈم ئۇ جەننەتكە كىرگۈچە سۇسىرىمىغىدەك دەرىجىدە ئىچكۈزۈلىدۇ. ئۇ بولسا ئالدى رەھمەت قىلىش، ئوتتۇرىسى مەغپىرەت قىلىش، ئاخىرى دوزاختىن ئازاد قىلىش ئېيىدۇر. كىمكى بۇ ئايدا قول ئاستىدىكىلەرگە كەڭچىلىك قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى كەچۈرۈم قىلىدۇ ۋە ئۇنى دوزاختىن ئازاد قىلىدۇ’ “(ئىمام بەيھەقى رىۋايەت قىلغان).
4. قەدر كېچىسىنىڭ مۇتلەق بىر ۋاقىتقا بەلگىلەنمىگەنلىكىنىڭ ھېكمىتى
ئاللاھ تائالانىڭ قەدر كېچىسىنى مەجھۇل ھالەتتە قويۇشى مۇسۇلمانلارنى رامىزان ئېيىدا ئۆزىگە كۆپرەك ئىبادەت قىلدۇرۇش ئۈچۈندۇر. ھەربىر مۇسۇلمان ئەگەر بۇ ئايدا شۇ بىر كېچىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىبادەت قىلسا، ئەلۋەتتە ئۇ ئۆزىگە ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، مەغپىرەت، رىزىق، جەننەت قاتارلىقلارنى تىلەيدۇ ھەمدە دۇئاسىنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىجابەت بولۇشىنى ئىلتىجا قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىگە كۈچى يېتىدىغان قادىر، بارلىق مەخلۇقاتلارغا رىزىق بەرگۈچى رازىق، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئالىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ. ئەگەر قەدر كېچىسى رامىزان ئېيىنىڭ مەلۇم بىر كۈنىنىڭ مەلۇم بىر كېچىسى دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن بولسا ئىدى، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش، بالىچاقىسى، خىزمەت ۋە تىرىكچىلىك ھەلەكچىلىكىدە يۈرگەن كىشىلەر شۇ بىر كېچىدىلا ئىبادەت قىلىپ قويۇشى مۇمكىن ئىدى. ھەتتا بەزىلەر دۇچ كەلگەن ئىشلىرىنى مۇھىم ۋە جىددىي ھېسابلاپ، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى. بىلىپ تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن گۇناھنىڭ قانچىلىك يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ئىمام رازى مۇنداق دېگەن: ”بەندىلەرنىڭ ئۆلۈمدىن قورقۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ۋاقتىنى يوشۇرۇن قىلغان“(«تەپسىر كەبىر» 8-جىلد، 443-بەت). دېمەك، مۇسۇلمانلارنىڭ 30 كۈن رامىزاننىڭ ھەممە كېچىلىرىنى ئۇلۇغلىشى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشكە پۇرسەت يارىتىشى ئۈچۈن قەدر كېچىسىنى مەخپىي قىلغان دېيىشكە بولىدۇ.
5. قەدرى كېچىسى ئىبادەت قىلىشنىڭ ھۆكمى
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كەلگەن پىكرى: ”قەدر كېچىسىنى تەلەپ قىلىش مۇستەھەپ ئەمەلگە كىرىدۇ“دېگەندىن ئىبارەت، يەنى بۇ كېچىنى ئىزدەش ۋە بۇ كېچىدە تائەت-ئىبادەت قىلىش، ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇستەھەپتۇر. ” قەدر كېچىسىنى ئىزدەش ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە ئەجرىنى، شۇنىڭدەك قەدر كېچىسىگە تەۋە بولغان ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىكى بارلىق نېمەتلەرنى تەلەپ قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئومۇمىيدۇر، ئۇ بولسا ئىبادەت قىلىش، تائەت قىلىش، ناماز ئۆتەش، قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىش، سەدىقە-زاكات بېرىش، ياتلىشىپ كەتكەن بىر تۇغقان قېرىنداشلار ئۆزئارا يارىشىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشنىڭ كېچىسىدۇر“ («تەسىيرۇل فىقھى»، 133-بەت). ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان توغرا نىيەت ۋە سادىق ئىخلاسمەنلىك بىلەن بۇ كېچىنى يۇقىرىقى ئەمەللەر بىلەن ئۆتكۈزسە، ئاللاھ تائالا بۇ ئۇلۇغ، شەرەپلىك، خاسىيەتلىك كېچىنى ئۇنىڭغا ئىنئام قىلىدۇ. چۈنكى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق، ھەربىر ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭ قىلغان نىيىتى ھەقلىقتۇر“ (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).  
ئەگەر بىراۋغا قەدر كېچىسىنىڭ ئالامەتلىرى يولۇقسا دەرھال دۇئاغا قول كۆتۈرۈشى لازىم. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دېگەن: ”ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئەگەر قايسى كېچىنىڭ قەدرى كېچىسى ئىكەنلىكىنى بىلسەم نېمە دەپ دۇئا قىلىمەن؟“پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ”ئى ئاللاھ! شۈبھىسىزكى، سەن ئەپۇ قىلغۇچىسەن، ئەپۇنى ئۆزۈڭگە دوست تۇتىسەن، مېنى ئەپۇ قىلغىن“ (ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). دېمەك، قەدر كېچىسى ئەنە شۇنداق شەرەپلىك ۋە ئۇلۇغ كېچە ئىكەن، ئۇنىڭغا يولۇققان كىشى دەرھال يۇقىرىقى دۇئانى ئوقۇشى بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىگە ئاللاھ تائالادىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىنىڭ ئۆز ئارزۇسىدىكىدەك بولۇشىنى تىلىشى كېرەك.
(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2002-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى)
 
يەنە >>سۈرەتلەر