باش بەت > ۋەز-تەبلىغلەر > ۋەز-تەبلىغ ماقالىلىرى

ئىسلام دىنىدىكى بەش پەرزنىڭ بىرى روزا تۇتۇش

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-06-29   

بسم الله الرحمن الرحيم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەھلى جامائەت!

ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تائالا مۇبارەك قۇرئان كەرىمدە ئېيتىدۇركى: ”ئى مۇئمىنلەر! گۇناھلاردىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ رامىزان روزىسى پەرز قىلىندى. بۇ پەرز روزا ساناقلىق كۈنلەردىدۇر“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە) 183184-ئايەتلەر}.

روزا — ئىسلام دىنىدىكى بەش پەرزنىڭ بىرى، ئىسلام شەرىئىتى بەلگىلىمىسى بويىچە، ئەقلى-ھوشى جايىدا، بالاغەتكە يەتكەن ھەربىر ئەر-ئايال مۇسۇلماننىڭ رامىزان ئېيىدا(يەنى ھىجرىيە 9-ئايدا) بىر ئاي روزا تۇتۇشى پەرزدۇر. ئىسلام دىنىدا، روزا ھىجرىيە 2-يىلى(مىلادىيە 623-يىلى)، يەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مەككە مۇكەررەمەدىن مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ھىجرەت قىلىپ 2-يىلى رەسمىي ھالدا پەرز بولۇپ بېكىتىلگەن. رامىزان ئېيىدا، روزىدار كىشىلەر ھەر كۈنى سۈبھى يورۇغاندىن باشلاپ كۈن ئولتۇرغانغا قەدەر ئارىلىقتا يېيىش، ئېچىش ۋە ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت قىلىش ئىشلىرىدىن ئۆزلىرىنى چەكلىشى كېرەك.

روزا مۇسۇلمانلارنىڭ پەرز ئەمەلىدۇر، شۇنداقلا ئۇ يەنە ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانلارغا ئىنئام قىلغان پەزلى-رەھمىتىدۇر.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئېيتىدۇركى: ”ئىنسانلارغا يېتەكچى، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان رامىزان ئېيىدۇر“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 185-ئايەت}.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن: ”كىمكى رامىزاننى چىن دىلىدىن ئىشىنىش ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ۋە ساۋابىنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن تۇتسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ“(«سىھاھى خەمسە»دە رىۋايەت قىلىنغان(.

روزا مۇسۇلماننىڭ ئىمانىنى كۈچەيتىدۇ، مۇسۇلماندا، مەھكەم ئىرادە، جاپاغا چىدايدىغان سەۋر-تاقەتلىك خاراكتېر، پاك ئەمەل-ئىبادەت، پېقىر-مىسكىنلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلىدىغان كۆيۈمچانلىق خىسلەت يېتىشتۈرىدۇ. روزىدا ئىسلام دىنىنىڭ باب-باراۋەرلىك روھى گەۋدىلىنىدۇ. روزىنى مەيلى باي ياكى گاداي بولسۇن، ھەممەيلەن ئورتاق تۇتىدۇ. بۇ ئارقىلىق، بايلار ئاچارچىلىقنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ-دە، ئۇلاردا بىر خىل ھېسداشلىق روھى شەكىللىنىدۇ. روزىنىڭ بىز مۇسۇلمانلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغىمۇ ناھايىتى زور رېئال ئەھمىيىتى بار. فىقھەدىكى بەلگىلىمە بويىچە، روزا تۇتۇش ھەم تەن ساغلاملىقىغا ھەم يامان ئىللەتلەردىن ساقلىنىشقا پايدىلىق. مۇسۇلمانلار روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ماددىي ۋە مەنىۋى نەپسى خاھىشدىن خالىي بولۇشقا، يامان ئىللەتلەردىن ئۆزلىرىنى تارتىپ، پاكلىقنى ساقلاشقا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ’ئادەم بالىسىنىڭ ھەر قانداق ئەمەلدىن بىرەر نېسىۋىسى بولىدۇ، پەقەت روزا ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى، ئۇ ماڭا رىيادىن خالىي بولغان ھالدا خالىس قىلىنغان ئەمەلدۇر، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزۈم بېرىمەن‘. روزا گۇناھلاردىن ساقلايدىغان قالقاندۇر، سىلەرنىڭ بىرىڭلار روزا تۇتقان كۈندە ناشايان سۆزلەرنى قىلمىسۇن، جېدەل-ماجىرا تۇغدۇرۇپ چۇقان كۆتۈرمىسۇن، ئەگەر بىرەر كىشى ئۇنى تىللىسا ياكى ئۇرۇشسا مەن روزىدارمەن دېسۇن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، روزىدار ئادەمنىڭ ئاغزىنىڭ ھىدى ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئىپارنىڭ بۇيىدىنمۇ خۇش پۇراقتۇر، روزىدار ئادەمگە ئىككى تۈرلۈك خۇشاللىق بولىدۇ، بىرى، ئىپتار قىلغاندا، يەنە بىرى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولغان چاغدا روزا تۇتقانلىق سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىغان نازۇنېمەتلەردىن خۇشال بولىدۇ“(«سىھاھى خەمسە»دە رىۋايەت قىلىنغان). شۇڭا، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، روزا نەپسى خاھىشنى تىزگىنلەيدىغان شىپالىق دورا، ئاخىرەتتىكى دوزاخ ئازابىنى توسايدىغان قالقاندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز روزا پەرزىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادەتكە مۇشەررەپ بولىدىغان مۇسۇلمانلاردىن بولايلى.

1.روزىنىڭ تۈرلىرى

روزا— پەرز روزا، ۋاجىب روزا ۋە نەفلە روزا دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

پەرز روزا: بۇ ھەر يىلى رامىزان ئېيى(ھىجرىيە 9-ئاي)دا بىر ئاي تۇتۇلىدىغان روزا بولۇپ، بالاغەتكە يەتكەن ھەربىر ئەر-ئايال مۇسۇلمان بۇ پەرزنى ئادا قىلىشى كېرەك. ئەگەر مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ پەرزنى ئادا قىلالمىسا، ئۇنىڭ قازاسىنى تۇتۇپ تولدۇرۇشى ياكى فىدىيە بېرىشى كېرەك.

ۋاجىب روزا: ۋاجىب روزا ئۆز ئىچىدىن يەنە ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:

(1) قازا روزىسى: مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رامىزان ئېيىدىكى پەرز روزىنى تۇتالمىغان كىشى، كېيىن ئۇنىڭ قازاسىنى تۇتۇپ تولدۇرۇۋېلىشى كېرەك.

(2) فىدىيە روزىسى: رامىزان ئېيىدا سەۋەبسىز روزا تۇتمىغان ياكى قەستەن روزىنى بۇزغان كىشى فىدىيە روزىسىنى تۇتۇشى كېرەك. فىدىيە تۆلەش ئۇسۇلى مۇنداق: بىر كۈن كەم تۇتقان روزىسى ئۈچۈن ئۇدا 60 كۈن روزا تۇتۇشى، ئوتتۇرىسىدا ئۈزۈپ قويماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئۈزۈپ قويسا، ئۈزۈپ قويغان كۈنىدىن باشلاپ يەنە ئۇدا 60 كۈن روزا تۇتۇشى كېرەك. ئەگەردە  بۇنىڭغا قۇدرىتى يەتمىسە، بىر كۈنلۈك كەم تۇتقان روزىسى ئۈچۈن 60 مىسكىننىڭ بىر كۈنلۈك ياكى بىر مىسكىننىڭ 60 كۈنلۈك يېمەك-ئىچمىكىنى بېرىشى كېرەك.

(3) نەزىر روزا: بۇ مەلۇم ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋەدە قىلىپ تۇتۇلىدىغان روزىدۇر.

نەفلە روزا: بۇ پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۇتۇلىدىغان روزا بولۇپ، بۇ روزىنى تۇتسا ساۋابقا ئېرىشىدۇ، تۇتمىسا گۇناھ بولمايدۇ. بۇ خىل روزىنى رامىزان ئېيىدىن ۋە بەزى چەكلەنگەن ياكى روزا تۇتۇش مۇۋاپىق كەلمەيدىغان كۈنلەردىن باشقا كۈنلەردە تۇتسا بولىدۇ. بىر قىسىم مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ بەزى ئەھمىيەتلىك خاتىرە كۈنلەردە ياكى خاسىيەتلىك كۈنلەردە، مەسىلەن: ئاشۇرا كۈنى(ھىجرىيە 1-ئاينىڭ 10-كۈنى)، بارائەت كۈنى(ھىجرىيە 8-ئاينىڭ 15-كۈنى) ۋە رەجەپ(ھىجرىيە 7-ئاي)، شەئبان(ھىجرىيە 8-ئاي)، شەۋۋال(ھىجرىيە 10-ئاي) قاتارلىق ئايلاردا تۇتقان روزىلىرى نەفلە روزا جۈملىسىگە كىرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا بەزى كۈنلەردە، مەسىلەن، رامىزان ئېيى كىرىشتىن ئىلگىرىكى بىر-ئىككى كۈندە روزا تۇتۇش ۋە بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەكرۇھ ھېسابلىنىدۇ. روزا ھېيت، قۇربان ھېيت كۈنى ۋە قۇربان ھېيتتىن كېيىنكى ئۈچ كۈن(تەشرىق كۈنلىرى)دە روزا تۇتۇش ھارامغا يېقىنلاشقان مەكرۇھ(مكروه التحريم) دائىرىسىگە كىرىدۇ.

2.رامىزان ئېيىدىكى پەرز روزىنىڭ فىقھەدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى

1)روزىنىڭ روكنىلىرى

روزىنىڭ روكنىلىرى(ركن) ئاساسەن ئىككى بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. ئۇلار:

(1) روزا تۇتۇشقا نىيەت قىلىش. نىيەت قىلغاندا مەيلى ئاغزاكى تەلەپپۇز قىلسۇن ياكى كۆڭلىگە پۈكسۈن: ”مەن رامىزاننىڭ پەرز روزىسىنى تۇتۇشنى نىيەت قىلدىم، ئۇلۇغ ئاللاھ تائالانىڭ قوبۇل قىلىشىنى تىلەيمەن“ دېيىش كېرەك. ئەگەر روزا تۇتقان كىشى نىيەت قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، شۇ كۈنى چۈشكىچىلىك نىيىتىنى كۆڭلىدە بېكىتىۋالسا بولىدۇ.

(2) سۈبھى يورۇغاندىن باشلاپ كۈن ئولتۇرغانغا قەدەر يېيىش، ئىچىش ۋە ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت قىلىش ئىشلىرىدىن ئۆزىنى چەكلەش لازىم.

2) روزا تۇتۇش ۋە روزىدىن چىقىش

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن: ”سىلەر ھىلال ئاينى كۆرۈش ئارقىلىق روزا تۇتۇشنى باشلاڭلار، ھىلال ئاينى كۆرۈش ئارقىلىق روزاڭلارنى ئېچىڭلار، ئەگەر ھاۋا تۇتۇق بولۇپ، ھىلال ئاينى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىسا، شەئبان ئاي(ھىجرىيە 8-ئاي)نى تولۇق 30 كۈن قىلىپ تولدۇرۇڭلار“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

ھەدىس شەرىفنىڭ روھىغا ئاساسەن، رامىزان روزىسىنى تۇتۇشتا، ھىلال ئاينى كۆرۈش ئۆلچەم قىلىنىشى لازىم. ئەگەر ھاۋا تۇتۇق بولۇپ قالسا، شەئبان ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ھېسابلاپ 30 كۈننى تولدۇرغاندىن كېيىن ئاندىن رامىزانغا كىرىش كېرەك. رامىزاننىڭ ئاياغلىشىشى شەۋۋال ئاينىڭ ھىلال ئېيى كۆرۈلۈشى بىلەن بېكىتىلىدۇ، ئەگەر ھاۋا تۇتۇق بولۇپ ھىلال ئاينى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولماي قالسا، رامىزاننى تولۇق 30 كۈن تولدۇرۇشى لازىم.

بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ تەلىملىرىگە ئەمەل قىلىپ، رامىزان روزىسىغا كىرىش ۋە روزىدىن چىقىش ۋاقتىنى شەرىئەتتىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز لازىم. ناۋادا خىلمۇخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بەزى جايلاردا رامىزان روزىسىغا كىرىش ۋە روزىدىن چىقىش ۋاقتى جەھەتتە ئوخشىماسلىقلار بولۇپ قالسا، جامائەت بۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۆزئارا ئەيىبلىشىدىغان، ھۇجۇم قىلىشىدىغان ۋە ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى ھەرگىز سادىر قىلماسلىقى كېرەك. 

3)روزىنى كېچىكتۈرۈپ تۇتۇشنىڭ شەرتلىرى

ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تائالا قۇرئان كەرىمدە ئېيتىدۇركى: ”سىلەردىن كىمكى كېسەل بولۇپ ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ روزا تۇتالمىغان بولسا، تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ قازاسىنى باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، روزىنى(قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن) تۇتالمايدىغانلار تۇتمىسا، كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم. كىمكى فىدىيەنى مىقداردىن ئارتۇق بەرسە، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 184-ئايەت}.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە يەنە ئېيتىدۇركى: ”ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، رامىزان روزىسىنىڭ سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 185-ئايەت}.

تۆۋەندىكى قىيىنچىلىقلار ۋە ئالاھىدە سەۋەبلىرى بار كىشىلەر روزىنى كېچىكتۈرۈپ تۇتسا بولىدۇ، ئەمما شارائىت يار بەرگەندە قازاسىنى تۇتۇپ تولدۇرۇشى ياكى فىدىيە بېرىشى لازىم.

(1) روزا تۇتماقچى بولغان كىشى ئاغرىق بولۇپ، روزا تۇتسا كېسىلى ئېغىرلاپ قېلىشىدىن ياكى كېچىكىپ ساقىيىشىدىن ئەنسىرىسە، ھازىرچە روزا تۇتماي، كېسىلى ساقايغاندىن كېيىن قازاسىنى تۇتۇپ تولدۇرۇۋالسا بولىدۇ.

(2) مۇساپىر كىشى، ئۆز يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇپ تولدۇرۇۋالسا بولىدۇ. ئەگەر مۇساپىر قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان ئەھۋالدا ئۆز روزىسىنى داۋاملىق تۇتسا ئۇ ھالدا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

(3) ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار، ئەگەر روزا تۇتسا ئۆزىگە ياكى بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرىسە، روزىنى قالدۇرۇپ، كېيىن مۇۋاپىق پەيتتە قازاسىنى تۇتۇپ تولدۇرۇۋالسا بولىدۇ.

 (4) رامىزان ئېيىدا، ھەيزدار ۋە نىفاسلىق ھالەتتە تۇرغان ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشىغا قەتئىي بولمايدۇ، ئۇلار ھەيزدىن پاكلانغاندا ياكى نىفاسلىق مۇددىتى توشقاندا ئاندىن مۇئەييەن كۈنلەرنى تاللاپ روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇپ تولدۇرۇۋالسا بولىدۇ.

ئۇندىن باشقا، ياشىنىپ قالغان قېرى كىشىلەر ياكى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان، كېسەلنىڭ ساقىيىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈلگەن، ئۇزاق مۇددەت يېتىپ قالغان، روزا تۇتۇش پەرزىنى ھەقىقەتەن ئادا قىلالمايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش مەجبۇرىيىتى ساقىت بولىدۇ، ئۇلار قازاسىنى تۇتۇپ تولدۇرمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئەمما فىدىيە تۆلەش ئۇسۇلىدا، كەم تۇتۇلغان روزىنىڭ كۈن سانىغا ئاساسەن كۈنىگە بىر كەمبەغەلگە بىر كۈنلۈك يېمەك-ئىچمەك بەرسە بولىدۇ.

4)روزىنى بۇزىدىغان ۋە بۇزمايدىغان ئىشلار

روزىنى بۇزىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

(1)مەقسەتلىك يېيىش-ئىچىش؛ (2)مەقسەتلىك ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت قىلىش؛ (3)مەقسەتلىك ھىجام قىلىش(لوڭقا قويۇپ قان ئېلىش)؛ (4)ئىفتار ۋاقتى بولغان ئوخشايدۇ دېگەن گۇمان بىلەن مەقسەتلىك يېيىش-ئىچىش؛ (5)تاماكا چېكىش؛ (6)خاتا ھالدا ئېغىز ئېچىش(مەسىلەن، ئېغىز چايقىغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن گېلىغا سۇ كىرىپ كېتىش) ۋە نائىلاج يېيىش-ئىچىش ياكى ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت قىلىش؛ (7)ئاياللارنىڭ كۈندۈزى ھەيز كۆرۈپ قېلىشى؛ (8)كېسەل سەۋەبىدىن دورا ئىشلىتىش(ئوكۇل ئۇرغۇزۇش، بەدەنگە سۇيۇقلۇق بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛ (9)مەقسەتلىك ھالدا ئاغزى تولغۇدەك قەي قىلىش؛ (10)روزا تۇتقىنىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇپ، يەپ-ئىچىش، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت قىلىش، ئېسىگە كەلگەندىن كېيىنمۇ دەرھال توختاتماسلىق؛ (11)نىيەتسىز روزا تۇتۇش؛ (12)نىيەتسىز روزا تۇتۇپتىمەن دەپ قاراپ، تۇتقان روزىسىنى ھېساب قىلماي، يېيىش-ئىچىش ۋە ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت قىلىش؛ (13)گالغا يامغۇر، قار كىرىپ كېتىش؛ (14)تاش-شېغىل قاتارلىق قاتتىق جىسىملارنى يۇتۇپ سېلىش؛ (15)ئايالىنى بۇس قىلىش(سۆيۈش) ياكى جىنسىي ھەۋەسلىك سىيلاشلار سەۋەبىدىن ئېھتىلام بولۇپ قېلىش؛ (16)ئۆزئارا بۇس قىلىشىش ئارقىلىق بىر-بىرىنىڭ شۆلگىيىنى يۇتۇۋېلىش؛ (17)روزىدا چەكلەنگەن باشقا ئىشلارنى قىلىش. ئەگەر يۇقىرىدىكىلەرنىڭ (1)-دىن (4)-گىچە بولغان تۈرلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىنسا روزىسى بۇزۇلغان بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇپ تولدۇرۇشى ھەمدە فىدىيە تۆلىشى كېرەك؛ ئەگەر يۇقىرىدىكىلەرنىڭ (5)-دىن (17)-گىچە بولغان تۈرلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىنسا روزىسى بۇزۇلغان بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇپ تولدۇرۇۋالسىلا بولىدۇ.

روزا بۇزۇلمايدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

(1)روزا تۇتقىنىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇپ، يەپ-ئىچىش، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت قىلىش، ئېسىگە كەلگەندىن كېيىن دەرھال توختاش؛ (2)ئۇخلاپ قالغاندا ئېھتىلام بولۇش؛ (3)چاچقا ياكى بەدەنگە ماي سۈرتۈش؛ (4)كۆزگە دورا تېمىتىش؛ (5)مەقسەتسىز قەي قىلىش؛ (6)ئاغزىنى چايقاش، بۇرنىغا سۇ ئېلىش، چىشىنى چوتكىلاش؛ (7)گېلىگە چاڭ-توزان، ئىس-تۈتەك، ئۇششاق قۇرتلار كىرىپ كېتىش؛ (8)قۇلاققا سۇ كىرىپ كېتىش؛ (9)بۇس قىلىش ياكى جىنسىي ھەۋەسلىك سىيلاشلار بولغان بولسىمۇ ئېھتىلام بولماسلىق(بۇ روزىنى زەخمىلەندۈرىدىغان كاراھەتلىك قىلمىشلار تۈرىگە كىرىدۇ، بۇنىڭدىن مۇمكىنقەدەر ساقلىنىش كېرەك)؛ (10)روزا ۋاقتىدا كىچىك بالىلارغا تاماق تەييارلاپ تېتىپ بېقىش ياكى چايناش قاتارلىقلار.

3.تەراۋىھ نامىزى، قەدرى كېچىسى ۋە ئېتىكاپ قىلىش

رامىزان ئېيىنىڭ ھىلال ئېيىنى كۆرۈپ روزىغا كىرگەن ئاخشىمىدىن باشلاپ رامىزان ئېيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىگىچە تەراۋىھ(ئارام) نامىزى ئوقۇش كېرەك. شەۋۋال ئېيىنىڭ ھىلال ئېيى كۆرۈنگەن ئاخشىمى تەراۋىھ نامىزى توختىتىلىدۇ. رامىزان ئېيىنىڭ ھەر كۈنى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن، ۋىتىر نامىزىدىن بۇرۇن ئىمامنىڭ ئىمامەتچىلىكىدە 20 رەكئەت تەراۋىھ نامىزى ئوقۇلىدۇ، بۇ سۈننەت نامازدۇر. ئۇندىن باشقا، تەراۋىھ نامازدا ھەر كۈنى بىر پارە قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش، بىر ئايدا پۈتۈن قۇرئان كەرىمنى خەتمە قۇرئان قىلىش سۈننەتتۇر.

رامىزان ئېيى مۇبارەك ئايدۇر. بۇ ئايدا، ئاللاھ تائالا ئۇلۇغ قۇرئان كەرىمنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمگە ۋەھيى قىلىشقا باشلاپ، شۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنى ھەق بىلەن ناھەقنى روشەن ئايرىشقا، توغرا يولدا مېڭىشقا، ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلىگەن. رامىزان ئېيى مۇبارەك ئاي بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ قەدىرلىكى ”قەدرى كېچىسى“دۇر، چۈنكى بۇ كېچىدە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىشقا باشلىغان. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇ كېچىنى شۇنداق تەرىپلىگەنكى: ”قەدرى كېچىسى(شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر“{سۈرە«قەدر»(97-سۈرە)، 3-ئايەت}.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەممۇ قەدرى كېچىسى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ”كىمكى شەبى قەدرى كېچىسىدە چىن دىلىدىن ئىشىنىش ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ۋە ساۋابىنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن ئەمەل-ئىبادەت قىلسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ“(«سىھاھى خەمسە»دە رىۋايەت قىلىنغان).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلاتتى ۋە مۇنداق دېگەن ئىدى: سىلەر رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە شەبى قەدرى كېچىسىنى كۈزىتىڭلار“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

شۇڭا، رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە بىز مۇسۇلمانلار ئەمەل-ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىپ، شەبى قەدرى كېچىسىنى ئىزدىشىمىز لازىم. جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئەنئەنىدە رامىزاننىڭ 27-كۈنىنى شەبى قەدرى كېچىسى قىلىپ بېكىتىدۇ. رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلىش سۈننەتتۇر، ئاياللار ئۆيدە ئېتىكاپ قىلسا بولىدۇ، ئېتىكاپ قىلغۇچى كۆپ ناماز ئوقۇشى، قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىشى، ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىشى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمگە دۇرۇت-سالام ئوقۇشى كېرەك.

روزا پەرزى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى-پەرمانى، ئاللاھ تائالانىڭ بىز مۇسۇلمانلارغا ئىنئام قىلغان نېمىتى، رامىزان ئېيى ئۇلۇغ مۇبارەك ئايدۇر، شۇڭا، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ بۇ پەرزگە ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ پەرز ئەمەلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئادا قىلىشىمىزغا، ئاللاھ تائالانىڭ نېمەت-مەرھەمىتى ۋە مەغپىرىتىگە مۇشەررەپ بولۇشىمىزغا ئاللاھدىن مەدەت تىلەيمىز. ئامىن!

(«يېڭى ۋەز-تەبلىغلەر»‹2-توپلام›دىن ئېلىندى)
يەنە >>سۈرەتلەر