باش بەت > ۋەز-تەبلىغلەر > ۋەز-تەبلىغ ماقالىلىرى

ياخشىلىقتا ھەمكارلىشىش ئىسلام دىنىنىڭ تەشەببۇسى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-10   

ھۈسەيىن مويدىن

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

ئاللاھ تائالا بىزنى ياخشىلىقتا ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا چاقىرغان بولۇپ، بۇ چاقىرىق تۆۋەندىكى ئايەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ: ”ئى ئىنسانلار سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە قەبىلىلەر قىلدۇق، ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكىڭلار ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ئەڭ تەقۋادارلىرىڭلاردۇر“{سۈرە«ھۇجۇرات»(49-سۈرە)، 13-ئايەت}؛ ”ياخشىلىقتا ۋە تەقۋادارلىقتا ئۆزئارا ياردەملىشىڭلار، گۇناھ ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار“{سۈرە«مائىدە»(5-سۈرە)، 2-ئايەت}.

ئىسلام دىنىدا دېيىلىۋاتقان ياخشىلىق ئىنساننى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرنى، جۈملىدىن ھەر خىل ياخشى ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدۇ، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشى ئىشتا ھەمكارلىشىپ، ئىنسانلارغا ئۈلگە بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا بارلىق مۇسۇلمانلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىپ تۇرۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بۈيۈك كىتابىدا مۇئمىنلەرنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋابقا ئېرىشىشكە لايىق كىشىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدىغان ۋە نامازنى ئادا قىلىدىغان ئىشلىرىنى ئۆزئارا مەسلىھەت بىلەن قىلىدىغان ۋە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن باشقىلارغا سەدىقە قىلىدىغان كىشىلەردۇر“{سۈرە«شۇرا»(42-سۈرە)، 38-ئايەت}. بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا بىزنى ئىشلارنى بېجىرگەندە ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىشكە، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا چاقىرغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرىدىكەن قوشنىسىغا ياخشىلىق قىلسۇن، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرىدىكەن ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارنى قوشنىلار ئارا ياخشىلىق قىلىشقا، ئۆزئارا مېھمانلىرىنى ھۆرمەتلەشكە ھەمدە ياخشى سۆزلەرنى قىلىشقا چاقىرغان. رەسۇلۇللاھ يەنە مۇنداق دېگەن: ”روھلار توپلىنىدىغان ئەسكەرلەرگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇ روھلاردىن ئۆزئارا تونۇشقانلىرى ئۇنسى-ئۈلپەت ھاسىل قىلىدۇ، تونۇشمىغانلىرى بولسا بىر-بىرىدىن ئايرىلىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارنى ئۆزئارا تونۇشۇپ دوستلۇق ھاسىل قىلىشقا چاقىرغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە ’مېنىڭ كاتتا، ئۇلۇغلۇقۇم سەۋەبلىك ئۆزئارا دوست تۇتۇشقۇچىلار قەيەردە؟ مەن بۈگۈنكى مېنىڭ سايەمدىن باشقا سايە بولمىغان كۈندە ئۇلارنى سايىدىتىمەن‘ دەيدۇ“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىستىن مەلۇمكى، ئاللاھ تائالا ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئۆزئارا ھەمكارلاشقان، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئاللاھ يولىدا ئۆزئارا دوستلاشقان كىشىلەرنى قىيامەت كۈنى سايىدىتىدۇ، يەنى ئۆز رەھمىتى ئاستىغا ئالىدۇ. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”رەسۇلۇللاھ بىزنىڭ قېشىمىزغا كېلىپ مۇنداق دېدى: ’سىلەر ئاللاھقا نىسبەتەن ئەمەللەرنىڭ قايسىسى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟‘ بىرسى: ’ناماز، زاكات‘ دېدى، يەنە بىرى: ’جىھاد‘ دېدى. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: ’ئاللاھقا نىسبەتەن ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھ يولىدا دوست تۇتۇشتۇر“(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىستىكى ئاللاھ يولىدا دوست تۇتۇش دېگەنلىك ئاللاھ يولىدا ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا ياردەملىشىش، بىر-بىرىنى قوللاش، ئىناق ئۆتۈش دېگەنلىك بولىدۇ.

ياخشى ئىشتا ۋە تەقۋالىقتا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بۇيرۇغان مۇھىم ئەمەل بولۇپ، بۇنى تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ روشەن يورۇتۇپ بېرىدۇ: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”رەسۇلۇللاھ ئەبۇ زەرگە: ’ئى ئەبۇ زەر، ئىمان تۇتقۇلىرىنىڭ قايسىسى ئەڭ پۇختا؟‘ دېدى. ئەبۇ زەر: ’ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ‘ دەپ جاۋاب بەردى. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: ’ئاللاھ يولىدا ئۆزئارا ياردەملىشىش، ئاللاھ يولىدا دوست تۇتۇش‘ “(بەيھەقى رىۋايەت قىلغان). دېمەك، بىز مۇسۇلمانلار ياخشىلىق ۋە تەقۋالىقتا ئۆزئارا ھەمكارلاشقاندىلا ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالايمىز ھەمدە جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشالايمىز.

ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى2010 -يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر