باش بەت > ۋەز-تەبلىغلەر > ۋەز-تەبلىغ ماقالىلىرى

باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنىمۇ ئويلاپ قويايلى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-04-27   

ئابلىكىم ئۆمەر ھاجى

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

ئىمان دېگىنىمىز ئېتىقاد ۋە ئەمەلنىڭ بىرلىشىشى بولۇپ، بىزنى ئاللاھ تائالادىن قورقۇشقا، يامانلىق قىلماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ، كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى بەجا كەلتۈرۈشكە ئۈندەيدۇ. قەلبى ئىماندىن نۇرلانغان ئىنسان بۇ قىسقىغىنا دۇنيادا تەقۋالىقنى لازىم تۇتۇپ، ئاخىرەت ئۈچۈن ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەل-ئىبادەتلىرىنى ئورۇندايدۇ، تىرىكچىلىك داۋامىدا بىر جەھەتتىن ئۆز ئائىلىسىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىسا، يەنە بىر جەھەتتىن باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنىمۇ ئويلايدۇ، غېمىنى يەيدۇ، مەنمەنچىلىك قىلىپ ھەددىدىن ئاشمايدۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى يوليورۇقىنى، ئېسىل ئەخلاق-پەزىلىتىنى ئۆزىگە ئۆرنەك قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ.

ئىسلام دىنى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك ياشاشقا چاقىرىدىغان دىن. بۇ دىن ھاياتىي دۇنيادا باي، پاراۋان بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە كىشىلەرنى ئېتىقادلىق، ئەخلاقلىق ياشاشقا، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشكە چاقىرىدۇ. دىنىمىزدا باشقىلارغا خالىس ياردەم قىلىپ ساۋاب تېپىش شەرەپ، ئۆز مەنپەئەتىنى دەپ باشقىلارغا زىيان سېلىش گۇناھ ھەم نومۇسلۇق قىلمىشتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەن(ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگىمۇ) ياخشىلىق قىلغىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ“{سۈرە«قەسەس»(28-سۈرە)، 77-ئايەت}.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ”ئۇلاردىن(يەنى مۇھاجىرلاردىن) مەدىنەدە يەرلىك بولغان، ئىمانى كۈچلۈك بولغانلار(يەنى ئەنسارلار) يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى(يەنى مۇھاجىرلارنى) دوست تۇتىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن ئىچى تارلىق قىلمايدۇ، ئۇلار موھتاج تۇرۇقلۇق(مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئەتىنى) ئۆزلىرىنىڭ(مەنپەئەتى)دىن ئەلا بىلىدۇ. ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر“ {سۈرە«ھەشر»(59-سۈرە)، 9-ئايەت}. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆزى ياخشى كۆرگەننى مۇسۇلمان قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرگەن، ئۆزى موھتاج تۇرۇپ قېرىندىشىغا ياردەم بەرگەن مۇسۇلمانلارنى ”غەلىبىگە ئېرىشكۈچىلەر، مەقسەتكە يەتكۈچىلەر“ دەپ ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

تەپسىردە بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى مۇنداق بايان قىلىنغان:

بىر ئادەم رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ: ”ئى رەسۇلۇللاھ، بىزگە قاتتىق ئاچلىق ۋە يوقسۇزلۇق يەتتى“ دېدى. رەسۇلۇللاھ ئاياللىرىنىڭ يېنىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدىن ھېچ نەرسە تاپالمىغاندىن كېيىن: ”بۇ كېچە ئۇنى مېھمان قىلىدىغان ئادەم يوقمۇ؟ ئۇ كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلغاي“ دېدى. ئەنسارلاردىن بىر ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ: ”ئۇنى مەن مېھمان قىلاي“ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم ھېلىقى كىشىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ، ئايالىغا: ”بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مېھمىنى، ئۇنىڭغا بىر نەرسە يوق دېمەڭ“ دېدى. ئايالى: ”ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، يېنىمدا پەقەت بالىنىڭ تائامى بار“ دېدى. ھېلىقى ساھابە ئايالىغا: ”بالىلار كەچلىك تاماق يېمەكچى بولغاندا ئۇلارنى ئۇخلىتىپ قويۇڭ، ئاندىن چىراغنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ. بىز كېچىدە قورسىقىمىزنىڭ ئاچ ئىكەنلىكىنى يوشۇرايلى“ دېدى. ئايالى شۇنداق قىلدى. ئاندىن كېيىن ئۇ ئادەم ئەتىگەندە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا باردى. رەسۇلۇللاھ: ”ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن بۇ ئىككىيلەننىڭ قىلغان ئىشىدىن مەمنۇن بولدى“ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتنى نازىل قىلدى.

يۇقىرىقى ئايەتى كەرىمدە ئاللاھ تائالا ئۈممەتنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى، نەمۇنىلىرى بولغان، رەسۇلۇللاھ ”مېنىڭ ساھابىلىرىم يۇلتۇزغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ قايسىسىغا ئەگەشسەڭلار توغرا يول تاپقان بولىسىلەر“ دەپ سۈپەتلىگەن ساھابىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى ئىنسانپەرۋەر، رەھىمدىل، مەرد، سېخىي بولۇشقا ئۈندىگەن. ھەقىقىي مۇسۇلماننىڭ ۋۇجۇدىدا ئىنسانپەرۋەرلىك روھى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ، بۇرادەرلىرىنىڭ غېمىنى يەيدۇ، ئۇلارغا خۇشاللىق يەتسە دىلى يايرايدۇ؛ ئۇلارغا مۇسىبەت يەتسە تەسەللى بېرىدۇ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ياردەم قىلىدۇ، تېڭىرقىغاندا توغرا يول كۆرسىتىپ مەسلىھەت بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”مۇئمىنلەر بىر-بىرى بىلەن دوستلىشىشتا، بىر-بىرىگە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈشتە، بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشتە گويا بىر تەن، بىر گەۋدىگە ئوخشايدۇ. ئۇ تەندىن بىر ئەزا ئاغرىسا قالغان ئەزالارمۇ تەڭ ئاغرىيدۇ، تەڭ دەرد تارتىدۇ“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)؛ ”كىمكى بىر مۇئمىننى دۇنيانىڭ بىر قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنى قىيامەت كۈنىدىكى بىر قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ؛ كىمكى قىيىنچىلىقتا قالغان بىر كىشىنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسە، ئاللاھ ئۇ كىشىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ. بەندە ئۆز قېرىندىشىنىڭ ياردىمىدە بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ياردىمىدە بولىدۇ“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)؛ ”سەن بۇرادىرىڭ ئۈچۈن ئۇ ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ياخشى كۆرگىن“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)؛ ”ھەر كۈنى تاڭ ئېتىشىغا كىشىلەرنىڭ ھەربىر ئۈگىسىگە بىر سەدىقە كېلىدۇ، ئىككى ئادەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەققانىي ھۆكۈم قىلغىنىڭ سەدىقە، بىر كىشىنىڭ ئۇلىغىغا مىنىۋېلىشىغا ياردەم بەرگىنىڭمۇ سەدىقە ياكى ئۇ ئادەمنىڭ ئۇلىغىغا يۈك-تاقلىرىنى ئارتىپ بېرىشىڭمۇ سەدىقە، ياخشى سۆزمۇ سەدىقە، ناماز ئۈچۈن ماڭغان ھەربىر قەدىمىڭمۇ سەدىقە، يولدىن كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىشىڭمۇ سەدىقە“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

سەھل ئىبنى سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئايال توقۇلغان توننى ئېلىپ كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ”بۇ توننى ئۆز قولۇم بىلەن توقۇدۇم، ساڭا كىيدۈرۈپ قوياي“ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ توننى خۇددى ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىقتەك قوبۇل قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ قېشىمىزغا چىقتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بىلەن بەدىنىنىڭ تۆۋەن تەرىپىنى ئورىۋالغان ھالدا چىققانىدى، بىر كىشى: ”بۇ نېمىدېگەن چىرايلىق تون، ئۇنى ماڭا كىيدۈرۈپ قويساڭ“ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ماقۇل“ دەپ سورۇندا بىر دەم ئولتۇرۇپ، قايتىپ بېرىپ، ئۇنى قاتلاپ ھېلىقى كىشىگە ئەۋەتىپ بەردى. كىشىلەر ئۇنىڭغا: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توننى ئېھتىياجلىق ھالدا كىيگەن تۇرسا، ئۇنى سوراپ ياخشى قىلمىدىڭ، ھەقىقەتەنمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر نەرسە سورىغان ئادەمنى قۇرۇق قول قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلىسەن“ دېدى. ئۇ كىشى: ”ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنى كىيىش ئۈچۈن ئەمەس، كېپەنلىك قىلىش ئۈچۈنلا سورىدىم“ دېدى. كېيىن ئۇ تون ئۇنىڭ كېپەنلىكى بولدى.

يۇقىرىقى ئايەت، ھەدىسلەردىن ئايدىڭ بولۇپ تۇرۇپتىكى، باشقىلارغا خەير-ئېھسان قىلىش، خەيرلىك ئىشلارغا ئىنتىلىش بۈيۈك ئەخلاق-پەزىلەت ھەم كاتتا شەرەپ. بۇ ھەقتە بىز ساھابىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىغىمۇ نەزەر تاشلاپ باقايلى. ھۇزەيفەتۇل ئەدەۋى مۇنداق دەيدۇ: ”يەرمۈك كۈنىدە تاغامنىڭ ئوغلىنى ئىزدىدىم. مەندە ئازراق سۇ بار ئىدى. مەن ئىچىمدە ئۇنىڭ جېنى بولسا، مەن ئۇنىڭغا سۇ بېرەي، ئۇنىڭ يۈزىنى سىلاي دېدىم. شۇ ئەسنادا مەن ئۇنى تۇيۇقسىز ئۇچرىتىپ قالدىم، مەن ئۇنىڭغا سۇ بېرەي دېۋىدىم، ئۇ ماقۇللۇق ئىشارىسى قىلدى. شۇنداق تۇرۇۋاتقاندا بىر ئادەم: ’ۋاي‘ دېدى. تاغامنىڭ ئوغلى ’سۇنى ئۇنىڭ قېشىغا ئاپارغىن‘ دەپ ئىشارەت قىلدى، سۇنى ئۇنىڭ يېنىغا ئاپارسام ئۇ ھىشام ئىبنى ئاس ئىكەن. ئۇنىڭغا: ’ساڭا سۇ بېرەي‘ دېسەم، ئۇ يەنە بىر ئادەمنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ’سۇنى ئۇنىڭ قېشىغا ئاپار‘ دەپ ئىشارەت قىلدى. سۇنى ئۇنىڭ قېشىغا ئاپارسام ئۇ ۋاپات بولۇپ كېتىپتۇ، ئارقامغا يېنىپ ھىشامنىڭ قېشىغا كەلسەم ئۇمۇ ۋاپات بوپتۇ، ئارقىدىن تاغامنىڭ ئوغلىنىڭ يېنىغا كەلسەم ئۇمۇ ئاللىبۇرۇن ۋاپات بولغان ئىكەن. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت قىلسۇن!“. دېمەك، بۇنداق خالىس نىيەت، پىداكارلىق ھەقىقىي مۇسۇلماننىڭ خىسلىتىدۇر. ئىنسان ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا كۆپلەپ ئەجىر-ساۋاب بېرىدۇ، قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كېلىدىغان بولساق، بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى ھەقىقەتەن يوققا چىقىرىۋەتمەيمىز“{سۈرە«كەھف»(18-سۈرە)، 30-ئايەت}.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”بىر كىشى يولدا كېتىۋېتىپ قاتتىق ئۇسساپ كېتىپتۇ. بىر قۇدۇقنى تېپىپ ئۇنىڭغا چۈشۈپ سۇ ئىچىپتۇ. قۇدۇقتىن چىققاندا بىر ئىتنىڭ ئۇسسۇزلۇقتىن نەم توپىنى يالاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ’بۇ ئىتمۇ مەندەك ئۇسساپ كېتىپتۇ‘ دەپ ئويلاپ قۇدۇققا چۈشۈپ، ئۆتۈكىگە سۇ توشقۇزۇپ ئۇنى چىشلەپ يۇقىرىغا يامىشىپ چىقىپ ئىتنى سۇغۇرۇپتۇ. ئاللاھ تائالا بۇ كىشىدىن رازى بولۇپ ئۇنى مەغپىرەت قىلىپتۇ. كىشىلەر: ’ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! چارۋىلارنى سۇغارساقمۇ ساۋاب بولامدۇ؟‘ دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ’ھەرقانداق جېنى بار ھايۋاندا(ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىشتا) ساۋاب بار‘ “ دېدى(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە سەپەر ئۈستىدە ئىدۇق. بىر كىشى ئالدىمىزغا كېلىپ ئوڭ-سولىغا كۆز يۈگۈرتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”كىمنىڭ ئارتۇق ئۇلىغى بولسا ئۇنى ئۇلاغسىز كىشىگە بەرسۇن؛ كىمنىڭ ئارتۇق ئوزۇقلۇقى بولسا ئۇنى ئوزۇقسىز كىشىگە بەرسۇن“ دەپ شۇنداق جىق مالنىڭ تۈرلىرىنى سانىدىكى، ھەتتا بىز ”ھېچقايسىمىزنىڭ ئارتۇق نەرسىدە ھەققىمىز يوقكەن“ دەپ ئويلاپ قالدۇق(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

بىز باشقىلارنىڭمۇ غېمىنى قىلىشتا، ئۇلارغا ياردەم بېرىشتە يولباشچىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھقا باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ تائالا سىزنى خار قىلمايدۇ. سىز ھەقىقەتەن سىلە-رەھىم قىلىسىز(يەنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ۋە باشقىلارغا ياخشىلىق، خەير-ئېھسان قىلىسىز)، ئېغىرچىلىقلارنى كۆتۈرۈپ بېرىسىز(يەنى ئاجىزلارنىڭ، بىچارىلەرنىڭ يۈك-تاقىنى كۆتۈرۈپ بېرىسىز، ئاجىزلارغا، يېتىم-يېسىرلارغا، ئاياللارغا، بالىلارغا قارايسىز)، يوقسۇزلارغا مال-مۈلۈك بېرىسىز(يەنى ئۇلار ئاجىز كەلگەن، قىينىلىپ قالغان چاغدا موھتاج بولغان نەرسىلىرىنى ئۇلارغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىسىز)، مېھمانلارغا زىياپەت بېرىسىز(يەنى مېھمانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىسىز، ئۇلارنى ياخشى كۈتىسىز)، مۇسىبەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىسىز(يەنى بېشىغا كۈن چۈشكەن، مۇسىبەتكە دۇچار بولغان، ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغانلارغا پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ياردەم بېرىسىز)“.

ئى جانابىي ئاللاھ، بىزنى مەنپەئەتنى دەپ باشقىلارغا زىيان سالىدىغانلاردىن قىلمىغايسەن، ئامىن!

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2010-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر