باش بەت > ۋەز-تەبلىغلەر > ۋەز-تەبلىغ ماقالىلىرى

ئېتىقاد ۋە ئەمەللىرىمىزنى ئىلىم ئارقىلىق توغرىلايلى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-04-27   

مۇھەممەد ئابدۇرەھمان جامى

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

ھۆرمەتلىك ئەھلى جامائەت! بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىز ئىلىم ئۆگىنىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، ھەرقانداق ئىش-ئەمەللىرىمىزنى بىلىم ئارقىلىق ئىلمىي يوسۇندا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىلغار، ئەمەلىيەتچىل دىن بولۇپ، كىشىلەرنى ئىلىم ئۆگىنىشكە ۋە ئىلىم-مەرىپەتكە ئەھمىيەت بېرىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.

ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمدە ”ئىلىم“ سۆزى 127 جايدا تىلغا ئېلىنغان، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى نازىل بولغان ئايەت ”اقرأ (ئوقۇغىن)“ دېگەن بۇيرۇق كەلىمەسى بىلەن باشلانغان. بۇ دەسلەپكى ۋەھيىدە ”ئوقۇغىن“ دېگەن سۆز ئۈچ يەردە تەكرارلىنىدۇ. ئۇنىڭغا ئۇلاپلا يەنە ئاللاھنىڭ ئىنسانغا خەت يېزىشنى ئۆگەتكەنلىكى، ئۇنىڭغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن ئەڭ دەسلەپكى ۋەھيىدىكى ئوقۇشقا دەۋەت قىلىش ئىلىم-مەرىپەتنى قەدىرلەشنىڭ ئەڭ يۈكسەك دەرىجىسى ھېسابلىنىدۇ.

1. ئىلىم  دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتنىڭ كاپالىتىدۇر

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: ”ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەربىر ئەر-ئايال مۇسۇلمانغا پەرزدۇر“ دېگەن، يەنە ”كىمكى ئىلىم تەلەپ قىلىش يولىغا ماڭسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ “ دېگەن.

يۇقىرىقى مەزمۇنلار ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىم بىلەن بىرلىكتە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش بىلەن بىرگە، مۇسۇلمانلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق ھەرقانداق ئىلىمنى تەھسىل قىلىشقا، ئىلىمنى قەدىرلەشكە، ئىلىم ئەھلىلىرىنى ھۆرمەتلەشكە دەۋەت قىلىدۇ. ئىلىم ئۆگىنىش پەرز دېيىش ئارقىلىق ئىلىم ئۆگىنىشنى ئىبادەت دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ. ئىسلام دىنى ئىلىمگە ھۆرمەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئىلىم-پەننى تېخىمۇ قەدىرلەپ ھەمدە پەن-مەدەنىيەتنىڭ ئاقارتىش ئىشلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا چاقىرىدۇ. ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولماقتا. ئىلىم-پەننىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىشى بىز مۇسۇلمانلارغا ئىلىم تەھسىل قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويماقتا.

قېرىنداشلار! مەملىكىتىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ قىسمى دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونلىرىدا بولۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تەرەققىي قىلغان بىر قىسىم رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتلەردە نىسبىي ھالدا ئارقىدا. شۇڭا بىز ئىككى دۇنيادىكى بەخت-سائادىتىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز ئۈچۈن ئىلىم يولىغا پائال ئاتلىنىشىمىز لازىم.

2.ئىلىم  ئىبادەتلەرنىڭ مەقبۇل بولۇشى ئۈچۈنمۇ ئالدىنقى شەرت ھېسابلىنىدۇ

مۇقەددەس دىنىمىز ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالاقىدار پەرز، ۋاجىب، سۈننەت ۋە مۇستەھەب، مەكرۇھ، مۇفسىدلىرىنى بىلىپ قىلغان چاغدىلا مەقبۇللۇق دەرىجىسىگە يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. مەسىلەن: ئىسلامنىڭ ئاساسلىق بەش پەرزىنى ئالساق، ئۇنىڭدا ئىماننىڭمۇ ئۆزىگە لايىق شەرتلىرى بار؛ پەرز نامازنىڭمۇ ئىچى-تېشىدا پەرز، ۋاجىب سۈننەتلىرى بار؛ زاكات، رامىزان روزىسى، ھەج قاتارلىقلارمۇ مەلۇم شەرت ۋە پەرزلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش بىلەن ئادا تاپىدۇ. بۇ بەش پەرزدىن زاكات ۋە ھەج قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى پەرز ئىقتىساد جەھەتتە مەلۇم چەككە يەتكەن ۋە بەلگىلىك شەرتلەرنى ھازىرلىغان مۇسۇلمانلارغا پەرز. زاكاتتىكى مۇھىم مەقسەت بايلارنىڭ نامراتلارغا خەير-ئېھسان قىلىشىنى، ئاجىز-يوقسۇزلارغا يار-يۆلەكتە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا زاكاتتىكى مەقسەت ۋە ھېكمەتنى توغرا چۈشىنىشىمىز ۋە چوڭقۇر بىلىپ يېتىشىمىز لازىم.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئېيتىدۇكى: ”قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەئبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 97-ئايەت}.

ئېتىقادنى بىلىم ئۈستىگە ئورناتقاندا، ئەقلىي بىلىشكە ئىگە بولغىلى بولىدۇ، ھەمدە شۇ كىشىنىڭ ئېتىقادىمۇ ئاندىن مۇستەھكەم ۋە پاك ئېتىقاد بولالايدۇ. شۇنىڭدەك قىلغان ھەربىر ئەمەللىرىمىز ساپ ھەم ئاللاھقا مەقبۇل بولۇشقا يېقىن بولىدۇ. قارىغۇلارچە بويسۇنۇش، ئەمەللىرىمىزنى تەقلىدچىلىك بىلەن ئېلىپ بېرىش بىزنى ئاسانلا خۇراپاتلىققا باشلاپ قويىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم، ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئىگە بولىدۇ. بىرەر يامانلىق قىلغان ئادەمگە پەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەرلا جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ“{سۈرە«ئەنئام» (6-سۈرە)، 160-ئايەت}.

ھازىرقى ياخشى ۋەزىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە، نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئالدىن بېيىدى ۋە بېيىۋاتىدۇ. تۇرمۇش سەۋىيەمىز كۈندىن-كۈنگە ئۆسۈۋاتىدۇ. بىراق مەھەللە ۋە كوچىلاردا نامرات، پېقىر كەمبەغەللەر قورساق غېمى ھەم كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنىڭ غېمىدا باش قاتۇرسا، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ۋە ئالىي مەكتەپلەردە نامرات-يوقسۇزلۇق سەۋەبلىك بەزى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ ۋە يەنە نۇرغۇن ئىقتىسادلىرىمىز بىھۇدە ئورۇنلارغا، ھەشەمەتچىلىككە خەجلەنسە، كۆپ ۋاقىتلىرىمىز پايدىسىز سورۇنلاردا بىكارغا ئىسراپ بولۇپ ھېچبىر ئەھمىيىتى يوق ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. ئادەمنىڭ ئۆمرى چەكلىك بولىدۇ. چەكلىك ھاياتتا قولىمىزدىكى مىڭ جاپادا يىغقان ئىقتىسادىمىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىش بولغان كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ئىلىم، پەن-تېخنىكا ئۆگىنىش ئىشلىرىغا ئايىماي سەرپ قىلىشىمىز، ئەتراپىمىزدىكى نامرات كەمبەغەللەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، ئاللاھ تائالا بىزگە ئون ھەسسە ساۋاب بېرىدىغان ئىشلارنى قىلىشىمىز لازىم.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھنىڭ يولىدا(پۇل-مال) سەرپ قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 195-ئايەت}. يۇقىرىقى ئايەتنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا ياردەم بېرىپ، مائارىپنى قوللاش جەمئىيەتتىكى ھەربىر پۇقرانىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسى. دېمەك، سان-ساناقسىز پاكىتلار ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىمنى ئۇلۇغلايدىغان، ئىلىمنى، ئالىمنى يۈكسەك قەدىرلەيدىغان، دەۋرگە ئەگىشىپ، تەرەققىياتقا ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىپ گۈللەنگەن تەرەققىيپەرۋەر دىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم ئۆگىنىپ، ھۈنەر-سەنئەت ئىگىلەپ ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىشىغا، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىگە، پەن-تېخنىكا ئىگىلىشىگە ئەزەلدىن مەدەت بېرىپ كەلگەن.

بىلىم، ئەقىل-پاراسەت، كۈچ-قۇۋۋەت دېگەنلەر ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارنىڭ، شانۇشەۋكەت، ئىجاد-كەشپىياتنىڭ ئانىسى. بىلىمى يوق ئادەم، مائارىپى تەرەققىي قىلمىغان مىللەت، مائارىپقا مەبلەغ سالمىغان دۆلەت نادان ئادەم، نادان مىللەت، نادان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئىنسان ھاياتىدا بىلىم گويا سۇ، نانغا ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم، بىلىمسىزنىڭ كۆڭلى زىمىستان، ئۆيى گۆرىستان، ئۆزى ۋەيران، ئۆمرى سەرسان بولىدۇ. بىلىم بولسا نۇر، بىلىم بولسا بەخت. ئۇ ئىنسانلارغا ھاياتىي كۈچ بەخش ئاتا قىلىدۇ. قايسى مىللەتتە، قايسى دۆلەتتە بىلىمسىز نادانلار كۆپ بولسا، شۇ خەلقنى ئاپەت، دۆلەتنى پالاكەت باسىدۇ. مىللەتنى گۈللەندۈرۈپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مائارىپقا، ئىلىم-پەنگە تايىنىمىز. 21-ئەسىر يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئۇچۇر تورلاشقان، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، سودا يەر شارىلىشىۋاتقان، رىقابەت، خىرىس كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان دەۋر. بۇ دەۋرگە ئەگىشىپ، جەمئىيەتكە ماسلىشىپ تەرەققىيات قەدىمىمىزنى تېزلەتمىسەك ھەرقانداق ۋاقىتتا تاللىنالماي، بەلكى ھەربىر ئىشىمىزدا شاللىنىمىز. شۇڭا بىز مۇسۇلمانلار بىدئەت، خۇراپىي ئىدىيەلەردە ئازغىشىپ يۈرمەي، ئىسلام دىنىنىڭ شانلىق ئەنئەنىلىرىگە ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىپ، ئىلىمنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس ھېكمىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بالدۇرراق ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئەڭ زور ۋە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇشىمىز لازىم.

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2007-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر