باش بەت > ۋەز-تەبلىغلەر > ۋەز-تەبلىغ ماقالىلىرى

ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى راست سۆزلۈك بولۇشقا بۇيرۇيدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-04-15   

ئابدۇللا ھوشۇر

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

بىز ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جاي ۋە ھەرقانداق شارائىتتا راستچىل، سەمىمىي، ئادىل بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. لېكىن بۈگۈنكى بۇ كەڭرىچىلىك دەۋردە، تەرەققىياتنىڭ تېز بولۇشىغا ماس ھالدا، ئىنسانلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ئازغىنا دۇنيالىق مەنپەئىتى ۋە ئابرۇيىنى دەپ، قارىغۇلارچە يالغان گەپ قىلىپ، يالغان سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلەر ئارقىلىق بىر-بىرىنى ئالداپ، بىر-بىرىگە ئورا كولاپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدىغان ناچار ئىللەتلەر ئەۋج ئېلىپ، جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ئېغىر توسالغۇ بولۇش بىلەن ھەتتا ئائىلىلەرگىچە سىڭىپ كىرىپ، بىزنىڭ كەلگۈسى ئىزباسارلىرىمىز بولغان ياش ئۆسمۈرلەرگىمۇ يۇقماقتا.

شۇنى بىلىشىمىز لازىمكى، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ دەۋا قىلىپ تۇرۇپ، بىر-بىرىگە يالغان گەپ قىلىش ۋە بىر-بىرىنى ئالداش ئىسلام دىنى قانۇنىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. پۈتكۈل ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنىڭ راست سۆزلۈك بولۇشىنى تەكىتلەپ، قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ”ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھدىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار“{سۈرە«تەۋبە»(9-سۈرە)، 119-ئايەت}؛ ”راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا... ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى“{سۈرە«ئەھزاب»(33-سۈرە)، 35-ئايەت}.

شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان قېرىنداشلار ھەرقانداق شارائىتتا راستچىل بولساق، ئاللاھ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىشى ۋە كۆپ ساۋابلارنى بېرىشى چوقۇم. ئەگەر يالغان سۆزلەشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ۋاقىتلىق ئازغىنا پايدا-مەنپەئەتنى دەپ يالغان سۆزلەۋەرسەك، ئارزۇيىمىزنىڭ ئەكسىچە، جەمئىيەتتە كىشىلەر ئالدىدا ئىناۋىتىمىز تۆكۈلۈش بىلەن بىرگە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ قاتتىق ئازابىغا دۇچار بولىمىز.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ناھايىتى ئەخلاقلىق، سەمىمىي، ئادىل، راستچىل زات ئىدى. شۇڭا ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشلىرىغا زور بەرىكەت ئاتا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى قۇرەيش مۇشرىكلىرىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ راست سۆزلۈك كىشى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشاتتى. بىز مۇسۇلمانلار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى تۇتۇپ ماڭىمىز، ئىككىلا ئالەمدە بەختكە ئېرىشىمىز دەيدىكەنمىز، ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيىسىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز لازىم.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىز ئۈممەتلىرىگە كۆيۈنۈپ راست سۆزلۈك بولۇش توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەرنى قالدۇرغان. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”راست سۆزلۈك بولۇشنى ئۆزۈڭلارغا ئادەت قىلىڭلار. راست سۆز ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ. ھەربىر ئادەم دائىم راستچىل بولسا ۋە راستچىللىقنى ئادەت قىلسا، ئاللاھنىڭ ئالدىدا راستچىل دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. يالغان گەپ قىلىشتىن قېچىڭلار، يالغان گەپ گۇناھقا باشلايدۇ. گۇناھ دوزاخقا باشلايدۇ. بىر ئادەم دائىم يالغان گەپ قىلىشنى ئادەت قىلسا ئاللاھنىڭ ئالدىدا يالغانچى دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

سەھىل ئىبنى ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”بىر ئادەم ئۆزىنىڭ راستچىللىقىنى ۋاسىتە قىلىپ، شېھىتلىك دەرىجىسىنى(جەننەتتىكى ئەڭ ياخشى ئورۇننى) سورىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى كېسەل بىلەن ئۆلگەن بولسىمۇ، شېھىتلىك دەرىجىسىگە يەتكۈزىدۇ“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئى ئابدۇللا، ئەگەر تۆت ئىشىنى ئۆزۈڭگە ئادەت قىلساڭ، سەن دۇنيادىن كەتكىچە زىيانغا ئۇچرىمايسەن. ئۇ بولسىمۇ: ئامانەتنى ساقلاش، راست سۆزلۈك بولۇش، ياخشى ئەخلاقلىق بولۇش ۋە ھالالدىن كەسىپ قىلىش“(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى سودىلاشقان جايدىن يۆتكىلىپ كەتمىسىلا، ئۇلارنىڭ سودىنى بۇزۇش ئىختىيارى بولىدۇ، ئەگەر ئۇلار سودىسىدا راست گەپ قىلىشسا، مالنىڭ، پۇلنىڭ ئەيىبلىرىنى يوشۇرمىسا، ئۇلارنىڭ سودىسى بەرىكەتلىك بولىدۇ، ئەگەر ئۇلار مالنىڭ، پۇلنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرسا، سودا ئۈستىدە يالغان گەپ قىلىشسا، قىلغان سودىسىنىڭ بەرىكىتى ئۇچۇپ كېتىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

ھەربىر ئادەم ئائىلىگە مەنسۇپ، ھەربىر ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى بولۇش بىلەن شۇ جەمئىيەتنىڭ بىر تەركىبى قىسمى. ئەمما ھازىر بەزى كارخانىچىلار، كەسىپ ئىگىلىرى ۋە سودا-تىجارەتچى، ھۈنەرۋەن كاسىپلار بىر-بىرىگە يالغان گەپ قىلىش بىلەنلا قالماي بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىدىغان ئىللىق بۆشۈكى بولغان ئائىلىدىمۇ، ئاتا-ئانا، پەرزەنت ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارا يالغان سۆز، ساختا ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ.

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا ناھايىتى مېھرىبان، كۆيۈنگۈچى ۋە مەغپىرەت قىلغۇچى زاتدۇر. شۇڭا بىز تەخىرسىزلىك بىلەن ئاللاھدىن گۇناھىمىزنىڭ، ناچار ئىللەتلىرىمىزنىڭ ئەپۇ قىلىنىشىنى تىلەش بىلەن بىرگە، يالغان سۆز ھەرىكەتلەر بىلەن قەتئىي شۇغۇللانماي، ئۆزىمىزنى ئەخلاقلىق، راستچىل، ئادىل، سەمىمىي، شۇنداقلا ياخشى ئىشقا ئالدىرايدىغان، يامان، ناچار ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغان قىلىپ چىقىش بىلەن بىللە، كەسىپلىرىمىزدە يۇقتۇرۇۋالغان يامان ئىشلارنى دەرھال تۈزىتىپ، پەرزەنتلىرىمىزنى ئەخلاقلىق، راستچىل، ئادىل، سەمىمىي، دەۋر تەلىپىگە لايىق ساپالىق ئەۋلادلاردىن قىلىپ چىقىشقا تىرىشىشىمىز لازىم.

ئەگەر مۇنداق بولمىغاندا، كەلگۈسى ئىزباسارلىرىمىز بولغان بالىلار، بىزنىڭ ناچار ئىللەتلىرىمىزدىن ئۆرنەك ئېلىۋېلىپ، ”ئاتا-ئانام قىلىدىكەن، دەيدىكەن، مەن قىلساممۇ، دېسەممۇ بولىۋېرىدۇ“ دېگەن خاتا ئويغا كېلىپ قالىدۇ-دە ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن بولماي قالىدۇ. بۇ زور زىيان بىز بىلەنلا كەتمەي كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغىمۇ بالايى ئاپەت بولۇپ قالىدۇ. دېمەك، راستچىل سەمىمىي، ئادىل، ئەخلاقلىق بولۇش مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك ۋە ياكى مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن ھەربىر ئىنساننىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئېسىل خىسلىتى ھېسابلىنىدۇ. راستچىل بولۇش ھەربىر ئادەمنى ياخشىلىققا ئۈندەيدۇ ھەم ئادەمنىڭ گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ. ئىشلىرىنىڭ  ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. شۇڭا ھەربىر ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللار ئۆزىمىز راستچىل بولۇش بىلەن بىرگە، ئەخلاقلىق، سەمىمىي، ئادىل بولۇپ، بىر-بىرىمىزنى ساختىلايدىغان، بىر-بىرىمىزگە يالغان گەپ قىلىدىغان ناچار ئىللەتلەردىن ھەزەر ئەيلەپ، يالغان گەپ سۆز قىلىدىغانلارغا توغرا يول ئارقىلىق نەسىھەتكار ۋە يېتەكچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قېلىشىنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە توسۇشىمىز لازىم. شۇنداق قىلالىغاندىلا، بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ بىرلىكتە ئاللاھ كۆرسەتكەن توغرا يولدا تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئىككىلا ئالەمدە بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشىمىز ئاسان بولغۇسى.

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2003-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر