باش بەت > ۋەز-تەبلىغلەر > ۋەز-تەبلىغ ماقالىلىرى

ياخشى ئىشنىڭ خاسىيىتى ئىككى دۇنيالىقتۇر

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-03-11   

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

زېمىن بىزنىڭ ئانىمىز، ئۇ بىزنى ئۆزىنىڭ ئىللىق قوينىدا تەربىيەلەيدۇ ۋە باقىدۇ شۇنداقلا بىزدىن نۇرغۇن ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ. خۇسۇسەن قىلىپ ئېيتقاندا، دىيارىمىز بىزدىن ئۇنى گۈللەندۈرۈشىمىزنى كۈتمەكتە. ئۇلۇغ ئىگىمىز ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالامۇ سۈرە«ھۇد»(11-سۈرە)نىڭ 61-ئايىتىدە: ”ئۇ ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن(يەنى تۇپراقتىن) ياراتتى، سىلەرنى زېمىندا تۇرغۇزدى“ دېگەن چاقىرىقى ئارقىلىق بىزدىن ئۇنى ياخشى باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا. زېمىندىن توغرا ئۇسۇلدا پايدىلىنىپ، توغرا ئۇسۇلدا باشقۇرۇپ، ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلاپ دىيارىمىزنى گۈللەندۈرۈش بىزنىڭ ھوقۇقىمىز، شۇنداقلا مەجبۇرىيىتىمىز، ئەلۋەتتە.

بىز ھازىر بازار ئىگىلىكىگە يۈزلەنگەن، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، كەسكىن رىقابەتكە تولغان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. مانا مۇشۇنداق دەۋردە ھەربىرىمىز ئۆزىمىزنى سەگەك تۇتۇپ دەۋرگە ماسلىشىپ، بازار ئىگىلىكىگە يۈزلىنىپ، يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ، ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ”بۇ دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ئېكىنزارى“ دەپ ئېيتقىنىدەك ئاخىرەتتە ياخشى ھوسۇل ئېلىشقا تەييارلىق كۆرۈشىمىز كېرەك. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بەزى كىشىلىرىمىز خاتا ھالدا: ”ئاخىرەت ئۈچۈن تىرىشىش، ئاخىرەت ئۈچۈن ئىشلەش بولسا دۇنيالىق ئۈچۈن ئىشلەش ۋە بۇ دۇنيالىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، چۈنكى بۇ دۇنيا بىلەن ئاخىرەت — تارازانىڭ ئىككى تەرىپىگە ئوخشايدۇ، بىر تەرىپى قانچە بېسىلسا يەنە بىر تەرىپى شۇنچە يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ، يەنى ئۇلار خۇددى مەشرىق بىلەن مەغرىبكە ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ بىرىگە قانچە يېقىنلاشساڭ، يەنە بىرىدىن شۇنچە يىراقلىشىسەن، ئاخىرەتكە يۈزلىنىشتىن دۇنيالىقتىن يۈز ئۆرۈش كېلىپ چىقىدۇ“ دەپ گۇمان قىلىشىدۇ ۋە بۇ دۇنيالىق ئۈچۈن تىرىشمايدۇ، نەتىجىدە باشقىلارغا يۈك بولۇپ قالىدۇ، بۇ خىل قاراش رېئاللىقتىكى ئەمەلىي ئىش ئۈنۈمىگە تەتبىقلانماسلىقى، ئەگەر تەتبىقلىنىشكە توغرا كەلسە نىيەت-ئىقبالغا تەتبىقلىنىشى كېرەك. ئەگەر دۇنيا بىر كىشىنىڭ ئارزۇ-ئارمىنى بولۇپ قالسا، شۇنداقلا ئۇ كىشى پۈتۈن قەلبى بىلەن دۇنياغا بېرىلسە، ئۇ ئاخىرەتتىن يىراقلىشىپ دۇنياغا بېرىلگەن بولىدۇ ۋە ياخشى-ياماننى ئىلغىماي دۇنياغا ئاچكۆزلەرچە ئىنتىلىدۇ.

ئەگەر ئۇ ھەقىقىي مۇئمىن مۇسۇلمان بولسا دۇنيالىق ئۈچۈن ئىشلەشتە ئۆز تۇرمۇشىنى ھالال يول بىلەن قامداشنى، تۇرمۇشىدىن ئاشقىنى بىلەن باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى، ياخشى، ساۋابلىق ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى غايە قىلىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. دېمەك، مانا مۇشۇنداق ياخشى نىيەت بىلەن دۇنيالىق ئۈچۈن ئىنتىلىش ۋە ئىشلەش ئاخىرەتنى ئۇنتۇغانلىق ۋە ئۇنى چۆرۈپ تاشلىغانلىق ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى بۇ دۇنيا پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا ئاخىرەتنىڭ ئېكىنزارى. بىز مۇسۇلمانلار چوقۇم بۇ ئېكىنزارنىڭ ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىشىمىز لازىم. بۇ دۇنيانى ئاخىرەت ئۈچۈن ۋاسىتە قىلىشىمىز ۋە بۇ دۇنيالىقىمىزنىمۇ تاشلاپ قويماسلىقىمىز ئۈچۈن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا سۈرە«قەسەس»(28-سۈرە)نىڭ 77-ئايىتىدە: ”ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن“ دېگەن.

بۇ دۇنيالىق بىلەن ئاخىرەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا تونۇيالمىغان بەزى كىشىلەر مۇئمىن چوقۇم ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشى، بارلىق ئىشلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇشى كېرەك، چۈنكى قۇرئان كەرىمدىكى ”(ھەممە ئىشىڭدا) ئاللاھقا يۆلەنگىن، ئاللاھ(ساڭا) ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر“{سۈرە «ئەھزاب»(33-سۈرە)، 3-ئايەت}؛ ”ئەگەر ئاللاھنىڭ ۋەدە قىلغان ياردىمىگە ئىشەنسەڭلار، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭلار“{سۈرە«مائىدە»(5-سۈرە)، 23-ئايەت}؛ ”كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ“{سۈرە«تالاق»(65-سۈرە)، 3-ئايەت} دېگەن ئايەتلەر بۇنى ئىسپاتلايدۇ، دېيىشىدۇ.

قېنى بىز بۇ ئايەتلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۆزى بېكىتىپ بەرگەن مۇفەسسىر، قۇرئاننى بىزگە ئەڭ توغرا رەۋىشتە يەتكۈزۈپ بەرگۈچى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ توغرا پىكىرلىك شاگىرتلىرى بولغان ساھابىلەرنىڭ بۇ توغرىلىق سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى:

بىر سەھرالىق كىشى پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەسچىتىگە كىرگەندە تۆگىسىنى ئىشىك ئالدىغا باغلاقسىز قويۇۋېتىدۇ ۋە شۇ قىلغىنىنى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغانلىق دەپ ئويلايدۇ. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: ”تۆگەڭنى باغلاپ قۇيۇپ ئاندىن تەۋەككۈل قىل“ دېگەن مەشھۇر سۆزنى قىلىدۇ.

بۇ توغرۇلۇق يەنە بىر مىسال كەلتۈرسەك، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىككىنچى ئىزباسارى بولغان ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب بىر كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن، مەسچىتنىڭ بىر بۇلۇڭىغا كىچىك چېدىرلارنى تىكىپ ئولتۇرغان بىرمۇنچە كىشىلەرنى كۆرۈپ: ”سىلەر نېمە ئادەملەر؟“ دەپ سورايدۇ، ئۇلار بۇنىڭغا جاۋابەن: ”بىز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغۇچىلارمىز“ دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇنى ئاڭلاپ دەرغەزەپكە كەلگەن ھەزرىتى ئۆمەر: ”سىلەردىن بىركىم ئاسماندىن ئالتۇن-كۈمۈش ياغمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئى ئاللاھ رىزىق بەرگىن، ئى ئاللاھ رىزىق بەرگىن، دەپلا ئولتۇرۇۋالمىسۇن“ دەيدۇ ۋە قۇرئاندىكى: ”ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا(يەنى نامازدىن پارىغ بولغىنىڭلاردىن كېيىن) زېمىنغا تارىلىپ(يەنى ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بولۇپ)، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار“{سۈرە «جۇمۇئە»(62-سۈرە)، 10-ئايەت} دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ، ئۇلارنى ئەمگەك قىلىپ رىزىق تېپىپ يېيىشكە ئۈندەيدۇ.

يۇقىرىقى مىساللاردىن شۇنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىزكى، تەۋەككۈل قىلىش دېگەنلىك ئاللاھ يارىتىپ بەرگەن سەۋەبلەرنى تاشلاپ قويۇپ، ئاللاھنىڭ مۆجىزە يارىتىپ ھەر خىل نازۇنېمەتلەرنى چىقىرىپ بېرىشىگە، ئاسماندىن تەڭگە-تىللا ياغدۇرۇپ بېرىشىگە يۆلىنىۋېلىش دېگەنلىك ئەمەس. ئۇنداق سەۋەبسىزلا ”ئاللاھقا  تەۋەككۈل“ دەپ ئولتۇرۇۋېلىش، زامانىمىزدىكى ئاچلىق ئېلان قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىگە ھەم شۇ شەكىلدە ئاللاھقا نارازىلىق بىلدۇرگەنلىككە ئوخشاپ قالىدۇ. تەۋەككۈلنىڭ ھەقىقىي مەنىسى بولسا سەۋەبنى ئۆزىمىز قىلىپ نەتىجىسىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش، ئۇرۇقنى چېچىپ ئۇنى پەرۋىش قىلىپ، مېۋىسىنى ئاللاھتىن ئۈمىد قىلىشتۇر.

ئاللاھ ھەممىگە قادىر بولسىمۇ ئۆز ئىرادىسى بىلەن بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى سەۋەبلەرگە باغلىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاللاھ بېكىتكەن سەۋەبلەر ئۇستىدە ئىزدىنىپ، ئۇنى تىرىشىپ ئورۇنداش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بىز ئۈچۈن ھازىرلاپ قويغان ئاتايى-ئېھسانلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ”بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى ھەقىقىي يوققا چىقىرىۋەتمەيمىز“{سۈرە«كەھف»(18-سۈرە)، 30-ئايەت}. بەزىلەر بىز ئەمگەك ۋە كەسىپ قىلىمىزمۇ ياكى بىزگە پەرز قىلىنغان مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى ئادا قىلىمىزمۇ؟ دېيىشى مۇمكىن. ئۇنداق كىشىلەرگە جاۋابەن دەيمىزكى، ئاللاھ بىز مۇسۇلمانلارغا كۆتۈرەلمىگۈدەك، باشقا ئىشلارغا ۋاقىت چىقىرالمىغۇدەك دەرىجىدە مەجبۇرىيەتلەرنى يۈكلەپ قويغىنى يوق، ئىسلام دىنىدىكى بەزى ئىبادەتلەر بىزدە مۇستەھكەم ئىرادە، كۈچلۈك ۋاقىت قارىشى يېتىلدۈرۈپ ئەمگەكتە، كەسىپتە پۇختا بولۇشنى، ۋاقىتقا قاتتىق رىئايە قىلىش ئېڭىنى يېتىلدۈرىدۇكى، ھەرگىزمۇ بىزنى بوشاڭلىققا، ھۇرۇنلۇققا ئۈندىمەيدۇ، دۇنيالىق ھېچبىر ئىشىمىزغا توسالغۇ بولمايدۇ. 

پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساھابىلىرىمۇ تىرىكچىلىك قىلاتتى، كەسىپ-تىجارەت قىلاتتى، تىجارىتى پۈتۈن دۇنياغا تۇتىشاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار توختاۋسىز بولۇۋاتقان ئۇرۇشلارغا قاتنىشاتتى، ئۇلاردا قىيىنچىلىق ھەقىقەتەن ئېغىر ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئىبادىتى ھېچبىر ئىشقا توسالغۇ بولمىغان، بىزدەك تىنچ مۇھىت ئىچىدە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئىبادەت ئىشلىرىمىزنى ۋاقتىمىزغا سىغدۇرالماي قالارمىزمۇ؟! مىسال ۋە ئۈلگە سۈپىتىدە دۇنيالىق ئۈچۈن تىرىشىپ نەتىجە قازانغان ھەم ئاخىرەتلىكىنى تېپىپ بولغان بىر شەخسنى ئەسلەپ ئۆتەيلى، ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ كاتتا ساھابىسى، ساھابىلەر ئىچىدىكى جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن 10 شەخسنىڭ بىرى بولغان ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفتۇر، ئۇ مەككىلىك ئاق سۆڭەكلەردىن بولسىمۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھىدايىتىگە ئەگىشىپ ئىككى قېتىملىق ھىجرەتكە قاتناشقان. مەدىنەگە ھىجرەت قىلىپ بارغاندا ئۇنىڭ قولىدا ھېچنەرسە قالمىغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆچۈپ بارغان مۇھاجىرلارنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەربىر مۇھاجىرنى يەرلىك ئەنسارلاردىن بىر كىشىگە چېتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدۇ. ئەنسارلار مۇھاجىرلارنى كەڭ قۇچاق ئېچىپ قارشى ئالىدۇ، شۇ قاتاردا رەسۇلۇللاھ ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفنى مەدىنەلىك باي سەئد ئىبنى رابىئەگە قېرىنداش قىلىپ قويىدۇ. كۆڭلى-كۆكسى كەڭ بۇ ئەنسار يەر-زېمىن بايلىقىنىڭ يېرىمىنى ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولىدۇ، بۇ چاغدا ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف قىلچە ئىككىلەنمەستىن: ”سىزگە رەھمەت، ئاللاھ سىزنىڭ بايلىقىڭىزغا بەرىكەت بەرسۇن، مېنى باشلاپ مەدىنەنىڭ بازىرىنى كۆرسىتىپ قويغان بولسىڭىز“ دەيدۇ، ئامالسىز قالغان ئەنسار ئۇنى بازارغا ئاپىرىپ قويىدۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ پۇل تېپىپ ئۆيلىنىدۇ ۋە كاتتا تىجارەتچىگە ئايلىنىدۇ. تىجارىتى روناق تېپىپ مەشھۇر بايلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئەمما بۇ بايلىق ئۇنى ساپ قەلبتىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ. ئۇ ئىزچىل ھالدا نامراتلارغا يار-يۆلەك بولىدۇ، ياخشى ئىشلارغا پۇل چىقىرىشتا ئالدىدا ماڭىدۇ. رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدىن موداپىئەلىنىش ئۇرۇشى بولغان تەبۇك ئۇرۇشىدا ئۇ 200 ئۇقىيە ئالتۇن ئىئانە قىلىدۇ، يەنە بىر قېتىم  400 مىڭ تىللالىق بىر زېمىننى سېتىپ يىتىم-يېسىرلارغا ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئىئانە قىلىدۇ. ئۇنىڭ 700 تۆگىلىك سودا مېلىنىڭ مەدىنە شەھىرىگە كىرگەن چاغدىكى تىۋىشىنى ئاڭلىغان ئائىشە ئانىمىز: ”بۇ نېمە ئاۋاز؟“ دەپ سورايدۇ، ئۇنىڭغا ”ئابدۇراھماننىڭ كارۋىنى“، دەپ جاۋاب بېرىلگەندە، ئائىشە: ”ئاللاھ ئۇنىڭ ماللىرىغا بەرىكەت بەرسۇن! ئاخىرەتلىكى تېخىمۇ كاتتا بولسۇن، چۈنكى مەن رەسۇلۇللاھنىڭ: ’ئابدۇراھمان جەننەتكە ئۆمىلەپ كىرىدۇ‘ دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم“ دەيدۇ. بۇ خەۋەر ئابدۇراھمانغا يەتكەندە ئۇ خۇشاللىقىدىن شۇ 700 تۆگىدىكى ماللارنى ئاللاھ يولىدا ياخشى يوللارغا ئاتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلايدۇ، بۇ نېمە دېگەن زور بەخت ۋە نېمە دېگەن ئالىيجانابلىق-ھە! ئابدۇراھمان ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىنى بۇ دۇنيادا كۆردى، ئاخىرەتتىكى نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىلىقمۇ ئوچۇق بېشارەت بېرىلدى. بىزنىڭ ئارىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەردەك يېمەك-ئىچمەكتە، كىيىم-كېچەكتە ھەددىدىن ئېشىپ، بۇزۇپ-چېچىشقا ئادەتلەنگەن، قۇرۇق مۇراسىم، مەرىكىلەرگە ۋاقىت تار كېلىۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ زاتنى ئۈلگە قىلىش بىلەن ئەسلەپ ئۆتىدىغان يېرى — بۇ زاتنىڭ ئاددىي-ساددىلىقى، كەمتەرلىكى ۋە ئىقتىسادچانلىقىدۇر. ئىككى دۇنيالىقىنى تېپىپ بولغان ئالىي مەرتىۋىلىك بۇ كاتتا زاتنىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇ قۇل-چۆرىلىرى ۋە خىزمەتكارلىرى ئارىسىدا يۈرگەن چاغلىرىدا ئۇنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايتتى، دېيىلگەن.

دېمەك، بىز تاپقان ئازغىنە ئىقتىسادلىرىمىزنى ئورۇنسىز يەرلەرگە سەرپ قىلىپ بۇزۇپ-چېچىپ ئىسراپخورلۇق قىلىۋاتقان چېغىمىزدا ئەنە شۇ نامراتلىقتىن، يوقسۇزلۇقتىن ھالسىرىغان قېرىنداشلىرىمىز يادىمىزغا يېتەمدۇ؟! بېشىمىزدىن ئۆتكەن ئېغىر كۈنلەرنى ئەسلەپ باقتۇقمۇ؟!

دەرۋەقە، ئارىمىزدا قىسمەن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر يېتىشىپ چىقىپ، ھالال يول بىلەن پۇل تېپىپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن خەيرلىك ئىشلارنى قىلدى ھەم قىلىۋاتىدۇ. ئەمما يەنە بىر قىسىم ئىنسانلىق خاراكتېرىنى يوقاتقان مەلئۇنلار بالىلارنى بۇلاش، زەھەر ئېلىپ-سېتىشتەك ئەڭ قەبىھ يوللار بىلەن ئىقتىساد توپلاپ، دوزاخ ئازابى ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتىدۇ. ئۇلارغا جاۋابىمىز شۇكى، ئاللاھ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

دېمەكچىمەنكى، ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرەيلى! قولغا كەلگەن ئىقتىسادنى ئورۇنسىز ئىشلاردا ئىسراپ قىلمايلى! ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، باشقىلارغا يۆلىنىدىغان ئەمەس، بەلكى باشقىلارنى يۆلەيدىغان ئۈلگىلىك مۇسۇلمانلاردىن بولايلى!

مەن سۆزۈمنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان، رەسۇلۇللاھنىڭ: ”ئۈستۈنكى قول ئاستىنقى قولدىن ياخشىدۇر، يەنى بېرىدىغان قول، سوراپ ئالىدىغان قولدىن ياخشىدۇر“ دېگەن سۆزى بىلەن ئاياغلاشتۇرىمەن.

ئاللاھ ھەممىمىزگە ياخشى نىيەت، ياخشى شارائىت ۋە ياخشى نەتىجىلەرنى ئاتا قىلسۇن، ئامىن!

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر