باش بەت > ۋەز-تەبلىغلەر > ۋەز-تەبلىغ ماقالىلىرى

ئىسلام دىنى ئاسانلىقنى خالايدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-01-23   
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
 
ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادىتىنى چىقىش قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتىدىغان، ئىنسانلار تەبىئىتىگە نىسبەتەن ئېغىرلىق، مۇشەققەت، قىيىنچىلىقلاردىن خالىي ھالدا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ تۇرىدىغان، ئاسان، ئوڭاي دىندۇر.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە سۈرە«مائىدە»نىڭ 6-ئايىتىنىڭ بىر قىسمىدا مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ“.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ھەقىقەتەن دىن ئاساندۇر، ھېچكىم دىننى قىيىنلاشتۇرۇۋەتمىسۇن، بولمىسا دىن شۇ كىشىنى بېسىپ چۈشىدۇ. نورمال بولۇڭلار، (ھەققە) يېقىنلىشىڭلار، خۇش بېشارەت بېرىڭلار، ئەتىگەن-كەچتە ۋە كېچىنىڭ مەلۇم قىسمىدا(ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق) ئاللاھتىن ياردەم تەلەپ قىلىڭلار“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
ھەدىس شەرىفتە ”دىن“ دېگەن ئىبارە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ يەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىن — ئىسلام دىنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ھەدىسنىڭ ئاخىرىدىكى ئەتىگەن، كەچ ۋە كېچىنىڭ بىر قىسمى دېگەن ئىبارىلەر بۇ يەردە ئىستىئارە شەكىلدە ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى مەنىسى ”سىلەر تېتىك، جانلىق، شۇنداقلا كۆڭلۈڭلار ھەرخىل خىيال، ئوي پىكىردىن خالىي ھالەتلىرىڭلاردا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا ئىبادەتتىن زېرىكىش ھېس قىلمايسىلەر، بەلكى ئۇنىڭ ھەقىقىي لەززىتىنى تېتىيالايسىلەر“ دېگەندىن ئىبارەت.
ئىسلام دىنى ئاسانلىق، ئوڭايلاشتۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى قىلغان، كەڭ قورساقلىق ۋە كۆيۈمچانلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان، شۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى بىلەن ماس ھالدا بىردەكلىكنى ساقلايدىغان كامالەتكە ئىگە دىندۇر. ئىسلام دىنىمىزدا گۇناھ سادىر قىلغۇچى گۇناھتىن پۈتۈنلەي قولىنى ئۈزۈپ، پۇشايمان قىلىپ، ئۇنى ئىككىنچى قىلماسلىققا ئىرادە باغلىسا تەۋبە قىلغان ھېسابلىنىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ كاتتا مەرھەمىتى ۋە مەغپىرىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام ئەھمەدلەر رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەرنىڭ دىن(ئەمەل)ىڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى، ئۇنىڭ ئەڭ ئاسىنىدۇر“.
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى تاللاش توغرىسىدا ئىختىيارلىق بېرىلسە، ئەگەر گۇناھلا بولمىسا ئۇنىڭ ئاسىنىنى، ئوڭايراقىنى تاللايتتى. ئەگەر ئۇ ئىش گۇناھ بولۇپ قالسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ناھايىتىمۇ يىراق تۇراتتى“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفتە، شاخچە مەسىلىلەردە ئاسانلاشتۇرۇش، قىيىنلاشتۇرۇۋالماسلىق توغرىسىدا دەلىللەر كۆپ بولغاچقا، ئىسلام دىنىنىڭ نۇرغۇن ئەھكاملىرىدا ئۇنىڭ نامايەندىلىرى كۆرۈلگەن. مەسىلەن، يۇرتىدىن ئايرىلغان مۇساپىرلارنىڭ سەپەر جەريانىدىكى بىر قىسىم قولايسىزلىق، جاپا-مۇشەققەتلىرى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئۇلارغا نىسبەتەن، ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئاساسىي پەرزلىرىدىن بىرى بولغان نامازنى قەسىر قىلىپ(يەنى تۆت رەكئەتلىك نامازلارنى ئىككى رەكئەت قىلىپ) ئوقۇشنى يولغا قويۇش بىلەن بىرگە، يەنە يىلدا بىر كېلىدىغان روزىنىمۇ شارائىتى يار بەرسە تۇتۇش، مۇبادا يار بەرمىسە كېيىن بىر كۈنىگە بىر كۈن قازاسىنى قىلىش ھەققىدە ئىختىيارلىق بېرىلگەن. تاھارەت ئالماقچى بولغان ياكى جەنابەتتىن يۇيۇنماقچى بولغان ئادەم سۇ تاپالمىسا ياكى سۇنى تاپقان تەقدىردىمۇ مەلۇم سەۋەبلەر(يەنى قۇدۇقتىن سۇنى تارتقىلى بىرەر نەرسە بولماسلىق، قىش ۋاقتى سۇنى ئىسسىتىشقا شارائىت يار بەرمەسلىك ياكى ھېلىقى كىشىنىڭ بەدىنىگە سۇ ئېغىر دەرىجىدە زىيان قىلىش...قاتارلىق سەۋەبلەر) تۈپەيلىدىن، سۇنى ئىشلىتىشكە قادىر بولالمىسا پاك تۇپراق ئارقىلىق تەيەممۇم قىلسا كۇپايە قىلىدۇ. نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇشقا قادىر بولالمىغان كىشى ئولتۇرۇپ ئوقۇسا، ئولتۇرۇپ ئوقۇشقىمۇ قۇربىتى يەتمىگەن كىشى يېتىپ تۇرۇپ بېشى بىلەن ئىشارەت قىلىپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.
ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىملارنىڭ ھەدىس توپلاملىرىدا مۇنداق بىر ھەدىس بايان قىلىنغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ مۇسا ۋە مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئىككىيلەننى يەمەنگە دىنىي دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەندە ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىغان: ”ئاسانلاشتۇرۇڭلار، قىيىنلاشتۇرۇۋەتمەڭلار، خۇش بېشارەت بېرىڭلار، قاچۇرۇۋەتمەڭلار، كىشىلەرگە مۇلايىم بولۇڭلار“.
يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن زامانىمىزدىكى ئومۇمىي كىشىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا مۇنداق دېيىش مۇمكىن: كۆپىنچە شاخچە مەسىلىلەردە خاراكتېرى ئوخشاش بولغان ئىككى خىل قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلسا، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى قىيىنراق، يەنە بىرى ئاسانراق بولسا، ئەلۋەتتە ئومۇمىي كىشىلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئاسانراقىنى قىلىش تەشەببۇس قىلىنغىنى ياخشى، چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئاننى كۆپ قىرائەت قىلىشنى شۇنچە ياخشى كۆرسىمۇ، ھەتتا ساھابىلەر ئۇنىڭدىن: ” ’نامازنىڭ قايسىسى ئەۋزەلرەك؟‘ دېگەندە، ’قۇنۇتى(يەنى قىرائىتى) ئۇزۇن بولغان ناماز‘ “(بەيھەقى رىۋايەت قىلغان) دەپ جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، كۆپچىلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، ساھابىلەرنى جامائەتكە نامازنى يەڭگىل ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرۇغان. مەسىلەن: ”بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا، مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نامازنى بەك ئۇزۇن ئوقۇيدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ كۈندۈزى سۇ توشۇپ جاپالىق ئىشلەيدىغانلىقى تۈپەيلىدىن جامائەتكە قاتنىشالمايۋاتقانلىقى توغرىسىدا شىكايەت قىلىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قاتتىق ئاچچىقلانغان، بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيسى بولغان ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇركى: ”مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ كۈندىكىدەك ئاچچىقلانغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان“، ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئاراڭلاردا بىر قىسىم جامائەتنى قاچۇرۋەتكۈچىلەر بار ئىكەن، قايسىڭلار جامائەتكە ناماز ئوقۇپ بەرسەڭلار يەڭگىل ئوقۇڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاجىزلار، ياشانغانلار ۋە ھاجەتمەنلەر بار“ دېگەن(بەيھەقى رىۋايەت قىلغان).
بۇ ئىككى ھەدىسنى بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنسەك، يالغۇز ئوقۇغاندا مۇمكىن بولسا ئۇزۇن ئوقۇلغان ناماز ئەۋزەل ھېسابلانسا، جامائەت بىلەن بىرگە ئوقۇغاندا ياكى زۆرۈر بىرەر ئىش چىقىپ قالغاندا قىسقا، كىشىلەرنىڭ ھالىغا مۇناسىپ ئوقۇغان ناماز ئەۋزەل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ”ئورۇنسىز(يەنى دەلىلسىز) ھالدا دىننى چىڭىتىۋالغۇچىلار ھالاك بولسۇن“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىغانلىقى ئېيتىلغان.
دېمەك، ھەرقانداق بىر شەخس دىننى چۈشىنىشتە مەلۇم كىشىلەرگە تەقلىد قىلىش بىلەن ياكى نوقۇل ھالدا ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىغا تايىنىپلا چۈشەنمەستىن، بەلكى ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك كۆرسەتمىلىرىنىڭ ئومۇمىي روھى بويىچە چۈشىنىشى ناھايىتى زۆرۈردۇر. دىندىكى ئاساس بولغان ئەقىدىۋى مەسىلىلەردە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرگە، جۈزئىي، شاخچە مەسىلىلەردە ئەستايىدىل بولۇپ، كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز، كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندا، ئالدىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ھالىنى چۈشىنىپ يېتىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر. بۇ ھەقتە ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ”كىشىلەرگە ئۇلار چۈشىنىدىغان سۆزلەرنى(ئىشلىتىپ) سۆز قىلىڭلار“(مۇھەممەد بىيرۇتىي رىۋايەت قىلغان).
شۇڭا، بىز يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ، دىننى ھەقىقىي ماھىيىتى بىلەن چۈشىنىشىمىز لازىم.
ئاللاھ تائالا ھەممەيلەنگە دىننى توغرا چۈشىنەلەيدىغان قەلب ئاتا قىلسۇن. ھەممىمىزنى كەڭ قورساق قىلىۋەتسۇنكى، ھەرگىزمۇ دىنىي ئىشلاردا ئىچى تار، ھەسەتخور كىشىلەردىن قىلىپ قويمىسۇن. ھەممىمىزگە ساغلام ئەقىل، مۇستەھكەم ئەقىدە ئاتا قىلسۇن، ئامىن!
 (ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى)
يەنە >>سۈرەتلەر