باش بەت > ۋەز-تەبلىغلەر > ۋەز-تەبلىغ ماقالىلىرى

مۇسۇلمانلار ئىلىم ئۆگىنىشكە ئىنتىلىشى، ئىلىم-پەننى قەدىرلىشى كېرەك

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-07-26   
 
بسم الله الرحمن الرحيم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەھلى جامائەت!

ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تائالا مۇبارەك «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتىدۇركى:

﴿اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ خَلَقَ الإِنْسَانَ مِنْ عَلَقٍ اقْرَأْ وَرَبُّكَ الأَكْرَمُ الَّذِي عَلَّمَ بِالْقَلَمِ عَلَّمَ الإِنْسَانَ مَا لَمْ يَعْلَمْ﴾(96:1—5)

ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن(خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى.

           —سۈرە«ئەلەق»(96-سۈرە)، 15-ئايەتلەر

مەزكۇر ئايەتلەر «قۇرئان كەرىم»دىكى ئەڭ ئاۋۋال نازىل بولغان ئايەتلەر بولۇپ، رەسۇلۇللاھغا تۇنجى چۈشكەن ۋەھيى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى نازىل قىلىش بىلەنلا ئىنسانغا ئادەمنىڭ يارىتىلىشىنى، ئۆگىنىش ۋە ئىلىمنىڭ مۇھىملىقىنى بايان قىلدى. بۇنىڭدىن بۇ ئايەتلەرگە چوڭقۇر ھېكمەتنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

1. ئىلىمنىڭ خاسىيىتى ۋە مۇھىملىقى

ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىم-پەنگە ئەھمىيەت بېرىشى نادانلىقنى تۈگۈتۈپ ھەقىقەتنى ئىزدەشنى مەقسەت قىلىدۇ. بىلىمنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ھەقىقەتنى تونۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا«قۇرئان كەرىم»دە ئېيتىدۇركى:

﴿قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَالَّذِينَ لاَ يَعْلَمُونَ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُوْلُوا الأَلْبَابِ﴾(39:9)

ئېيتقىنكى، ”بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام)ئەقىل ئىگىلىرىلا ئىبرەت ئالىدۇ“.

                 —سۈرە«زۇمەر»(39-سۈرە)، 9-ئايەت
﴿ إِنَّمَا يَخْشَى اللهَ مِنْ عِبَادِهِ الْعُلَمَاء ﴾(35:28)

ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.

                 —سۈرە«فاتىر»(35-سۈرە)، 28-ئايەت

يۇقىرىقى ئايەتلەردىن شۇنى چۈشۈنىۋالالايمىزكى، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ئۈچۈن ئاۋۋال بىلىم ئېلىشىمىز، ئىلغار مۇسۇلمانلاردىن بولۇشىمىز ئۈچۈن چوقۇم بىلىملىك بولۇشىمىز كېرەك.

ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە دىنىي ئىبادەتلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا، ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ”بىر قېتىم رەسۇلۇللاھ مەسچىتكە كىرگەندە، ئىككى توپ جامائەتنى كۆرگەن، ئۇلارنىڭ بىر توپى نەفلە ناماز ئوقۇۋاتاتتى، يەنە بىر توپى ئىلمىي مۇنازىرە قىلىۋاتاتتى، رەسۇلۇللاھ يېنىدىكى ساھابىلەرگە: ’بۇ ئىككى توپ كىشىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئەمىلىنىڭ ھەممىسى توغرا، ئەمما ئىلمىي مۇنازىرە قىلىۋاتقان بۇ كىشىلەر نەفلە ناماز ئوقۇۋاتقان ئۇ كىشلەردىن ئەۋزەل‘ دېگەن“. چۈنكى ناماز ئوقۇۋاتقانلار ئۆزلىرى ئۈچۈنلا ئىبادەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئىلمىي مۇنازىرە قىلىۋاتقانلار بولسا، ئۆزىمۇ نەپ ئالىدىغانلىقى، باشقىلارغىمۇ نەپ يەتكۈزىدىغانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر.

يۇقىرىقى رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، رەسۇلۇللاھ ئىلمىي مۇنازىرە قىلىۋاتقانلارنىڭ دەرىجىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق، مۇسۇلمانلارنى دىنىي ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماي، ئىلىم ئۆگىنىشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە رىغبەتلەندۈرگەن.

2. پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىلەش ئاللاھنى تونۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى

ئاللاھ تائالا پۈتۈن كائىناتنى يارىتىپ، شەيئىلەرگە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك ۋە تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتىنى ئاتا قىلدى. ئىنسانلارنىڭ شەيئىلەر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى ۋە ئىزدىنىشلىرى، شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلىشى نەتىجىسىدە ئىلىم-پەن پەيدا بولدى. شۇڭا ئىلىم-پەن ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقان شەيئىلىرىگە بولغان تونۇشىدۇر، پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ كامالىي قۇدرىتىنى تونۇش مەقسەت قىلىنىدۇ، ئۇ يەنە كېلىپ ئاللاھنى تونۇشنىڭ مۇھىم بىر ۋاسىتىسىدۇر، ئېتىقادنى مۇستەھكەملەيدىغان ئەمەلدۇر.

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتىدۇركى:

﴿وَخَلَقَ كُلَّ شَيْءٍ فَقَدَّرَهُ تَقْدِيرًا﴾25:2

ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن(ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە) ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى.

                 —سۈرە«فۇرقان»(25-سۈرە)، 2-ئايەت
ئاللاھ تائالا يەنە ئېيتىدۇركى:

﴿إِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ وَاخْتِلاَفِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَالْفُلْكِ الَّتِي تَجْرِي فِي الْبَحْرِ بِمَا يَنفَعُ النَّاسَ وَمَا أَنزَلَ اللهُ مِنَ السَّمَاء مِنْ مَّاءٍ فَأَحْيَا بِهِ الأرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَبَثَّ فِيهَا مِنْ كُلِّ دَآبَّةٍ وَتَصْرِيفِ الرِّيَاحِ وَالسَّحَابِ الْمُسَخِّرِ بَيْنَ السَّمَاءِ وَالأَرْضِ لآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يَعْقِلُونَ﴾2:164

ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، ئاللاھ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىدە تارقىتىۋەتكەن ھايۋاناتلاردا، شامال يۆنۈلۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان-زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر.

               —سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 164-ئايەت

«قۇرئان كەرىم»دىكى بۇ تەلىملەر بىزنى ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشقا، ئىلىم-پەن بىلىملىرىگە تايىنىپ، ئاللاھنىڭ بەرھەق بىرلىكى ۋە بارلىقىغا دەلىل بولىدىغان خىلمۇخىل ئالامەتلەرنى تونۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

ئىسلام دىنىمىز مۇسۇلمانلارنى ئىلىم تەلەپ قىلىشقا، ئاللاھنى تونۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشتەك ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە، ئىلىم تەلەپ قىلىشمۇ تەۋھىد ئىلمىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىز پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى تېخىمۇ ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز، پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئاللاھنىڭ بەرھەق بىرلىكى ۋە بارلىقىغا دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاللاھقا بولغان ئېتىقادىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

3. پەن-تېخنىكا بىلىملىرى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان بايلىقى

بىلىم بايلىقتۇر، بىلىملىك ئادەم ھەقىقىي بايلىق ئىگىسىدۇر. ئاللاھ تائالا«قۇرئان كەرىم»دە ئېيتىدۇركى:

﴿يُؤتِي الْحِكْمَةَ مَنْ يَشَاء وَمَنْ يُؤْتَ الْحِكْمَةَ فَقَدْ أُوتِيَ خَيْرًا كَثِيرًا وَمَا يَذَّكَّرُ إِلاَّ أُوْلُواْ الأَلْبَابِ﴾2:269

ھېكمەتنى(يەنى ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند-نەسىھەت ئالىدۇ.

              —سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 269-ئايەت

شۇڭا، پەن-تېخنىكا بىلىملىرى ئۈستىدە تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش ئاللاھنى تونۇشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى بولۇپلا قالماي، ئاللاھنىڭ زور ساۋابىغا مۇشەررەپ بولۇش يولىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسانلارنىڭ زېمىندا ياشاپ-كۆپىيىشى، شەيئىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشلىرى ۋە بايقاشلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دۇنياغا بولغان تونۇشى بارغانسىرى ئېشىۋاتىدۇ ھەم چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ. ئەمما، ھازىرغا قەدەر سىرلىرى ئېچىلمىغان شەيئىلەر سىرلىرى ئېچىلغان، بايقالغان شەيئىلەرگە قارىغاندا يەنىلا ناھايىتى كۆپ. بۇ بىر تەرەپتىن ئاللاھنىڭ يارىتىشتىكى ھېكمىتىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئىسپاتلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىزنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىپ، شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ تېخىمۇ ياخشى ياشىشىمىزنى، ئاللاھنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشىمىزنى، ئاللاھقا تېخىمۇ ياخشى ئىخلاسمەنلىك بىلەن تائەت-ئىبادەت قىلىشمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇسۇلمانلار، ئۆزلىرىنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى تىرىشىپ ئىزدىنىشلىرى ۋە بايقاشلىرى نەتىجىسىدە، گۈللەنگەن شانلىق ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەنىدى. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئاتا قىلغان نېمىتىدۇر. بۇ ھەقتە بىر قىسىم ياۋروپا ئالىملىرى: 15-ئەسىرگە كەلگەنگە قەدەر، ھەربىر ياۋروپا ئالىمى ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەلگەندەپ يازىدۇ. ئەمما يېقىنقى زاماندىكى مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقى سەۋەبىدىن ئۇلار غەرب دۇنياسىنىڭ ئارقىسىدا قالدى. نەتىجىدە نۇرغۇن يەرلەردە باشقىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىدى، ھەتتا زور ئېغىرچىلىقلارنى باشتىن كەچۈردى. ئاللاھ تائالا بىزگە يۇقىرىقىدەك قىسمەتلەر ئارقىلىق بىلىم ئېلىشنىڭ، پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتىدۇ، بىزنى شەيئىلەر ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشكە، ئاللاھ ئاتا قىلغان ”بىلىم“دىن ئىبارەت بايلىققا ئىنتىلىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئادەم ئاتىنى يارىتىپ، ئۇنىڭغا پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ نامىنى ئۆگەتتى، يەنى ئۇنىڭغا بىلىم ئۆگەتتى، نەتىجىدە پەرىشتىلەر ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ بىلىمىگە قايىل بولدى ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ھۆرمەت سەجدىسى قىلدى. بۇنىڭدىن بىلىملىك ئادەمنىڭ ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىن، مەرتىۋىسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. شۇڭا، ئىلىم ئۆگىنىش، پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان بايلىققا ئىنتىلگەنلىك ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا، ئاللاھنىڭ ئاتاسىغا سەل قارىغانلىق، ئۇنى تەرك ئەتكەنلىك، ئاللاھنىڭ نېمىتىنى يەردە قويغانلىق بولىدۇ.

4. ئىلىم-پەنگە ئىنتىلىپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى قولغا كەلتۈرەيلى

بىلىملىك بىر كەمبەغەل ئۆزىنىڭ بىلىمىگە تايىنىپ بايلىق يارىتالايدۇ، ئەمما نادان باي پەقەت بايلىقىنى ئىشلىتىپ تۈگىتىدۇ. نۆۋەتتىكى پەن-تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولۇۋاتقان بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە، بىلىمنىڭ مۇھىملىقى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم. ئىسلام دىنىمىز، بارلىق بىلىم ئاللاھ تائالادىن كەلگەن دەپ قاراش بىلەن بىرگە، مۇسۇلماننىڭ بارلىق پايدىلىق بىلىملەرنى مەيلى قەيەردە، كىمنىڭ قولىدا بولسۇن تەھسىل قىلىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىبنى ئابدۇل بەررى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن:

]عَنْ ابْنِ عَبْدِ البَرِّ عَنِ النَّبِىِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ قَالَ: ”اُطْلُبِ العِلْمَ وَ لَوْ بِالصِّينِ“](رويت فى كشف الخفاء).

”ئىلىم يىراق جۇڭگودا بولسىمۇ ئۆگىنىڭلار“(كەشفۇل خىفادا رىۋايەت قىلىنغان).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن:

]عَنْ أَبِى هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ عَنِ النَّبِىِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ قَالَ: ”الْحِكْمَةُ ضَالَّةُ الْمُؤْمِنِ فَحَيْثُ وَجَدَهَا فَهُوَ أَحَقُّ بِهَا“] (رواه الترمذى).

ئىلىم-ھېكمەت مۇئمىنلەر يىتتۈرۈپ قويغان نەرسىدۇر، ئۇنى قەيەردە تېپىۋالسا شۇ يەردە ئېلىۋېلىشقا ھەقلىقتۇر“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

بىلىمنىڭ تۈرلىرى تولىمۇ كۆپ، ئەمما تۈرى ھەرخىل بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئوخشىمىغان تۈردىكى بىلىملەرگە ئايرىم كۆزدە قاراشقا بولمايدۇ. مەيلى قايسى تۈردىكى بىلىم بولسۇن، ھەممىسىلا مۇسۇلماننىڭ ئۆگىنىشىگە تېگىشلىكتۇر. ھازىرقىدەك دۇنيا ۋەزىيىتى ئالدىدا، پەن-تېخنىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىز مۇسۇلمانلار نۆۋەتتە ئورۇنلاشقا تېگىشلىك جىددىي ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئارقىدا قېلىش خارلىق كەلتۈرىدۇ، ھەمدە باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئېلىپ بارىدۇ، مۇسۇلمانلارنى دۇنيادا ئۈزلۈكسىز قۇۋۋەت تاپسۇن دەيدىكەنمىز، ئۇلارنى ئىلىم ئۆگىنىشكە زور كۈچ بىلەن چاقىرىشىمىز، پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشىمىز لازىم.

«قۇرئان كەرىم»دە ئېيتىلىدۇركى:

﴿يَرْفَعِ اللهُ الَّذِينَ آمَنُوا مِنْكُمْ وَالَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ دَرَجَاتٍ﴾58:11

ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتىرىدۇ.

             —سۈرە«مۇجادەلە»(58-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:

]عَنْ أَبِى الدَّرْدَاءِ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ قَالَ: سَمِعْتُ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ يَقُولُ : ” مَنْ سَلَكَ طَرِيقًا يَبْتَغِى فِيهِ عِلْمًا سَهَّلَ اللهُ لَهُ طَرِيقًا إِلَى الْجَنَّةِ. وَ إِنَّ الْمَلاَئِكَةَ لَتَضَعُ أَجْنِحَتَهَا لِطَالِبِ العِلْمِ رِضًى بِمَا صَنَعَ، وَ إِنَّ العَالِمَ لَيَسْتَغْفِرُ لَهُ مَنْ فِى السَّمَوَاتِ وَ مَنْ فِى الأَرْضِ حَتَّى الْحِيتَانُ فِى الْمَاءِ، وَ فَضْلُ العَالِمِ عَلَى العَابِدِ كَفَضْلِ القَمَرِ عَلَى سَائِرِ الكَوَاكِبِ، وَ إِنَّ العُلَمَاءَ وَرَثَةُ الأَنْبِيَاءِ، وَ إِنَّ الأَنْبِيَاءَ لَمْ يُوَرِّثُوا دِينَارًا وَ لاَ دِرْهَمًا، وَ إِنَّمَا وَرَّثُوا العِلْمَ، فَمَنْ أَخَذَهُ أَخَذَ بِحَظٍّ وَافِرٍ “ [(رواه أبو داود و الترمذى).

كىمكى ئىلىم تەلەپ قىلىش يولىغا ماڭسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، پەرىشتىلەر ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا مەمنۇن بولۇپ ئۇلارغا قاناتلىرىنى يېيىپ بېرىدۇ. ئالىملار ئۈچۈن ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى جانلىقلار ھەتتا سۇدىكى بېلىقلارمۇ ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ، ئالىمنىڭ ئابىددىن ئۈستۈن يېرى ئاينىڭ باشقا يۇلتۇزلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىغا ئوخشاش. ئېنىقكى، ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر. پەيغەمبەرلەر تەڭگە-تىللالارنى مىراس قالدۇرمىغان، بەلكى ئىلىمنى مىراس قالدۇرغان. شۇڭا كىمكى ئىلىمدىن ئىبارەت مىراسقا ئېرىشسە تولۇق نېسىۋىگە ئېرىشكەن بولىدۇ“(ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

ئەھلى جامائەت! ئاللاھ تائالا بىزنى ئۆزىنىڭ يەر يۈزىدىكى خەلىپىسى قىلىپ ياراتتى. ئاللاھ تائالا«قۇرئان كەرىم»دە ئېيتىدۇركى:

﴿وَإِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلاَئِكَةِ إِنِّي جَاعِلٌ فِي الأَرْضِ خَلِيفَةً﴾(2:30)

ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: ”مەن يەر يۈزىدە خەلىپە(يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن“ دېدى.

               —سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 30-ئايەت

ئويلاپ باقايلى، ئەگەر ئەتراپلىق، ئىلغار، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىدىغان بىلىم بولمىسا، قانداق قىلىپ ئورۇنباسارلىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلىمىز؟ ئىنسانلار ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى خەلىپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەم ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى، ھەم باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى؛ ھەم ئىبادەتلەرگىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى، جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيىتىنىمۇ ئادا قىلىشى كېرەك. شۇڭا، بىز كەڭ، ئەتراپلىق بىلىم تەھسىل قىلىپ، بىلىم ئارقىلىق ئۆزىمىزنى كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلغار، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئورۇنباسارلاردىن بولالايمىز.

ئاللاھتىن بىزگە ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادەت ئاتا قىلىشنى، بۇ دۇنيادا بىزگە تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئاتا قىلىپ بېرىشىنى، بىلىم ئارقىلىق ئاللاھنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشىمىزغا، تېخىمۇ ياخشى تائەت-ئىبادەت قىلىشىمىزغا مۇيەسسەر قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، گۈزەل تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشىنى، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن جەننەتكە كىرىپ، خاتىرجەملىك ۋە بەخت-سائادەتتىن مەڭگۈلۈك بەھرلىنىشكە مۇۋەپپەق قىلىشىنى تىلەيمىز. ئامىن!

 
وآخر دعوانا أن الحمد لله ربّ العالمين
يەنە >>سۈرەتلەر