باش بەت > ۋەز-تەبلىغلەر > ۋەز-تەبلىغ ماقالىلىرى

ئىسلام دىنى رەھىمدىللىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-07-26   
 
 
بسم الله الرحمن الرحيم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەھلى جامائەت!

ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تائالا مۇبارەك «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتىدۇركى:

}وَ رَحْمَتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ{(7:156)

مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر.

                —سۈرە«ئەئراف»(7-سۈرە)، 156-ئايەت
يەنە ئېيتىدۇركى:

}قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنْفُسِهِمْ لاَ تَقْنَطُوا مِنْ رَّحْمَةِ اللهِ إِنَّ اللهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ{(39:53)

 (ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، (گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن(خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.

                —سۈرە«زۇمەر»(39-سۈرە)، 53-ئايەت
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن:

[عَنْ أَبِى هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ عَنِ النَبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ قَالَ: ” لَمَّا قَضَى اللهُ عَزَّ وَ جَلَّ الْخَلْقَ كَتَبَ فِى كِتَابٍ فَهُوَ عِنْدَهُ فَوْقَ العَرْشِ : ” إِنَّ رَحْمَتِى سَبَقَتْ غَضَبِى “ ](متفق عليه).

”ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلارنى ياراتقان ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ كىتابىغا: ’مېنىڭ رەھمىتىم غەزىپىمدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ‘ دەپ يازدى، بۇ كىتاب ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئەرشىنىڭ ئۈستىدىدۇر“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم يەنە مۇنداق دېگەن:

[عَنْ أَبِى هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ قَالَ : سَمِعْتُ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ يَقُولُ: ” إِنَّ ِللهِ تَعَالَى مِائَةَ رَحْمَةٍ ، أَنْزَلَ مِنْهَا رَحْمَةً وَاحِدَةً بَيْنَ الْجِنِّ وَ الِإنْسِ وَ الطَّيْرِ وَ البَهَائِمِ وَ الْهَوَامِّ فِيهَا يَتَعَاطَفُونَ وَ بِهَا يَتَرَاحَمُونَ وَ أَخَّرَ تِسْعًا وَ تِسْعِينَ رَحْمَةً يَرْحَمُ بِهَا عِبَادَهُ يَوْمَ القِيَامَةِ “ ](رواه مسلم).

 ”ئاللاھنىڭ يۈز خىل رەھمىتى بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرىنى جىنلار، ئىنسلار، ئۇچار قۇشلار، ھايۋانلار، قۇرتلار ئارىسىدا نازىل قىلغان، پۈتۈن مەخلۇقات بۇنىڭ بىلەن ئۆزئارا مېھىر-شەپقەت قىلىشىدۇ، ئاللاھ قالغان توقسان توققۇز رەھمىتىنى ئۆزىگە ئېلىپ قېلىپ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىگە مېھىر-شەپقەت قىلىدۇ“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئىسلام دىنى تەرغىپ قىلىدىغان گۈزەل ئەخلاقلار ناھايىتى كۆپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە رەھىمدىل، كەڭ قورساق بولۇش مۇسۇلماندا بولۇشقا تېگىشلىك مۇھىم ئەخلاق-پەزىلەت ھېسابلىنىدۇ. رەھىمدىل دېگەن سۆز «قۇرئان كەرىم»دە جەمئىي 79 قېتىم زىكىر قىلىنغان، بۇنىڭدىن كۆرگىلى بولىدۇكى، ئىسلام دىنى رەھىمدىللىكنى مۇسۇلماننىڭ ئەخلاق تەربىيىلىنىشى ۋە ياخشى ئەمەلى دەپ ھېسابلايدۇ، مۇسۇلماننىڭ رەھىمدىللىك دىل بىلەن ئاللاھنىڭ بارلىق مەخلۇقاتلىرىغا مۇئامىلە قىلىشىنى، باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى، يامانلىققا ياخشىلىق قىلىشىنى، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىنى، ئۆزئارا مېھىر-شەپقەت قىلىشىنى، بۇ ئارقىلىق ئىناق جەمئىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

1. ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر

ئاللاھ ”بۇ دۇنيادا شەپقەتلىك، ئاخىرەتتە مېھرىبان“ پەرۋەردىگاردۇر، ئاللاھنىڭ ”شەپقەتلىك“(رەھمان) دېگەن سۈپىتى جىمى كائىناتقا قارىتىلىدۇ، يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئىنئام قىلىنغان، جىمى كائىنات ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە ھەقىقىتىگە مۇشەررەپ بولغان. ئىنسان مەيلى قايسى مىللەت، ئىرق ياكى ئېتىقادتىن بولسۇن، ھەممىسى ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ شەپقىتىگە ۋە نېمىتىگە ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇبارەك «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتىدۇركى:

}وَ رَحْمَتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ{(7:156)
مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر.
                 —سۈرە«ئەئراف»(7-سۈرە)، 156-ئايەت
يەنە ئېيتىدۇركى:
}اللهُ لَطِيفٌ بِعِبَادِهِ يَرْزُقُ مَنْ يَشَاءُ وَ هُوَ الْقَوِيُّ العَزِيزُ{(42:19)

ئاللاھ بەندىلىرىگە كۆيۈنگۈچىدۇر، ئۇ خالىغان ئادەمگە(كەڭ) رىزىق بېرىدۇ، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.

                    —سۈرە«شۇرا»(42-سۈرە)،19-ئايەت
يەنە ئېيتىدۇركى:

}وَ مَا مِنْ دَآبَّةٍ فِي الأَرْضِ إِلاَّ عَلَى اللهِ رِزْقُهَا{(11:6)

يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىگە رىزىق بېرىشنى ئاللاھ(مەرھەمەت يۈزىسىدىن) ئۈستىگە ئالغان.

           —سۈرە«ھۇد»(11-سۈرە)، 6-ئايەت

ئاللاھ تائالا ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ئۆزىنىڭ بارلىق بەندىلىرىگە ۋە جىمى كائىناتقا كۆيۈنگۈچىدۇر. شۇڭا، بىز ئاللاھنىڭ تەلىملىرىگە ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا رەھىمدىل بولۇشىمىز، باشقىلارنىڭ خۇشاللىقىنى ئۆزىمىزنىڭ خۇشاللىقى، باشقىلارنىڭ غەم-قايغۇسىنى ئۆزىمىزنىڭ غەم-قايغۇسى ھېسابلاپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى خاتىرجەملەندۈرۈپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشىمىز لازىم. شۇنداقلا، ئاللاھنىڭ جىمى مەخلۇقاتلىرىغا رەھىمدىل بولۇپ، جانلىقلارنى ئاسرىشىمىز، مۇھىتنى قوغدىشىمىز، تەبىئەتنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىشىمىز كېرەك. بۇ يەردە ئاللاھنىڭ ”مېھرىبان“(رەھىم) دېگەن سۈپىتى، ئاللاھنىڭ مېھرىبانلىقى باقىي ئالەمدىكى ھەر خىل ئەھۋاللاردا نامايان بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى بەندە ھەر خىل ياخشى ئەمەل-ئىبادەتلەرنى قىلغاندا، بۇ خىل نېمەتكە مۇشەررەپ بولالايدۇ، ئاللاھنىڭ مېھرىبانلىقى چەكسىز بولۇپ، ئۇ خاس ھالدا ئىمان ئېيتقۇچىلارغا مەنسۇپ. ئاللاھ ناھايىتى مېھرىباندۇر، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئاللاھنىڭ مېھرىبانلىقىدا بولىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتىلىدۇركى:

}إِنَّ رَحْمَةَ اللهِ قَرِيبٌ مِنَ الْمُحْسِنِينَ{(7:56)

ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر.

                   —سۈرە«ئەئراف»(7-سۈرە)، 56-ئايەت
يەنە ئېيتىلىدۇركى:

}إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ فَأَصْلِحُوا بَيْنَ أَخَوَيْكُمْ وَ اتَّقُوا اللهَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ{(49:10)

مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن(دىندا) قېرىنداشلاردۇر، (ئۇرۇشۇپ قالسا) قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھدىن قورقۇڭلار.

               —سۈرە«ھۇجۇرات»(49-سۈرە)، 10-ئايەت
يەنە ئېيتىلىدۇركى:
}وَ أَحْسِنْ كَمَا أَحْسَنَ اللهُ إِلَيْكَ{(28:77)
ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەن(ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگىمۇ) ياخشىلىق قىلغىن.
                —سۈرە«قەسەس»(28-سۈرە)، 77-ئايەت

نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن:

[عَنِ النُعْمَانِ بْنِ بَشِيرٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ: ”تَرَى الْمُؤْمِنِينَ فِى تَرَاحُمِهِمْ وَ تَوَادِّهِمْ وَ تَعَاطُفِهِمْ كَمَثَلِ الْجَسَدِ إِذَا اشْتَكَى عُضْوًا تَدَاعَى لَهُ سَائِرُ الْجَسَدِ بِالسَّهْرِ وَ الْحُمَّى “] (متفق عليه).

”مۇئمىنلەر بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشتە، بىر-بىرىگە رەھىمدىل بولۇشتا، بىر-بىرىگە مېھرى-شەپقەت قىلىشتا ئىنساننىڭ بىر پۈتۈن بەدىنىگە ئوخشايدۇ. ئىنساننىڭ بىرەر ئەزاسى ئاغرىسا، پۈتۈن بەدەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىزىش بىلەن تەڭ دەرد تارتىدۇ“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). يۇقىرىقى ئايەتى كەرىمەلەر ۋە ھەدىس شەرىف بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ئاللاھنىڭ پەزلى-رەھمىتى ناھايىتى بۈيۈك، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھىر-شەپقەت قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىر-بىرىگە كۆيۈنىدىغان، غەمخورلۇق قىلىدىغان، بىر-بىرىگە ياردەمدە بولىدىغان، ھەمدە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ۋە جەمئىيەتكە پايدىلىق ئېلىپ كېلىدىغان بەندىسىنى رەھمەت قىلىدۇ. شۇڭا مۇسۇلمان بولغان ئىكەنمىز، ئاللاھنىڭ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان پەزلى-نېمىتىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئۇنىڭ تۈپ روھى ۋە رېئال ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە رەھىمدىللىك، مېھىر-شەپقەتلىك ۋە ئاق كۆڭۈللۈكتىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتنى ئۆزىمىزدە يېتىلدۈرۈشىمىز، ئىتتىپاق، ئىناق، ئۆزئارا ھۆرمەت، ئۆزئارا ياردەمدە بولۇش، بىر-بىرىمىزگە كۆيۈنۈش، بىر-بىرىمىزنى چۈشىنىش، باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرۈش، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆپرەك تەرىپلەش، باشقىلارنى كەمسىتمەسلىك قاتارلىق جەھەتلەردە تەشەببۇسكار بولۇشىمىز لازىم. مانا بۇلار بىز مۇسۇلمانلارنىڭ تاللاشقا تېگىشلىك پەزىلىتىمىز بولۇشى، شۇنداقلا بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز بولۇشى كېرەك.

2. رەھىمدىللىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇرچى

ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تائالا پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى، خاتىمۇل ئەنبىيا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ بۇرچىنى بېكىتىپ ئېيتىدۇركى:

}وَ مَا أَرْسَلْنَاكَ إِلاَّ رَحْمَةً لِّلْعَالَمِينَ{(21:107)

 (ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق.

             —سۈرە«ئەنبىيا»(21-سۈرە)، 107-ئايەت

بۇ ئايەتى كەرىمە بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلۇللاھنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشىدىكى مەقسىتى، ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئەھلى جاھانغا قىلغان رەھمىتىنى رەسۇلۇللاھ ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىن ئىبارەت. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ باشتىن-ئاخىر ”پۈتۈن ئەھلى جاھانغا رەھمەت قىلىش“نى تەشەببۇس قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن:

[عَنْ أَبِى هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ قَالَ : ” إِنَّمَا أَنَا رَحْمَةٌ مُهْدَاةٌ “ ](رواه الدارمى و البيهقى).

 ”مەن پەقەت رەھمەت قىلىش ۋە كىشىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلەش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلگەن“(دارەمى، بەيھەقى رىۋايەت قىلغان). شۇڭا، رەسۇلۇللاھ ئاللاھنىڭ بارلىق مەخلۇقاتلىرىغا ئۆزىنىڭ كەڭ قورساق ۋە رەھىمدىل كۆڭلى كۆكسى بىلەن مۇئامىلە قىلغان؛ باشقىلارغا رەھىمدىل ۋە كۆيۈمچان بولغان، ئۆزئارا يول قويۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، يامانلىققا ياخشىلىق قىلىشنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن. رەسۇلۇللاھنىڭ رەھىمدىللىك روھى تۆۋەندىكى بىر نەچچە جەھەتلەردە كونكرېت گەۋدىلىنىدۇ:

1) رەسۇلۇللاھ ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغانلارغا رەھىمدىللىك قىلغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇركى، رەسۇلۇللاھ مەككىدە ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىنى دەۋەت قىلىۋاتقان مۈشكۈللۈك دەۋرىدە، قۇرەيشلەرنىڭ تۈرلۈك زىيانكەشلىكلىرىگە ۋە ھاقارىتىگە دۇچار بولغان، ساھابىلار رەسۇلۇللاھنىڭ يولۇققان ئەزىيەتلىرىگە دەرغەزەپ بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھقا دۇئا قىلىپ، ئۇلارغا لەنەت قىلىشنى تىلىشىنى تەلەپ قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ:

[عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ قَالَ قِيلَ يَا رَسُولَ اللهِ ادْعُ عَلَى الْمُشْرِكِينَ قَالَ:  إِنِّي لَمْ أُبْعَثْ لَعَّانًا وَإِنَّمَا بُعِثْتُ رَحْمَةً  ](رواه مسلم).

مەن كىشىگە لەنەت قىلىشقا ئەمەس، بەلكى رەھمەت قىلىشقا ئەۋەتىلگەن“ دەپ جاۋاب بەرگەن(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

2) رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە تۇتىدىغان پوزىتسىيەدە رەھىمدىل ۋە كەڭ قورساق ئىدى. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن:

[عَنْ عَائِشَةَ رَضِيَ اللهُ عَنْهَا قَالَتْ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ: ” مَا زَالَ جِبْرِيلُ يُوصِينِى بِالْجَارِ حَتَّى ظَنَنْتُ أَنَّهُ سَيُوَرِّثُهُ “ ](رواه أبو داود و الترمذى).

”جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ماڭا دائىم قوشنىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلاتتى، ھەتتا مەن قوشنىنى(ماڭا) مىراسخور قىلىپ قويارمىكىن، دەپ ئويلاپ قالاتتىم“(ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن:

[عَنْ أَنَسٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ: ” لاَ يَدْخُلُ الْجَنَّةَ مَنْ لاَ يَأْمَنُ جَارُهُ بَوَائِقَهُ “ ](رواه مسلم).

”قوشنىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). رەسۇلۇللاھ بۇ ھەدىس شەرىفلەر ئارقىلىق بىزگە شۇنى تەكىتلەيدۇكى، قوشنا مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى مۇسۇلمان ئەمەس بولسۇن، ھەممىسىگە ئوخشاشلا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىمىز ۋە كۆيۈنىشىمىز لازىم. رەسۇلۇللاھ ئۆز ۋاقتىدا بىر يەھۇدىي ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەن، ئۇلارغا توختىماي يار-يۆلەكتە بولغان، رەسۇلۇللاھ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلغاندىن كېيىن، ساھابىلارمۇ ئۇلارغا ئېتىبار بېرىشنى توختاتمىغان. رەسۇلۇللاھ يەنە كېسەل كىشىلەرنى يوقلاشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرەتتى، كېسەل كىشى مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى مۇسۇلمان ئەمەس بولسۇن، كېسەل كىشىنىڭ كېسەل ئەھۋالىنى سورايتتى، كېسەل كىشىنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى ۋە مۇبارەك قولى بىلەن كېسەل كىشىنىڭ پېشانىسىنى سىلاپ قوياتتى، كېسەل كىشى ناۋادا بىرەر نەرسە يېيىشنى ئىستىسە، رەسۇلۇللاھ دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ كەلتۈرەتتى، ھەم كېسەل كىشىگە تەسەللى قىلىپ: ”ئاللاھ خالىسا، سەن پات ئارىلىقتا ساقىيىسەن“ دەيتتى. رەسۇلۇللاھ بىر كىشىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ قالسا، ئۆلۈم بولغان ئائىلىگە بېرىپ ھال سورايتتى ۋە تەسەللى بېرەتتى، ئۇلارنى ئۈنلۈك توۋلاپ يىغلىماسلىققا نەسىھەت قىلاتتى، جىنازە ئۇ زاتنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئورنىدىن تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈرەتتى، مۇسۇلمان ئەمەسلەرگىمۇ شۇنداق قىلاتتى. رەسۇلۇللاھ يەنە كىشىلەرنى ئۆلۈم بولغان ئۆيگە تائام ئېلىپ كىرىشكە رىغبەتلەندۈرەتتى. ئۆز ۋاقتىدا ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى ئەسمانىڭ بۇتپەرەسلىككە ئېتىقاد قىلىدىغان ئانىسى قىزىنى كۆرۈش ئۈچۈن مەدىنىگە كەلگەندە، رەسۇلۇللاھ ئەسمانىڭ ئۆز ئانىسىنى كۈتۈۋېلىشىغا رۇخسەت قىلغانىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىملىرى ۋە تەربىيىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ساھابە كىراملارمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ رەھىمدىللىك ۋە كەڭ قورساقلىق روھى بىلەن ئۆز پەزىلەتلىرىنى يۈكسەلدۈرۈپ، باشقىلارغا رەھىمدىل، كۆيۈمچان ۋە ياخشى مۇئامىلىدە بولغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ بىر مۇشرىك قوشنىسىغا كىيىم سوۋغا قىلغانىكەن، ئۇ يەنە ناسارا مۇرتلىرىدىن بىر نەچچەيلەننىڭ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، مۇسۇلمان جامائەسىنىڭ ئۇلارغا كۆپرەك مېھىر-شەپقەت قىلىشىنى ۋە كۆپرەك يار-يۆلەك بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

3) رەسۇلۇللاھ ياشانغانلارغا، ئاياللارغا ۋە ئۆسمۈر بالىلارغا رەھىمدىل ئىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، رەسۇلۇللاھنىڭ قىزى ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھنى يوقلاپ كەلگەندە، رەسۇلۇللاھ قىزىنى ھەمىشە ئورنىدىن تۇرۇپ كۈتۈۋالىدىكەن، شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى فاتىمەنىڭ ئىككى ئوغلى ھەسەن بىلەن ھۈسەيننى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، ئابدۇللا ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆز نەۋرىسى ھۈسەيننى سۆيۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغان بىر ئادەم بۇنىڭغا ناھايىتى ھەيران قېلىپ، مېنىڭ ئون بالام بار، ئەمما ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ سۆيۈپ باقمىغانىدىم، دەيدۇ. رەسۇلۇللاھ بۇ ئادەمگە:

[عَنْ عَبْدِ اللهِ بْنِ عَمْرٍو رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ قَالَ: ” مَنْ لاَ يَرْحَمُ لاَ يُرْحَمُ “ ](متفق عليه).

باشقىلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمايدىغان ئادەمگە رەھىم-شەپقەت قىلىنمايدۇ“ دەيدۇ(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). رەسۇلۇللاھ بالىلارنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ باغچىسىدىكى گۈللەر دەپ تەرىپلەيتتى، رەسۇل ئەكرەم بالىلارنى ئەركىلىتىپ ئاستا ئۇرۇپ قوياتتى، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلاتتى. ئەگەر بىراۋ بالىسىنى ئۇ زاتقا بەرسە، ئۇ زات بالىنى ئۆزىنىڭ مۇبارەك تىزىدا ئولتۇرغۇزاتتى، يولدا كېتىۋېتىپ بالىغا ئۇچراپ قالسا، بالىنى كۆتۈرۈپ ئەركىلىتەتتى، باشقىلار بۇ زاتقا يېڭى مېۋە ئېلىپ كەلسە ئاۋۋال بالىلارغا يېگۈزەتتى، ۋاقتى بوش چاغلاردا بالىلار بىلەن بىرگە ئوينايتتى. رەسۇلۇللاھ يەنە ياشانغانلارنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيتتى، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر ياشانغان ئادەم رەسۇلۇللاھ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن ئىكەن، باشقىلار ئۇنى كۆرسىمۇ ئورۇن بوشاتماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ:

[عَنْ أَنَسٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ: ” لَيْسَ مِنَّا مَنْ لَمْ يَرْحَمْ صَغِيرَنَا وَ لَمْ يُوَقِّرْ كَبِيرَنَا “ ](رواه الترمذى).

كىچىكلەرگە رەھىمدىل بولمىغان، چوڭلارغا ھۆرمەت قىلمىغان ئادەم، بىزدىن ئەمەس“ دېگەن(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). رەسۇلۇللاھ يەنە يىراق سەپەردىن كەلگەنلەر بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشەتتى، سەپەرگە چىققانلار بىلەن خوشلىشىپ، ئۇلارغا: ”دۇئايىڭلاردا مېنى ئۇنتۇپ قالماڭلار“ دەيتتى.

4) رەسۇلۇللاھ جانىۋارلارغىمۇ رەھىمدىل ۋە مېھرى-شەپقەت قىلاتتى. بىر قېتىم ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر تۆگىگە مىنىۋالغان ئىكەن، تۆگە ناھايىتى تەستە مېڭىپتۇ، ھەزرىتى ئائىشە ئۇنى تېز ماڭغۇزماقچى بولغاندا، رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى ئائىشەگە: ”سەن تۆگىگە رەھىمدىللىك قىلغىن“، دېگەنىكەن. يەنە مەسىلەن، رەسۇلۇللاھ بىر مۈشۈكنىڭ ئايال ئىگىسىنىڭ ياخشى قارىماسلىقى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: ”بۇ ئايال مۈشۈكنىڭ سەۋەبىدىن دوزاخقا كىردى“ دېگەن مەشھۇر ھەدىسنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ جانلىقلارغا رەھىمدىل بولۇش توغرىلىق سۆز قىلغاندا:

[عَنْ أَبِى هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ قَالَ : سَمِعْتُ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ يَقُولُ: ” فِى كُلِّ ذَاتِ كَبِدٍ رَطْبَةٍ أَجْرٌ “] (متفق عليه).

”بارلىق ھاياتلىقلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغاندا، ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئالغىلى بولىدۇ“ دېگەن(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). شۇ سەۋەبتىن، قەيسەر، ئادىل، تۈز دېگەن سۈپەتلەر بىلەن ناملانغان خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كىچىك بالىنىڭ يىپ بىلەن بىر قۇشقاچنى باغلاپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بالىنىڭ سەبىي دىلىنى ئاغرىتماسلىق ئۈچۈن، قۇشقاچنى ئۇ بالىنىڭ قولىدىن زورلۇق بىلەن تارتىۋالماي، بالىغا ئون كۆمۈش تەڭگە بېرىپ قۇشقاچنى ئېلىپ، قويۇپ بېرىدۇ. بەزىلەر بۇ ئىشتىن گۇمانلانغاندا، ھەزرىتى ئۆمەر: بۇ مېنىڭ جەننەتكە كىرىشىمگە روشەن دەلىل بولالايدۇ، دەيدۇ.

5) رەسۇلۇللاھ پۈتۈن ئىنسانلارغا رەھىمدىل، كەڭ قورساق ئىدى. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتىدۇركى:

}يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُم مِّنْ ذَكَرٍ وَ أُنْثَى وَ جَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَ قَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِنْدَ اللهِ أَتْقَاكُمْ إِنَّ اللهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ{(49:13)

ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن(ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت بىر ئاتا، بىر ئانىدىن) ياراتتۇق، ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.

              —سۈرە«ھۇجۇرات»(49-سۈرە)، 13-ئايەت

رەسۇلۇللاھ ۋىدالىشىش ھەجى قىلغان چاغدا سۆزلىگەن مەشھۇر نۇتقىدا بۇ ئايەتى كەرىمەنىڭ ئەھمىيىتىنى كىشىلەرگە تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:

[عَنْ جَابِرٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فِي حِجَّةِ الوَدَاعِ : أَيُّهَا النَّاسُ أَلاَ إِنَّ رَبَّكُمْ وَاحِدٌ وَإِنَّ أَبَاكُمْ وَاحِدٌ كُلُّكُمْ لِآدَمَ وَ آدَمُ مِنْ تُرَابٍ أَلاَ لاَ فَضْلَ لِعَرَبِيٍّ عَلَى أَعْجَمِيٍّ وَلاَ لِعَجَمِيٍّ عَلَى عَرَبِيٍّ وَلاَ لِأَحْمَرَ عَلَى أَسْوَدَ وَلاَ أَسْوَدَ عَلَى أَحْمَرَ إِلَّا بِالتَّقْوَى “](رواه البيهقى).

”ئى خالايىق! سىلەرنىڭ رەببىڭلار بىر، ئاتاڭلار بىر، ھەممىڭلار بىر ئاتىدىن بولغان، ئادەم ئاتا تۇپراقتىن يارىتىلغان. ئەرەبلەر غەيرى ئەرەبلەردىن ئەۋزەل ئەمەس؛ غەيرى ئەرەبلەر ئەرەبلەردىن ئەۋزەل ئەمەس؛ قارا تەنلىكلەر ئاق تەنلىكلەردىن ئەۋزەل ئەمەس، ئاق تەنلىكلەر قارا تەنلىكلەردىن ئەۋزەل ئەمەس؛ ئاراڭلاردىكى ئەڭ ياخشى ئادەم ئاللاھقا ئەڭ تەقۋادار ئادەمدۇر“(بەيھەقى رىۋايەت قىلغان). رەسۇلۇللاھ يەنە مۇنداق دېگەن:

[قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ: ” كُلُّكُمْ بَنُو آدَمَ وَ آدَمُ خُلِقَ مِنْ تُرَابٍ “] (رواه البزار).

”ھەممىڭلار ئادەمنىڭ بالىلىرى، ئادەم ئاتا بولسا تۇپراقتىن يارىتىلغان“(بەزار رىۋايەت قىلغان). بىز يۇقىرىقى ئايەتى كەرىمە ۋە ھەدىس شەرىفلەردىن شۇنى چۈشىنىۋالالايمىزكى، ئىسلام دىنى بېكىتكەن ۋە تەرغىپ قىلىدىغان ئىنسانلار ئۆزئارا مېھىر-شەپقەتلىك، تەڭ باراۋەر بولۇش پرىنسىپى مۇنداق بىر ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان: ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى بىر مەنبەدىن كېلىپ چىققان، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ئوخشاش ئىززەت-ھۆرمەتنى ئاتا قىلغان، شۇڭا ئىنسانلار مەيلى قايسى ئىرقتىن بولسۇن، ئۇلارغا رەھىمدىل بولۇشىمىز، ھۆرمەت قىلىشىمىز، ياخشى مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم. بۇ يەردە رەسۇلۇللاھ بىزگە ئۈلگە يارىتىپ بەرگەن، رەسۇلۇللاھ ھېچكىمنى كەمسىتمەيتتى، ھەممە ئادەمگە رەھىمدىل، كەڭ قورساق بولۇپ مۇئامىلە قىلاتتى. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر قېتىم، رەسۇلۇللاھ بىر مېيىتنىڭ ئۇزۇتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرغان، كىشىلەر رەسۇلۇللاھغا: ”ئى رەسۇلۇللاھ! ئۆلگەن كىشى يەھۇدىي ئىكەن“ دېگىنىدە، رەسۇلۇللاھ:

[عَنْ جَابِرِ بْنِ عَبْدِ اللهِ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا قَالَ مَرَّ بِنَا جَنَازَةٌ فَقَامَ لَهَا النَّبِيُّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَقُمْنَا بِهِ فَقُلْنَا يَا رَسُولَ اللهِ إِنَّهَا جِنَازَةُ يَهُودِيٍّ قَالَ: إِذَا رَأَيْتُمْ الْجِنَازَةَ فَقُومُوا] (رواه البخارى).

”سىلەر جىنازىنى كۆرگەن چېغىڭلاردا ئۆرە قوپۇپ تۇرۇڭلار“ دەپ جاۋاب بەرگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). رەسۇلۇللاھ بۇ يەردە بىزگە شۇنى ئاگاھلاندۇرىدۇكى، ئېھتىمال كىشىلەر ئېتىقادتا ياكى ئىرقتا بىر-بىرىدىن پەرقلىنىشى مۇمكىن، كىشىلەر مەرتىۋىدە ئۆزئارا ئوخشىماسلىقى، بەزىلەر يۇقىرى تەبىقە جەمەتىدىن، يەنە بەزىلەر باشقىلارغا تونۇلمىغان ئادەتتىكى پۇقرا جەمەتىدىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن…، ئەمما بۇ پەرقلەر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىراۋنىڭ يەنە بىراۋدىن ئۈستۈنلۈكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەيدۇ. ھەممىمىز ئاللاھنىڭ يارىتىشىدىن بولغان ئىكەنمىز، بىر-بىرىمىزگە رەھىمدىل، بىر-بىرىمىزگە كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشىمىز، بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىمىز لازىم، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن تېخىمۇ ياخشى تىنچ بىللە ئۆتەلەيدىغان، كىشى بىلەن كىشى ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ئازايتالايدىغان، بىر-بىرىمىز بىلەن بولغان ئارازلىقنى يوقىتىۋېتەلەيدىغان بولىمىز.

ئەھلى جامائەت: رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرى ناھايىتى كۆپ، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”مەن رەسۇلۇللاھ بىلەن ئون يىل بىرگە ئۆتتۈم، ئۇ زات مېنى بىر قېتىممۇ ئەيىبلەپ باقمىغان. مەن قىلغان ھەر قانداق ئىشتىن زادى قۇسۇر چىقارمايتتى، بىرەر ئىشنى قىلالمىغان بولسام، خاپا بولمايتتى، ئۇ زات قۇل بىلەن ھۆر ئادەمگە ئوخشاشلا مۇئامىلە قىلاتتى، ھېچ بىر خىزمەتچىنى ئۇرۇپ باقمايتتى“. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئائىشەمۇ مۇنداق دەيدۇ: ”رەسۇلۇللاھ ھېچ بىر قۇلنى ياكى ھۆر ئادەمنى ئۇرۇپ باقمىغان، ھەم ھېچ كىمدىن ئۆچ ئالمىغان“. ھەزرىتى ئائىشە يەنە مۇنداق دەيدۇ: ”رەسۇلۇللاھ ئۆيدە ئەڭ مۇلايىم ئادەم ئىدى، ئۇ زات ھەمىشە خۇشخۇي، مۇلايىم بولۇپ تۇراتتى، ھېچ بىر ئادەم كىشىلەرگە رەسۇلۇللاھدەك چوڭقۇر دوستلۇق مېھرى بىلەن مۇئامىلە قىلالمايدۇ“.

ئەھلى جامائەت: بىز مۇسۇلمان بولغان ئىكەنمىز، ئۆزىمىزنى رەھىمدىل، كەڭ قورساق بولۇش پەزىلەتلىرى بىلەن زىننەتلىشىمىز لازىم. بۇ ئىسلام دىنى ئەقىدىسىنىڭ تەلىپى بولۇپلا قالماي، بەلكى مۇسۇلمان ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئەخلاقىي پەزىلەتتىن ئىبارەت. بىزنىڭ بەزى مۇسۇلمانلىرىمىز بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ، ئۇلار ھەمىشە ئاچچىقلىنىدۇ، نەپرەتلىنىدۇ، رەھىمدىل، كەڭ قورساق ۋە ئەپۇچان بولالمايدۇ. ئۇلار ھەمىشە تىلىدا ”بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم“(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن) دېگەن بىلەن، بۇ ئىبارىنىڭ روھىنى چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ، بۇ ئىبارىنى ئەمەلىيىتىگە تەدبىقلىيالمايدۇ. بىز «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەلىملىرىگە ئەمەل قىلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئادىل، رەھىمدىل، كىشىلەرگە كىچىك پېئىل بولىدىغان، گەپ-سۆزنى ئېسىل ۋە چىرايلىق قىلىدىغان يۈكسەك پەزىلەتلىرىنى ۋە گۈزەل ئەخلاقىنى ئۆگىنىپ، رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە قىلىپ، ئىسلام دىنىمىزنىڭ رەھىمدىللىك، كەڭ قورساقلىق، ياشانغانلارنى ھۆرمەت قىلىپ، گۆدەكلەرنى ئاسرايدىغان، باشقىلارغا ۋە بارلىق ھاياتلىققا كۆيۈنىدىغان ئېسىل پەزىلەتلىرىنى تەرغىپ قىلىپ ۋە ئۆز ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىپ، بۇ دۇنيادا رەھىمدىللىك، ئىتتىپاقلىق، دوستانىلىق، تىنچلىق ۋە ئىناقلىق جەمئىيەت مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ، ھەم ئۆزىمىزنىڭ رەھىمدىللىك پەزىلىتى بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىپ، ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادەتكە مۇشەررەپ بولىدىغان مۇسۇلمانلاردىن بولايلى.

}رَبَّنَا لاَ تُزِغْ قُلُوبَنَا بَعْدَ إِذْ هَدَيْتَنَا وَ هَبْ لَنَا مِنْ لَّدُنْكَ رَحْمَةً إِنَّكَ أَنْتَ الْوَهَّابُ{(3:8)

پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن. شۈبھىسىزكى، سەن(بەندىلىرىڭگە ئاتالارنى) بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن.

           —سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 8-ئايەت
ئامىن!
 

وآخر دعوانا أن الحمد لله ربّ العالمين

 
يەنە >>سۈرەتلەر