باش بەت > ۋەز-تەبلىغلەر > ۋەز-تەبلىغ ماقالىلىرى

ئىسلام دىنى ئىتتىپاقلىق، كەڭ قورساقلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-07-26   
 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەھلى جامائەت!

ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تائالا مۇبارەك «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتىدۇركى:

}وَ اعْتَصِمُواْ بِحَبْلِ اللهِ جَمِيعًا وَ لاَ تَفَرَّقُواْ{(3:103)

ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار.

              —سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 103-ئايەت

يەنە ئېيتىدۇركى:

}خُذِ الْعَفْوَ وَ أْمُرْ بِالْعُرْفِ وَ أَعْرِضْ عَنِ الْجَاهِلِينَ{(7:199)

ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا(يەنى ياخشى سۆز قىلىشقا، ياخشى ئىش قىلىشقا) بۇيرۇغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن(يەنى نادانلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماي، ئۇلارغا مۇلايىم بولغىن).

                  —سۈرە«ئەئراف»(7-سۈرە)، 199-ئايەت

ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن:

[عَنْ أَبِى مُوسَى رَضِيَ اللهُ عَنْهُ أَنَّ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ قَالَ: ” الْمُؤْمِنُ لِلْمُؤْمِنِ كَالْبُنْيَانِ يَشُدُّ بَعْضُهُ بَعْضًا “ وَ شَبَّكَ بَيْنَ أَصَابِعِهِ] (متفق عليه).

”مۇئمىنلەر بىلەن مۇئمىنلەر خۇددى ھەرقايسى بۆلەكلىرى بىر-بىرىگە زىچ كىرىشتۈرۈلگەن بىر ئىمارەتكە ئوخشاش بىر-بىرى بىلەن باغلانغان“ (رەسۇلۇللاھ بۇ گەپلەرنى دەۋېتىپ بارماقلىرىنى كىرىشتۈرۈپ كۆرسەتكەن)(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن:

[عَنْ عَائِشَةَ رَضِيَ اللهُ عَنْهَا قَالَتْ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ: ” إِنَّ اللهَ رَفِيقٌ يُحِبُّ الرِّفْقَ فِى الأَمْرِ كُلِّهِ “ ](متفق عليه).

”ئاللاھ رەھىملىك، ھەممە ئىشتا مۇلايىملىقنى ياخشى كۆرىدۇ“ (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىملىرىدە ئىتتىپاقلىق ۋە كەڭ قورساقلىقنىڭ مۇھىملىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. ئىتتىپاقلىق بىز مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچ مەنبەسى، شۇڭا ئاللاھ تائالا ۋە رەسۇلۇللاھ بىزنى ئىتتىپاقلىشىشقا، پارچىلانماسلىققا بۇيرۇغان. كەڭ قورساقلىق ۋە چۈشىنىش— ئىتتىپاقلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى، بىز پەقەت كەڭ قورساق قەلبىمىز بىلەن باشقىلارنى كۆپرەك چۈشەنسەك، ئوخشاش بولمىغان پىكىر ۋە قاراشلارغا كەڭ قورساقلىق قىلساق، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرساق ھەمدە ياخشى نىيەتتە كېڭەشسەك ۋە پايدىلىق مۇھاكىمە ئېلىپ بارساقلا، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتەلەيمىز. ئەپسۇس، ئېچىنغان ھالدا كۆرۈۋاتىمىزكى، مۇسۇلمانلىرىمىز ئىچىدىكى بەزىلەر يىلتىزنى قايرىپ قويۇپ، شاخچىلارغا ئېسىلىۋېلىۋاتىدۇ، بىز مۇسۇلمانلارغا ئورتاق بولغان بەش پەرز، يەتتە ئىمانغا نەزەر سالمايۋاتىدۇ، ئەكسىچە، دىن جەھەتتىكى بەزى ئۇششاق شاخچە مەسىلىلەر ئۈستىدە يىپىدىن يىڭنىسىغىچە ئېيتىشىپ، ئېگىز-پەسلىك تالىشىۋاتىدۇ، ھەتتا ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىق، كەڭ قورساقلىق روھىغا پەرۋا قىلماي، بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، بىر-بىرىنى قارىلاۋاتىدۇ، باشقىلارنى چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى كۆتۈرۈۋاتىدۇ. نەتىجىدە، ئايرىم كىشىلەر قاراشلىرى بىلەن ئەمەل قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىكى كىچىككىنە پەرقلەر تۈپەيلىدىن ئۆزئارا بېرىش-كېلىش قىلىشمايۋاتىدۇ، بىر-بىرى بىلەن سالاملاشمايۋاتىدۇ…ۋەھاكازالار. شۇنى بىلىش كېرەككى، بۇ قىلمىشلار ئايەت-ھەدىسلەردىكى تەلىملەرگە ۋە ئىسلام دىنىمىز تەشەببۇس قىلىدىغان ئىتتىپاقلىق، كەڭ قورساقلىق روھىغا خىلاپ بولۇپ، بىز مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مەۋجۇت بولماسلىقى كېرەك ئىدى. بىز ئايەتى كەرىمە ۋە ھەدىس شەرىفلەردىكى ئىتتىپاقلىق ۋە كەڭ قورساقلىق توغرىسىدىكى تەلىملەرنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، مۇسۇلمانلىرىمىز ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى قوغداپ، دىنىمىزنى ئىتتىپاقلىق، كەڭ قورساقلىق كەيپىياتى ئىچىدە نورمال جارى قىلدۇرۇشىمىز، تار رامكىلىق ئىدىيە-ھەرىكەتلەرنىڭ ئىمانىمىزغا نۇقسان يەتكۈزۈشىگە يول قويماسلىقىمىز لازىم.

1. ئىسلام دىنى كەڭ قورساقلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ

ئىسلام دىنى ئەپۇ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئەپۇ قىلىش بولسا كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كەڭ قورساقلىق نىيىتى بولغاندىلا ئەپۇ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دىكى بىر مۇنچە سۈرە-ئايەتلەردە بۇ گۈزەل ئەخلاق تىلغا ئېلىنغان، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئۆزىنىڭ رەھىمدىل، كەڭ قورساقلىق پەزىلىتى ۋە كۆڭلى كۆكسى كەڭلىكى ئارقىلىق بۇ جەھەتتە بىزگە تېخىمۇ شانلىق نەمۇنە تىكلەپ بەرگەن.

ئىسلام دىنىنىڭ كەڭ قورساقلىق تەشەببۇسى ھەممە كىشىگە تەدبىقلىنىدۇ. ھەرقانداق ئادەمگە، جۈملىدىن مۇسۇلمانلار ۋە مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ ھەممىسىگە كەڭ قورساق بولۇش، ئۇلار بىلەن دوستانە ئۆتۈش كېرەك. ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلەر ئارىسىدا، قولۇم-قوشنىلار ئارىسىدىلا كەڭ قورساق بولۇپ قالماستىن، ئۆزىگە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان كىشىلەر بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ قىلغان يامانلىقىغا ياخشىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بۇ جەھەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم تەڭدىشى يوق ئۈلگىمىز. ئۇ زات مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا قارىتا كەمتەر، تەلەپچان بولۇش پەزىلىتىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن، مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ھەتتا ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغان دۈشمەنلىرىگە قارىتامۇ كەڭ قورساق، رەھىمدىل، ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشتەك يۈكسەك پەزىلىتىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ زات ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلىش جەريانىدا مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ خىلمۇخىل زەربىسى ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، ھەتتا ئۇ زات: ”ھەرقانداق بىر پەيغەمبەر ئۇچرىغان زىيانكەشلىك مەن ئۇچرىغان زىيانكەشلىكتەك ئېغىر بولغان ئەمەس“ دېگەنىدى. لېكىن، رەسۇلۇللاھ مەككىنى فەتھى قىلىپ غەلىبە قازانغان چاغدا، ئىلگىرى ئۆزىگە ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلغان، كۆز ئالدىدا دەككە-دۈككە ئىچىدە مەككىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا يىغىلىپ ئېغىر جازانى كۈتۈپ تۇرغان رەقىبلىرىگە: ”بېرىڭلار، ھەممىڭلار ئازاد“ دېگەن. كۆڭلى كۆكسى شۇنچە كەڭ، شۇنچە ئازادە رەسۇلۇللاھ ھەقىقەتەن داھىيلىققا مۇناسىپ، رەسۇلۇللاھ ئۆزى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپلا قالماستىن، ساھابىلىرىغىمۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، باشقىلارغا كەڭ قورساق بولۇش توغرىسىدا دائىم تەلىم بېرەتتى. ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئۆز ساھابىلىرىغا:

[عَنْ عُبَادَةِ بْنِ الصَّامِتِ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ : ” أَلاَ أَدُلُّكُمْ عَلَى مَا يَرْفَعُ اللهُ بِهِ الدَّرَجَاتِ ؟ “ قَالُوا : نَعَمْ يَا رَسُولَ اللهِ ! قَالَ: ” تَحْلُمُ عَلَى مَنْ جَهِلَ عَلَيْكَ وَ تَعْفُو عَمَّنْ ظَلَمَكَ وَ تُعْطِى مَنْ حَرَمَكَ وَ تَصِلُ مَنْ قَطَعَكَ “ ](رواه البزار و الطبرانى ).

”مەن سىلەرگە ئاللاھ ئۇ ئارقىلىق دەرىجەڭلارنى ئۈستۈن قىلىدىغان ئەمەللەرنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟“ دېگەندە، ساھابى كىراملار: ”ھەئە، ئى رەسۇلۇللاھ!“ دېگەن، رەسۇلۇللاھ: ”ساڭا قوپاللىق قىلغان ئادەمنى كەچۈرگىن؛ ساڭا ئادىل بولمىغان ئادەمنى ئەپۇ قىلغىن؛ ساڭا بەرمىگەن ئادەمگە بەرگىن؛ سەندىن سىلە-رەھىمنى ئۈزگەن ئادەم بىلەن دوستلۇقىڭنى ساقلىغىن“ دېگەن(بەزار، تەبرانى رىۋايەت قىلغان).

ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تائالا مۇبارەك «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتىدۇركى:

}وَ اعْتَصِمُواْ بِحَبْلِ اللهِ جَمِيعًا وَ لاَ تَفَرَّقُواْ{(3:103)

ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار.

              —سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 103-ئايەت

ئاللاھ تائالا يەنە ئېيتىدۇركى:

}وَ لَوْ شَاءَ رَبُّكَ لَجَعَلَ النَّاسَ أُمَّةً وَاحِدَةً وَ لاَ يَزَالُونَ مُخْتَلِفِينَ{(11:118)

ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، پۈتۈن ئادەملەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت قىلاتتى، ئۇلار(دىن توغرىسىدا) داۋاملىق ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر.

                —سۈرە«ھۇد»(11-سۈرە)، 118-ئايەت

يۇقىرىدىكى ئايەتى كەرىمەلەر بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، مۇسۇلمانلار ئىتتىپاق بولۇشى، بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇشى كېرەك. ئىتتىپاقلىق—ئىسلام دىنىمىز تەشەببۇس قىلىدىغان گۈزەل ئەخلاق، جەمئىيەت مۇقىملىقى، جەمئىيەت يۈكسىلىشى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى كاپالىتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار كۈچ-قۇدرىتىنىڭ مەنبەسى. ئىتتىپاقلىشىشتا، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىمىگە ئەمەل قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇش، بۆلگۈنچىلىك قىلماسلىق كېرەك. ئىتتىپاقلىشىشتا يەنە، كەڭ قورساق بولۇشتەك گۈزەل ئەخلاقنى جارى قىلدۇرۇش، ئوخشاش بولمىغان مەزھەپلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان كۆزقاراشلىرى ۋە ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللىرىغا يول قويۇپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، بىر-بىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق كېرەك. ئىسلام دىنىمىزنىڭ قارىشىچە، كۆزقاراش ۋە پىكىردە ئوخشاش بولماسلىق ياكى ئىختىلاپلىشىشمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا قىلغان رەھمىتى. ئاللاھ تائالا ئىختىلاپ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئەقىل-ئىدراكىنى ئېچىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىنسانلارنى توختىماي ئۆگىنىپ، ئىزدىنىپ، مۇھاكىمە قىلىپ، مۇنازىرە قىلىشىپ، كېڭىشىپ ئاخىرى بىرلىككە كېلىپ ھەقىقەتكە يېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا ئىختىلاپلىشىش ھەرگىزمۇ پارچىلىنىش ھېسابلانمايدۇ.

2. دىنىمىزنىڭ ئاساسىدا چىڭ تۇرۇپ، مەزھەپ-پىرقە قاراشلىرىنى سۇسلاشتۇرايلى

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە بىزگە تەلىم بەرگەنكى:

}شَرَعَ لَكُمْ مِّنَ الدِّينِ مَا وَصَّى بِهِ نُوحًا وَ الَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَ مَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَ مُوسَى وَ عِيسَى أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَ لاَ تَتَفَرَّقُوا فِيهِ{(42:13)

ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا(يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھيى قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار.

                —سۈرە«شۇرا»(42-سۈرە)، 13-ئايەت

«قۇرئان كەرىم»دە يەنە ئېيتىلىدۇركى:

}فَاخْتَلَفَ الْأَحْزَابُ مِنْ بَيْنِهِمْ فَوَيْلٌ لِّلَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْ عَذَابِ يَوْمٍ أَلِيمٍ{(43:65)

 (ناسارالار)نىڭ پىرقىلىرى ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشتى، زالىملارغا قاتتىق كۈن(يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىدىن ۋاي!

             —سۈرە«زۇخرۇف»(43-سۈرە)، 65-ئايەت

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن:

[عَنْ أَبِى هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ أَنَّ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ قَالَ: ” تَرَكْتُ فِيكُمْ أَمْرَيْنِ لَنْ تَضِلُّوا مَا تَمَسَّكْتُمْ بِهِمَا: كِتَابَ اللهِ وَ سُنَّةَ رَسُولِ اللهِ “](رواه الإمام مالك).

”مەن سىلەرگە ئىككى ئەڭگۈشتەرنى قالدۇرۇپ كەتتىم، ئۇنى چىڭ تۇتساڭلار مەڭگۈ ئادىشىپ قالمايسىلەر. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ كىتابى(قۇرئان) ۋە مېنىڭ سۈننىتىمدۇر“(ئىمام مالىك رىۋايەت قىلغان). ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھنى ئەۋەتتى، «قۇرئان كەرىم»نى نازىل قىلدى، بىز مۇسۇلمانلار «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەلىملىرىگە ئەمەل قىلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننەتلىرىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئىسلام مەدەنىيىتىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتتۇق. بىز مۇسۇلمانلار پەخىرلەنگىدەك بۈگۈنكى كۈنگە ئىگە بولۇشتا، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىدىن باشقا، ئاللاھ تائالانىڭ ئارغامچىسى — «قۇرئان كەرىم»گە ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەسىيەتلىرىگە چىڭ ئەمەل قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ بىردەك ئىتتىپاقلىشىشقا تاياندۇق.

بىز ئەھلى سۈننىيلارنىڭ تۆت چوڭ فىقھە مەزھىپىدە «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شەرىفلەرنى چۈشىنىش جەھەتتە بەزى كىچىك پەرقلەر بولغان، بەزى فىقھە مەسىلىلىرىگە كونكرېت ھۆكۈم قىلىشتا بەزى كىچىك ئىختىلاپلار بولغان. لېكىن ھەرقايسى فىقھە مەزھىپىنىڭ فىقھە جەھەتتىكى ئاساسلىق ھۆكۈملىرى بىردەك بولۇپ، تۈپ جەھەتتىن زىددىيەت يوق. مەسىلەن، تاھارەتتىكى باشقا مەسھى قىلىشنى ھەرقايسى فىقھە مەزھىپى پەرز دەپ قارايدۇ: ھەنەفىيە مەزھىپى باشنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىغا مەسھى قىلىش پەرز دەپ قارايدۇ، شافىئىي مەزھىپى ئازراق بىر قىسىم چاچقا مەسھى قىلسىلا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، مالىكى مەزھىپى بولسا باشنىڭ ھەممىسىگە مەسھى قىلىش پەرز دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرگىلى بولىدۇكى، ھەرقايسى مەزھەپلەرنىڭ ھۆكمى چوڭ جەھەتتىن ئوخشاش، كىچىك جەھەتتىن پەرقلىق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى «قۇرئان كەرىم»دىكى:

}يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلاَةِ فَاغْسِلُواْ وُجُوهَكُمْ وَ أَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَ امْسَحُواْ بِرُؤُوسِكُمْ{(5:6)

ئى مۇئمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار…

                  —سۈرە«مائىدە»(5-سۈرە)، 6-ئايەت

دېگەن ئايەتى كەرىمەگە ئەمەل قىلىپ، تاھارەت ئالىدۇ، تاھارەت ئالماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ھېچكىم يوق. دېمەك، پەرق كىچىككىنە بولۇپ، پرىنسىپلىق ئەمەس.

تۆت چوڭ فىقھە مەزھىپىنىڭ ھەممىسى ئەھلى سۈننىلار بولۇپ، پەقەت شەرىئەت پرىنسىپلىرىنى تەدبىقلاشتا ئوخشىماسلىقلار بار. ھەرقايسى مەزھەپلەرگە ئەمەل قىلىدىغان مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بىر خىل شەرىئەت ئەنئەنىسى سۈپىتىدە ۋارىسلىق قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىمىزنى روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇرغان. شۇڭا، ئوخشىمىغان پىرقە ياكى ئوخشىمىغان مەزھەپ كۆزقارىشى ۋە ئۇسۇلىغا قارىتا، بىز چوقۇم ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇش، بىر-بىرىنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماسلىق ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم.

بىز مۇسۇلمانلار مەيلى قايسى پىرقە، قايسى فىقھە مەزھىپىگە تەئەللۇق بولمايلى، بىزنىڭ تۈپ ئېتىقادىمىز ئوخشاش، ئوخشىمايدىغان تەرىپى پەقەت بەزى شاخچە مەسىلىلەردە پەرقنىڭ بولغانلىقىدا، بۇ پەرقلەر بىزنىڭ ئېتىقادىمىزغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئىتتىپاقلىقىمىزغا تېخىمۇ توسالغۇ بولالمايدۇ. بىز چوقۇم باراۋەر، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىشىمىز لازىم، بۇنداق شاخچە مەسىلىلەر ئۈستىدە بىر-بىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىشىمىزنىڭ، ئېيتىشىپ يۈرۈشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. مۇسۇلمانلارنى قارىغۇلارچە كاپىر دەيدىغان قىلمىشلاردىن يىراق تۇرىشىمىز كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىدۇركى:

}إِنَّ الَّذِينَ فَرَّقُواْ دِينَهُمْ وَ كَانُواْ شِيَعًا لَّسْتَ مِنْهُمْ فِي شَيْءٍ إِنَّمَا أَمْرُهُمْ إِلَى اللهِ ثُمَّ يُنَبِّئُهُمْ بِمَا كَانُواْ يَفْعَلُونَ{(6:159)

دىندا بۆلگۈنچىلىك قىلىپ تۈرلۈك پىرقىلەرگە ئايرىلغانلاردىن سەن ئادا-جۇداسەن؛ ئۇلارنىڭ ئىشى پەقەت ئاللاھقىلا خاستۇر(يەنى ئاللاھنىڭ باشقۇرىشىدىدۇر). كېيىن (يەنى ئاخىرەتتە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرىگە ئېيتىپ بېرىدۇ.

               —سۈرە«ئەنئام»(6-سۈرە)، 159-ئايەت

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن:

[عَنْ أَنَسِ بْنِ مَالِكٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ أَنَّ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ قَالَ: ” لاَ تَبَاغَضُوا وَ لاَ تَحَاسَدُوا وَ لاَ تَدَابَرُوا وَ كُونُوا عِبَادَ اللهِ إِخْوَانًا، وَ لاَ يَحِلُّ لِمُسْلِمٍ أَنْ يَهْجُرَ أَخَاهُ فَوْقَ ثَلاَثَةِ أَيَّامٍ “ ](رواه البخارى).

”ئۆزئارا ئۆچمەنلەشمەڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ھەسەتخورلۇق قىلماڭلار، بىر-بىرىڭلارنىڭ پېيىغا چۈشمەڭلار، ئۆزئارا ئادا-جۇدا بولۇشۇپ كەتمەڭلار، ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ بەندىسى، مۇسۇلمانلار بىر-بىرى بىلەن قېرىنداش. مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىۋېتىشى ھارام“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ھەر نۆۋەتتىكى ھەج مەزگىلىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار مۇقەددەس زېمىنغا يىغىلىدۇ. ھەرەم مەسچىتى، پەيغەمبەر مەسچىتى ۋە باشقا مەسچىتلەردە ناماز ئۆتىگەن ۋاقتىمىزدا، پىرقە ۋە مەزھەپلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قارىماي، ھەممىمىز بىر ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ، ھەركىم ئۆزىنىڭ بەلگىلىمىسى ۋە قائىدە-يوسۇنى بويىچە، ھەرخىل شەكىللەردە ناماز ئوقۇيدۇ. بۇ چاغدا ھەر كىمنىڭ ناماز ئۆتەش شەكىللىرى ئانچە ئوخشاپ كەتمىسىمۇ، ھەممىمىز بىر ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ، بىرلا نىيەتتە بولىمىز؛ سەمىمىي ئىخلاسىمىز بىلەن، ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىپ، پەرزنى ئورۇنداپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەيمىز. بۇ چاغدا، ھېچكىم ئوتتۇرىغا چىقىپ بىرى-بىرىنى بىر نەرسە دېمەيدۇ، باشقىلارنى ناماز شەكىللىرى توغرا بولمىدى، ناماز تەرتىپى توغرا بولمىدى، ئوقۇغان سۈرە-ئايەتلىرى توغرا بولمىدى، كىيىم-كېچەكلىرى توغرا بولمىدى، دەپ ئەيىبلىمەيدۇ. بۇ چاغدا جامائەتنىڭ مەزھەب كۆزقاراشلىرى كۆزگە چېلىقمايدۇ، جامائەتنىڭ ھەممىسى پەقەت بىز مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى كەڭ قورساقلىق، چۈشىنىش ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىلا ھېس قىلىدۇ. ئەلھەمدۇلىللاھ! بۇ نېمە دېگەن ياخشى ھالەت! ئاللاھ تائالا مۇشۇنداق ھالەتنىڭ دائىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا نېسىپ قىلغاي!

3. ئىتتىپاق، كەڭ قورساق بولايلى، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قالايلى

قەدىمدىن بۇيان، بىز جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ھەنەفىيە مەزھىپىگە ئەمەل قىلىپ كەلدى. بۇ، بىز جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەنئەنىسى.

ئاللاھنىڭ ھىممىتىگە شۈكرى، تارىختا ئۆتكەن ئۇلىمالىرىمىز «قۇرئان كەرىم»، ھەدىس شەرىف تەلىملىرىگە قەتئىي ئەمەل قىلىش پرىنسىپى ئاستىدا، زامانغا، ماكانغا لايىق ئىش كۆرۈپ، ئىسلام دىنىنى بىزنىڭ جۇڭگو زېمىنىدا روناق تاپقۇزدى. ئەپسۇسكى، مۇسۇلمانلىرىمىز ئارىسىدىكى ئايرىم كىشىلەر ئۆزىنىڭكىنىلا راست قىلىشقا ئامراق، ئۇلار باشقىلاردىن قۇسۇر چىقىرىپ، باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ ھەمدە بەزى كىتابلاردىن ئايرىم ئىبارىلەرنى ئۈزۈۋېلىپ، باشقىلارنى ھەدەپ ساۋايدۇ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا زىددىيەت ۋە توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر، بىز جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئەنئەنىمىزدە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان ھەنەفىيە مەزھىپىدىكى بەزى قاراشلار ۋە ئۇسۇللارنى نادانلىق بىلەن ئىنكار قىلىپ، ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان كۆپچىلىك ئورتاق ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئەنئەنىلەرنى خاتاغا چىقىرىپ، ئۇمۇ توغرا ئەمەس، بۇمۇ توغرا ئەمەس دەپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئىتتىپاقلىق، كەڭ قورساقلىق روھىنى چۆرۈپ تاشلاپ، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بەزى شاخچە مەسىلىلەردىكى پەرقىنى زورايتىپ، ئامما ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق، تالاش-ماجىرا پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان مەسىلىلەر پەقەت بەزى ئۇششاق مەسىلىلەر بولۇپ، ئۇنچىلىك كۈچەپ تەكىتلەپ كېتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. ئۇلار، گەرچە ئەمەل قىلىدىغان پىرقە ياكى مەزھەپ جەھەتتە ئوخشاش بولمىساقمۇ، ئەمما ھەممىمىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئىكەنلىكىمىزنى، ھەممىمىزنىڭ بىردىنبىر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈپ، مۇبارەك «قۇرئان كەرىم»گە ئەمەل قىلىپ، خاتىمۇل ئەنبىيايىمىز مۇھەممەد رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ يولىغا ئەگىشىدىغانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالدى. بىز ئاللاھ ئەمرى قىلغان ياخشى ئىشلارنى قىلىشىمىز، ئاللاھ مەنئى قىلغان ئىشلارنى قىلماسلىقىمىز، بەزى شاخچە مەسىلىلەردە ئارتۇقچە تالاش-تارتىش قىلماسلىقىمىز، ماھىيەت بىلەن ھادىسىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ قويماسلىقىمىز، شاخچىغا ئېسىلىۋېلىپ دەرىخىنى تاشلاپ قويماسلىقىمىز لازىم ئىدى. دىنىمىزنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئۇششاق-چۈشەك مەسىلىلەر سەۋەبىدىن ئومۇمىي گەۋدىنى زەخمىلەندۈرىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقىمىز لازىم ئىدى. ھۇزەيفە ئىبنى يەمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن:

[عَنْ حُذَيْفَةِ بْنِ اليَمَانِ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ : ”مَنْ لاَ يَهْتَمُّ بِأَمْرِ الْمُسْلِمِينَ فَلَيْسَ مِنْهُمْ “ ](رواه الطبرانى ).

”مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئادەم مۇسۇلمانلاردىن ئەمەس“(تەبرانى رىۋايەت قىلغان). شۇنىڭ ئۈچۈن، بەزى ئۇسۇللارنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن باشقىلارنى ئىنكار قىلىدىغان، بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلىرىمىز ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلماسلىقىمىز لازىم.

ئىتتىپاقلىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇش ۋە بىر-بىرىنى چۈشىنىش لازىم، كەڭ قورساقلىق بىز مۇسۇلمانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك گۈزەل ئەخلاق. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە بىزگە شۇنداق تەلىم بېرىدۇكى:

}فَاعْفُ عَنْهُمْ وَاسْتَغْفِرْ لَهُمْ وَ شَاوِرْهُمْ فِي الأَمْرِ فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللهِ إِنَّ اللهَ يُحِبُّ الْمُتَوَكِّلِينَ{(3:159)

ئۇلارنى ئەپۇ قىل، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ (كېڭەشكەندىن كېيىن) بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.

            —سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 159-ئايەت

ھەربىرىمىزنىڭ دىنىي بىلىم سەۋىيىۋىمىزنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ئوخشاش بولمىغانلىقى، مەسىلىگە قاراش دائىرىمىز ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەركىم ئۆزى بىلگىنىچە چۈشەندۈرۈش نەتىجىسىدە، كۆزقاراشمۇ ئانچە ئوخشاش بولماي، نۇقتىئىنەزەر ۋە پىكىر جەھەتتە ئىختىلاپلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەرگىز ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. شۇڭا، دىنىي ئىشلارنى بېجىرگەن ۋاقتىمىزدا بىر-بىرىمىزگە ھۇجۇم قىلماسلىقىمىز، بىزمۇ باشقىلارنىڭ ئۇسۇللىرىغا ھۇجۇم قىلماسلىقىمىز، باشقىلارمۇ بىزنىڭ ئۇسۇللىرىمىزغا ھۇجۇم قىلماسلىقى كېرەك. ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىپ، ھەركىم ئۆز يولى بىلەن ئىش قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ دىنىي ئىشلارنى بېجىرىش، بىرلىكتە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش مەنزىلىگە يېتىشىمىز لازىم.

بەزى مەسىلىلەردە ئىختىلاپلىشىپ قالساقمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ «قۇرئان كەرىم»دىكى:

}اُدْعُ إِلَى سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَ الْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ وَ جَادِلْهُمْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنْ ضَلَّ عَنْ سَبِيلِهِ وَ هُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ{(16:125)

پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا(يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز-نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار(يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.

               —سۈرە«نەھل»(16-سۈرە)، 125-ئايەت

دېگەن تەلىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئېغىر بېسىقلىق بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، بۇ مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ئۆگىنىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىشىپ توغرا جاۋاب تېپىپ چىقىشىمىز لازىم. بىز مۇسۇلمانلارمۇ كامالەتلىك ئادەم ئەمەس، خاتالىشىپمۇ تۇرىمىز. بىزمۇ باشقىلارنىڭ كەڭ قورساقلىق قىلىشىغا، چۈشىنىشىگە موھتاج بولىمىز. ئەگەر ئۆزىمىزگە خاتا مۇئامىلە قىلغان ئادەملەرگە كەڭ قورساق بولمىساق، ئۆزىمىزمۇ باشقىلارنىڭ كەڭ قورساقلىق قىلىشىغا مۇيەسسەر بولالمايمىز. ئابدۇللا ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن:

[عَنْ عَبْدِ اللهِ بْنِ عَمْرٍو رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ قَالَ: ” مَنْ لاَ يَرْحَمُ لاَ يُرْحَمُ “] (متفق عليه).

”باشقىلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمايدىغان ئادەمگە رەھىم-شەپقەت قىلىنمايدۇ“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئەھلى جامائەت: ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا(يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) چىڭ يېپىشىپ، ئاللاھ تائالا ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ تەلىملىرىگە چىن دىلىمىزدىن ئەمەل قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ كەڭ قورساقلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆرەڭلىك ۋە بىر تەرەپلىمىلىكنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئىختىلاپ، نىزالارنى ئۈزلۈكسىز تۈگىتىپ، تۆۋەندىكى ئىشلارنى ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئاشۇرايلى: كەڭ قورساقلىق بولايلىكى، باشقىلارنى كەمسىتمەيلى، ئوخشاشلىق ئىچىدە ئوخشىماسلىقلارنى سىغدۇرۇپ، ئوخشىماسلىقلار ئىچىدە ئوخشاشلىققا ئىنتىلىپ، ئوخشاشلىقتا قېرىنداش بولۇپ، ئوخشىماسلىقتا ھۆرمەت قىلىشىپ ئۆتەيلى. يول قويايلىكى چەتكە قاقمايلى، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چۈشەنمەسلىكلەرنى تۈگىتىپ، چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ ئورتاق چۈشەنچىنى ئاشۇرايلى. ئىناق ئۆتەيلىكى ئۆچمەنلەشمەيلى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىپ، پەرقىمىزنى ئېتىراپ قىلىپ، مەنلا نوچى دېيىشتىن ساقلىنايلى؛ ئالغا ئىلگىرىلەيلىكى ئارقىغا چېكىنمەيلى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشايلى. بىز بارلىق مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالا باشلىغان داغدام يولدا ئۆزىمىزنى توغرا ئىگىلەپ، نەپسى خاھىشتىن يىراق بولۇپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، كۆپرەك چۈشىنىپ، ئازراق ئەيىبلەپ، كۆپرەك كېڭىشىپ، ئازراق بەس-مۇنازىرە قىلىشىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئالىيجاناب روھقا ئىگە بىر مۇسۇلمان بولايلى.

ئاللاھ تائالا بىزگە مەدەت بەرگەي. ئامىن!

 

وآخر دعوانا أن الحمد لله ربّ العالمين

يەنە >>سۈرەتلەر