باش بەت > ۋەز-تەبلىغلەر > ۋەز-تەبلىغ ماقالىلىرى

ئىسلام دىنى بىزدىن ئوتتۇراھال يول تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-07-26   
تەلەپ قىلىدۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەھلى جامائەت!

ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تائالا مۇبارەك «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتىدۇركى:

}فَاسْتَقِمْ كَمَا أُمِرْتَ وَ مَنْ تَابَ مَعَكَ وَ لاَ تَطْغَوْا إِنَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ{(11:112)

(ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ سېنى بۇيرۇغاندەك توغرا يولدا بولغىن، ساڭا ئىمان ئېيتقانلارمۇ توغرا يولدا بولسۇن. (مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى قىلىپ) ئاللاھنىڭ چەكلىرىدىن چىقىپ كەتمەڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

— سۈرە«ھۇد»(11-سۈرە)، 112-ئايەت

}وَ أَنَّ هَذَا صِرَاطِى مُسْتَقِيمًا فَاتَّبِعُوهُ وَ لاَ تَتَّبِعُوا السُّبُلَ فَتَفَرَّقَ بِكُمْ عَنْ سَبِيلِهِ ذَلِكُمْ وَصَّاكُمْ بِهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ{(6:153)

بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ، (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ دوزاختىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

— سۈرە«ئەنئام»(6-سۈرە)، 153-ئايەت

«ئەنئام»سۈرىسىدىكى ئۇشبۇ ئايەتى كەرىمدە زىكىر قىلىنغان ”توغرا يول“ بۇ يەردە ”ئوتتۇرا ھال يول“نى كۆرسىتىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەرگە بۇ ئايەتى كەرىمدە زىكىر قىلىنغان ”توغرا يول“نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بىر سىزىقنى سىزغان، ئاندىن بۇ سىزىقنىڭ ئوڭۋە سول تەرىپىگە يەنە ئايرىم-ئايرىم ئىككى سىزىقنى سىزغان ھەمدە ئۆزىنىڭ مۇبارەك قولىنى ئوتتۇرىدىكى سىزىققا قويۇپ، يۇقىرىقى ئايەتى كەرىمنى تىلاۋەت قىلغان، دەيدۇ.

بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىز ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان دىن،«قۇرئان كەرىم»نىڭ يۇقىرىقى ئايەتلىرى بۇنىڭ روشەن دەلىلىدۇر. ئوتتۇرا ھال يول— مۆتىدىل، توغرا يول دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇ ئىسلام دىنىمىزنىڭ توغرا يولى، شۇنداقلا، ”ئاللاھنىڭ يولى“دۇر. ئىسلام دىنىمىز بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتمەسلىكنى، ئوتتۇرا، ئادىل يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىندۇر، شۇڭا،مۇسۇلمانلار چوقۇم ئوتتۇرا يولدا مەھكەم ماڭىدىغانلاردىن بولۇشى لازىم.

خۇددى ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتقاندەك:

}وَ كَذَلِكَ جَعَلْنَاكُمْ اُمَّةً وَسَطًا لِتَكُونُوا شُهَدَاءَ عَلَى النَّاسِ وَ يَكُونَ الرَّسُولُ عَلَيْكُمْ شَهِيدًا{(2:143)

شۇنىڭدەك(سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە شاھىد بۇلۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىد بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ئوتتۇرا، ئادىل ئۈممەت قىلدۇق.

              —سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 143-ئايەت

 

1. دىنىي تۇرمۇشتا ئوتتۇرا يول تۇتۇش كېرەك

ئىسلام دىنى بىزدىن ئوتتۇرا يول تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ جەھەتتە «قۇرئان كەرىم»دە ئېنىق بەلگىلىمىلەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەممۇ ئۇلىمالارنى چەكتىن ئاشقان يولدا ماڭماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن:

[ عَنْ حُذَيْفَة رَضِىَ اللهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ :” يَا مَعْشَرَ القُرَّاء اسْتَقِيمُوا فَقَدْ سَبَقْتُمْ سَبْقًا فَإِنْ أَخَذْتُمْ يَمِينًا وَ شِمَالاً لَقَدْ ضَلَلْتُمْ ضَلاَلاً بَعِيدًا “ ] (متفق عليه).

«قۇرئان كەرىم»نى تىلاۋەت قىلىدىغان جامائەت! توغرا يولدا مېڭىڭلار، سىلەر بەكرەك ئالدىغا ئۆتۈۋالدىڭلار، سىلەر ئەگەر ئوڭۋە سول تەرەپنى بەكرەك تۇتۇپ ماڭساڭلار، ئۇنداقتا، زور ئازغۇنلۇقتا قالغان بولىسىلەر“ (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ھۆججەتۇل ئىسلام ئىمام ئەبۇ ھامىد غەززالى ئۆزىنىڭ «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»(«دىنىي ئىلىملەرنى گۈللەندۈرۈش» دېگەن داڭلىق كىتابىدا:”ھالال دائىرىسىگە تەۋە بولغان ھەر خىل ئارزۇ-ئىستەكلەرگە تامامەن ئېتىبار بەرمەسلىككىمۇ بولمايدۇ ھەم ھەمىشە قانائەتلىنىشكىمۇ بولمايدۇ، بۇ يەردە ئوتتۇرا ھال يولنى تۇتۇش لازىم. چۈنكى، ھەممە ئىش تىنچلىق بىلەن ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ھەر قانداق ئىش ئوڭۋە سول تەرەپكە ئېغىپ كەتسە ھەر ئىككىلىسى خاتا بولىدۇ...“ دېگەن.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ۋە ساھابى كىراملارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى: ھەممە ئىشتا ”مۆتىدىل“ بولۇش، ”چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىك“ ئەۋزەل، جۈملىدىن دىنىي ئەمەللەرنى ئورۇنداشتىمۇ ئوتتۇرا ھال يولنى تۇتۇش كېرەك. 

ئىسلام دىنىمىز مۇسۇلماننىڭ ناماز ئوقۇشىنى، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىشىنى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمگە دۇرۇت-سالام يوللىشىنى بەلگىلىگەن. ئەمما يەنە ھەممە ئىشنىڭ ئۆز يولىدا بولۇشىنى تەكىتلەيدۇ، چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشنى توسىدۇ.

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتىدۇركى:

}وَ اذْكُرْ رَّبَّكَ فِى نَفْسِكَ تَضَرُّعًا وَ خِيْفَةً وَ دُوْنَ الْجَهْرِ مِنَ القَوْلِ بِالْغُدُوِّ وَ الأَصَالِ وَ لاَ تَكُنْ مِنَ الْغَافِلِيْنَ{(7:205)

پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە-ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن.

              — سۈرە«ئەئراف»(7-سۈرە) 205-ئايەت

}وَ لاَ تَجْهَرْ بِصَلاَتِكَ وَ لاَ تُخَافِتْ بِهَا وَ ابْتَغِ بَيْنَ ذَلِكَ سَبِيْلاً{(17:110)

نامىزىڭدا(قىرائەتنى) يۇقىرى ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، پەس ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرا يولنى تۇتقىن.

            — سۈرە«بەنى ئىسرائىل»(17-سۈرە)، 110-ئايەت

بۇ ئايەتى كەرىمنىڭ نازىل بولۇشىدىكى سەۋەبى مۇنداق: بەزى مۇسۇلمانلار مەسچىدى ھەرەمدە «قۇرئان كەرىم»نى يۇقىرى ئاۋازدا ياكى ناھايىتى تۆۋەن ئاۋازدا قىرائەت قىلغان، بۇ ئايەتى كەرىمدە، ئەينى ۋاقىتتىكى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ قىرائەتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن «قۇرئان كەرىم»گە ھۆرمەتسىزلىك قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ”نامازدا(قىرائەتنى) يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئوقۇماسلىق“ تەلەپ قىلىنغان، ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئۆتەۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمامنىڭ قىرائىتىنى ئاڭلىيالماي قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ”نامازدا قىرائەتنى تۆۋەن ئاۋاز بىلەن ئوقۇماسلىق“ تەلەپ قىلىنغان، دېمەك، بۇ يەردە مۇسۇلمانلارنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى ئوتتۇرا ھال ئاۋازدا قىرائەت قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

مۇسۇلمانلار يەنە نامازنىمۇ ئوتتۇرا ھال ھالەتتە ئورۇندىشى لازىم، ئەبۇ ئابدۇللا جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ:

[ عَنْ أَبِى عَبْدِ اللهِ جَابِرِ بْنِ سَمُرَة رَضِىَ اللهُ عَنْهُمَا قَالَ: كُنْتُ أُصَلِّى مَعَ النَّبِىِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ الصَّلَوَاتَ فَكَانَتْ صَلاَتُهُ قَصْدًا وَ خُطْبَتُهُ قَصْدًا ] (رواه مسلم).

مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم بىلەن ناماز ئوقۇغانىدىم، ئۇ مۇبارەك زاتنىڭ نامىزى ۋە خۇتبىسى ئوتتۇرا ھال(ئۇزۇنمۇ ئەمەس، قىسقىمۇ ئەمەس) بولغانىدى دەيدۇ(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى رامىزان روزىسىدىن باشقا ئادەتتىكى نەفلى روزىلارنىمۇ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۇتۇشىدىن توسىمايدۇ. ئەمما، روزىنى”ئۆز يولىدا“ تۇتۇشنى تەكىتلەيدۇ، ھەمىشە روزا تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئۈچ ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ قىلىدىغان تائەت-ئىبادىتىدىن سورىدى، ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ تائەت-ئىبادىتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى ئاز ساناپ: ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ ئىلگىرىكى ۋە ئاخىرقى گۇناھلىرىنى كەچۈرۈۋەتكەن تۇرسا، بىز قانداقمۇ ئۇنىڭغا يېتىشەلەيتتۇق؟ دېيىشتى. ئۇلارنىڭ بىرى: ”مەن ھەمىشە كېچىسى ئۇخلىماي ناماز ئوقۇپ چىقىمەن“، دېدى. يەنە بىرى: ”مەن ھەمىشە روزا تۇتىمەن، ھەرگىز ئېغىزىم ئوچۇق يۈرمەيمەن“، دېدى. يەنە بىرى: ”مەن ئاياللاردىن يىراق بولىمەن، ھەرگىز ئۆيلەنمەيمەن“، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم كېلىپ ئۇلارغا دېدىكى:

[ عَنْ أَنَسٍ بِنْ مَالِكٍ رَضِىَ اللهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ : ” أَنْتُمُ الَّذِينَ قُلْتُمْ كَذَا وَ كَذَا ؟ أَمَا وَ اللهِ إِنِّى لَأَخْشَاكُمْ للهِ وَ أَتْقَاكُمْ لَهُ، لَكِنِّى أَصُومُ وَ أُفْطِرُ وَ أُصَلِّى وَ أَرْقُدُ وَ أَتَزَوَّجُ النِّسَاءَ، فَمَنْ رَغِبَ عَنْ سُنَّتِى فَلَيْسَ مِنِّى“ ] (رواه البخارى).

سىلەر مۇنداق دەپسىلەر، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىلەرگە قارىغاندا ئاللاھدىن بەك قورقىمەن ۋە ئەڭ تەقۋادارمەن، روزىنىمۇ بەزىدە تۇتىمەن بەزىدە تۇتمايمەن، كېچىسى ھەم ناماز ئوقۇيمەن ھەم ئۇخلايمەن، خوتۇنمۇ ئالىمەن، كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمنى تەرك ئېتىدىكەن ئۇ مېنىڭ ئۈممىتىم ئەمەسۇخارى رىۋايەت قىلغان). شۇڭا دىنىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆز تەقۋادارلىقى نۇقتىسىدىن، ھەمىشە روزا تۇتۇشى ھەتتا يىل بويى روزا تۇتۇشىمۇ بىر خىل چېكىدىن ئاشقانلىق ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنداق قىلغاندا تەن ساغلاملىققا زىيان يېتىدۇ، روزا تۇتۇشنىڭ تەن ساغلاملىققا تەسىرى يەتمەسلىكى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ يەنە مۇنداق بىر تەلىمى بار. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇسۇلمانلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇشىنى توسقانىدى، ئۇلار: ئى رەسۇلۇللاھ! سەنمۇ ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتىسەنغۇ؟ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئۇلارغا مۇنداق دېگەن:

[ عَنْ عَائِشَةَ رَضِىَ اللهُ عَنْهَا قَالَتْ: نَهَاهُمْ رَسُولُ اللهِِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ عَنِ الوِصَالِ، رَحْمَةً لَهُمْ، فَقَالوُا : إِنَّكَ تُوَاصِلُ؟ قَالَ : ” إِنِّى لَسْتُ كَهَيْئَتِكُمْ، إِنِّى أَبِيْتُ  يُطْعِمُنِى رَبِّى وَ يَسْقِينِى “] ( أخرجه البخارى).

مەن سىلەرگە ئوخشىمايمەن، مەن تۈنىگەندە، پەرۋەردىگارىم ماڭا يېمەك-ئىچمەك ئىنئام قىلىدۇۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ)ۇخارى رىۋايەت قىلغان). شۇڭا فەقىھ-ئۇلىمالار كېچە-كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇشنى مەكرۇھ دەپ بەلگىلىگەن.

2. ئىجتىمائىي ھاياتتا ئوتتۇرا يول تۇتۇش كېرەك

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئىسلام دىنىمىز ھەم ماددىي راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ كېتىشكە، ھەم تەركى دۇنيالىققا قارشى تۇرىدۇ، بۇ ئىككىسى ئارىسىدا ئوتتۇرا يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشتىن قانۇنلۇق، مۇۋاپىق بەھرىمەن بولۇشىنى تەرغىپ قىلىدۇ. تۇرمۇش ئۇسۇلىدا، مۇسۇلماننىڭ ”ئوتتۇرا ھال يول“ ئېڭىدا چىڭ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتىدۇركى:

}وَ الَّذِيْنَ اِذَا اَنْفَقُوْا لَمْ يُسْرِفُوْا وَ لَمْ يَقْتُرُوْا وَ كَانَ بَيْنَ ذَلِكَ قَوَامًا{(25:67)

ئۇلار(يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇرا ھال خىراجەت قىلىدۇ.

       — سۈرە«فۇرقان»(25-سۈرە)، 67-ئايەت

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە يەنە ئېيتىدۇركى:

}يَا اَيُّهَا الَّذِيْنَ آمَنُوْا لاَ تُحَرِّمُوْا طَيِّبَاتِ مَآ اَحَلَّ اللهُ لَكُمْ وَ لاَ تَعْتَدُوْا إِنَّ اللهَ لاَ يُحِبُّ الْمُعْتَدِيْنَ{(5:87)

ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلماڭلار، (ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن) چەكتىن ئاشماڭلار، ئاللاھ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ.

       — سۈرە«مائىدە»( 5-سۈرە)، 87-ئايەت

«رۇھۇل بايان» دېگەن تەفسىر كىتابىدا بايان قىلىنىشىچە، يۇقىرىدىكى ئايەت مۇنداق سەۋەبتىن نازىل بولغان: بىر قېتىم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم خالايىققا قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشەتلىك مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەپ، كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان مەزمۇنغا كەلگەندە، خالايىق يىغلاپ كەتكەن، بۇ ئىشتىن كېيىن بىر قىسىم ساھابىلەر بۇندىن كېيىن ئەمەللەرنى قانداق بەجا كەلتۈرۈش ۋە قانداق ياشاش توغرىسىدا بىرلىكتە مەسلىھەتلەشكەن، نەتىجىدە، ئۇلار ئورتاق بىر قارارغا كېلىشىپ، بۇندىن كېيىن، دۇنياۋى تۇرمۇشتىن يىراق تۇرۇشقا، يىل بويى روزا تۇتۇشقا، كېچىدە ئۇزۇن ۋاقىت ناماز ئوقۇشقا، ئۇخلىغاندا يېپىنچا ئىشلەتمەسلىككە، ئۇزۇن يىللارغىچە گۆش-مايلىق تاماقلارنى يېمەسلىككە، ئايال ۋە گۈزەل نازۇنېمەتلەرگە يېقىنلاشماسلىققا، زېمىندا تەركى دۇنيا بولۇپ يۈرۈشكە بەل باغلاشقان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ قارارلاشقان ئىشلىرى ھەققىدە سورىغاندا، ئۇلار: ھەئە، بىز شۇنداق دېيىشتۇق دېگەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئاندىن: ”مەن سىلەرنىڭ ئۇنداق قىلىشىڭلارغا ئەمر قىلغىنىم يوق، مەن روزىنى بەزىدە تۇتىمەن، بەزىدە تۇتمايمەن، كېچىسى ھەم ناماز ئوقۇيمەن ھەم ئۇخلايمەن، گۆش-مايمۇ يەيمەن، خوتۇنمۇ ئالىمەن، كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمنى تەرك ئېتىدىكەن، ئۇ مېنىڭ ئۈممىتىم ئەمەس“ دېگەن ھەمدە ساھابىلەرنى يىغىپ: ”خوتۇنىغا يېقىنلاشمايدىغان، نازۇنېمەتلەردىن بەھرىمەن بولمايدىغان، كېچىدە ئۇخلىمايدىغان، خوتۇن ئالمايدىغان بۇنداق كىشىلەر نېمە قىلماقچى؟ مەن سىلەرنى راھىپلاردەك بولۇشقا بۇيرۇغىنىم يوق، گۆش يېمەسلىك، خوتۇن ئالماسلىق، چېركاۋ بىنا قىلىش مېنىڭ دىنىمغا مەنسۇپ ئەمەس، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ساياھىتى روزا، ئەمەللەرنى تىرىشىپ ئورۇندىشى ئۇلارنىڭ تەركى دۇنيالىقى. سىلەر ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىڭلار، روزا تۇتۇڭلار، زاكات ئاجرىتىڭلار، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ“ دەپ پەند-نەسىھەت قىلغان. دېمەك، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتى كەرىمنى نازىل قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئوتتۇرا يول تۇتۇشىنى، ھەر ئىشتا چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان.

ئىسلام دىنىمىز، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى بىزگە ھارام قىلغان، ئەمما بۇ ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدىكى نەرسىلەردىن پايدىلىنىشىمىزنى چەكلىمىگەن.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن:

[ عَنْ ابْنِ عَبَّاس رَضِىَ اللهُ عَنْهُ قَالَ: أَنَّ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ مَرَّ بِشَاةٍ مَيْتَةٍ، فَقَالَ : ” هَلاَ اسْتَمْتَعْتُمْ بِهَا ؟ “ قَالوُا: ” إِنَّهَا مَيْتَةٌ “ ، قَالَ: ” إِنَّمَا حُرِمَ أَكْلُهَا “] (رواه البخارى).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم بىر قېتىم تەرك ئېتىلگەن بىر ئۆلۈك قوينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، يېنىدىكىلەرگە: ”سىلەر ئۇنىڭدىن پايدىلانساڭلار بولمامدۇ؟“ دېگەندە، ئۇلار: ”ئۇ ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋانغۇ؟“ دېگەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئۇلارغا: پەقەت ئۇنى يېيىشلا ھارام قىلىنغاندەپ جاۋاب بەرگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). يەنى ئۆزى ئۆلۈپ قالغان بارلىق ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىش ھارامدۇر، ئەمما ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ يېيىشىگە رۇخسەت قىلغان ھايۋانلار، گەرچە شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە زەبىھ قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئۇ ھايۋانلارنىڭ يۇڭى ۋە تېرىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. بۇنىڭدا ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئوتتۇرا يول تۇتۇش، چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىك ئىدىيىۋى تەشەببۇسى تولۇق نامايان بولغان.

ئىسلام دىنىمىز قوغدىنىش ئۇرۇشىدا ئوتتۇرا يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. مۇسۇلمانلار زوراۋانلىققا ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھەققانىي ئۇرۇش بولغان ”كىچىك جىھاد“نى ئېلىپ بارىدۇ.

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتىدۇركى:

}أُذِنَ لِلَّذِيْنَ يُقَاتَلُوْنَ بِأَنَّهُمْ ظُلِمُوْا{(22:39)

ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى.

          —سۈرە«ھەج»(22-سۈرە)، 39-ئايەت

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە يەنە ئېيتىدۇركى:

}وَ قَاتِلُوْهُمْ حَتَّى لاَ تَكُوْنَ فِتْنَةٌ وَ يَكُوْنَ الدِّيْنُ للهِ فَإِنِ انْتَهَوْا فَلاَ عُدْوَانَ إِلاَّ عَلَى الظَّالِمِيْنَ{(2:193)

تاكى زىيانكەشلىك تۈگىگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنى يولغا قويۇلغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا، زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ.

     —سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 193-ئايەت

}وَ قَاتِلُوْا فِى سَبِيْلِ اللهِ الَّذِيْنَ يُقَاتِلُوْنَكُمْ وَ لاَ تَعْتَدُوْا إِنَّ اللهَ لاَ يُحِبُّ الْمُعْتَدِيْنَ{(2:190)

سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ.

          —سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 190-ئايەت

«قۇرئان كەرىم»نىڭ يۇقىرىقى ئايەتى كەرىملىرىدە ئىسلام دىنىنىڭ ئۇرۇشقا قارىتا ئوتتۇرا يول تۇتۇش مەۋقەسى ناھايىتى روشەن بايان قىلىنغان. قوغدىنىش ئۇرۇشىدا، ئىسلام دىنىمىز يەنە ”چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك“نى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا دىن يولىدا كۈرەش قىلغاندا ئەمەل قىلىش زۆرۈر بولىدىغان توغرا ئۇسۇللارنى بەلگىلەپ بېرىدۇ:

}اُدْعُ إِلىَ سَبِيْلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَ الْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ وَ جَادِلْهُمْ بِالَّتِىْ هِىَ أَحْسَنُ{(16:125)

پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا(ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز-نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار(مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن.

           —سۈرە«نەھل»(16-سۈرە)، 125-ئايەت

شۇڭا دېيەلەيمىزكى، ئىسلام دىنى تىنچلىق دىنىدۇر.

«قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف»تە ”ئوتتۇرا يول تۇتۇش“ توغرىسىدىكى بايانلار نۇرغۇن، مەسىلەن، باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە، ئىسلام دىنى باشقىلارغا رەھىمدىل، كەڭ قورساق بولۇشنى ھەممە يەردە ئوتتۇرا ھال بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى، بۇ ئارقىلىق ئىسلام دىنى ئىنتىلىدىغان تىنچلىق مۇھىتىنى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتىدۇركى:

}وَ جَزَاءُ سَيِّئَةٍ سَيِّئَةٌ مِثْلُهَا فَمَنْ عَفَا وَ اَصْلَحَ فَأَجْرُهُ عَلَى اللهِ إِنَّهُ لاَ يُحِبُّ الظَّالِمِيْنَ{(42:40)

بىر يامانلىقنىڭ جازاسى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر(يەنى ساڭا بىر كىشى قانچىلىك چېقىلسا، شۇنچىلىك چېقىلماي ئاشۇرۇۋەتسەڭ بولمايدۇ). كىمكى(ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۆزى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئارىسىنى) تۈزسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ.

— سۈرە«شۇرا»(42-سۈرە)، 40-ئايەت

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام دىنىنىڭ ”ئوتتۇرا يول تۇتۇش“ توغرىسىدىكى ئىدىيىسى ۋە تەشەببۇسلىرى ناھايىتى كۆپ، ”ئوتتۇرا يول تۇتۇش“ ئىسلام دىنىنىڭ ھەممە جەھەتلىرىگە سىڭگەن.

”ئوتتۇرا يول تۇتۇش“ تەشەببۇسى ئىسلام دىنىمىزدىكى بىر خىل ئالىي روھ بولۇپ، ئۇ يۈكسەك ئىنسانىيلىقنى ۋە چوڭقۇر ھېكمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىسلام دىنىمىز باشقىلارغا دوستانە، مېھرىبان، كەڭ قورساق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەر قانداق ئىشنى لايىقىدا قىلىشنى، قىلىشقا بولىدىغانلىرىنى قىلىشنى، قىلىش بىلەن قىلماسلىقنىڭ چېكى بولۇشنى، چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇماسلعقنع. ”ئوتتۇرا يول تۇتۇش“ تەشەببۇسى بويىچە ئىسلام دىنىمىز ئەسەبىيلىك، تېررورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلام دىنىدىن پايدىلىنىپ ئەسەبىيلىكنى، تېررورلۇقنى تەرغىپ قىلىشقىمۇ قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

”ئوتتۇرا يول تۇتۇش“ ئىسلام دىنىنىڭ ھەربىر مۇسۇلمانغا قويغان تەلىپى. ئەگەر بىر كىشى ئىسلام دىنى تەرغىپ قىلىدىغان ”ئوتتۇرا يول تۇتۇش“ روھىدا تەربىيىلەنمەي، ئۇنىڭغا سەل قارىسا، ئىش بېجىرگەندە يا چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ياكى ئۆز يولىدا ئورۇندىيالماي قالىدۇ، ياكى ھەددىدىن زىيادە ئاجىز كېلىپ، ئادىل ئىش قىلالمايدۇ، ياكى بىر ئىشقا يولۇققاندا چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىپ، ئەسەبىيلىككە يۈزلىنىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئوتتۇرا ھال، ھەققانىي يولىدىن ئېغىپ كېتىپ قالىدۇ. بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ھەر دائىم ”ئوتتۇرا يول تۇتۇش“نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر قانداق ئىش، ھەر قانداق جايدا ”ئوتتۇرا يول تۇتۇش“نى ئۈمىد قىلىمىز. ئەبۇ ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمدىن: ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا ئىسلام دىنىدىن بىر پەند-نەسىھەت بەرگىن—مەن بۇ پەند-نەسىھەتكە مۇشەررەپ بولغاندىن كېيىن، باشقا ھېچكىمدىن سورىمايدىغان بولاي“ دېگەنىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم:

[ عَنْ أَبِى عَمْرٍو وَ قِيلَ أَبِى عَمْرَةَ سُفْيَانَ بْنِ عَبْدِ اللهِ رَضِىَ اللهُ عَنْهُ قَالَ: قُلْتُ: يَا رَسُولَ اللهِ! قُلْ لِى فِى الإسْلاَمِ قَوْلاً لاَ أَسْأَلُ عَنْهُ أَحَدًا غَيْرَكَ، قَالَ:” قُلْ : آمَنْتُ بِاللهِ ثُمَّ اسْتَقِمْ“] (رواه مسلم).

سەن ئاللاھقا ئىمان ئېيتتىم دېگىن، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغىن“ دەيدۇۇسلىم رىۋايەت قىلغان). روشەنكى، بۇ يەردە كۆرسىتىلگەن توغرا يول ئەنە شۇ ”ئوتتۇرا ھال يول“دۇر.

ئەھلى جامائەت: ”ئوتتۇرا ھال يول“ ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى ھىدايەت قىلىدىغان يولى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ يولى، شۇنداقلا، ئىسلام دىنىمىزنىڭ يولىدۇر، بىز بۇ يولغا ئىزچىل ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇخالىپ ئىش قىلماسلىقىمىز كېرەك. بىز «قۇرئان كەرىم»نىڭ باش سۈرىسىدە بايان قىلىنغان:

}اِهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيْمَ صِرَاطَ الَّذِيْنَ اَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ الْمَغْضُوْبِ عَلَيْهِمْ وَ لاَ الضَّالِّيْنَ{(71:6)

بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن، غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن)“.

              —سۈرە«فاتىھە»(1-سۈرە)، 67-ئايەتلەر

دېگەن ئايەتى كەرىملەرنى ھەر دائىم يادقا ئېلىپ ئوقۇشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەزلى-كەرەمى بىلەن بىزنى ”ئوتتۇرا ھال يول“— ئىسلام دىنىنىڭ توغرا يولىدا مېڭىشىمىزغا مۇشەررەپ قىلغاي. ئامىن!

 

وآخر دعوانا أن الحمد لله ربّ العالمين

يەنە >>سۈرەتلەر