باش بەت > ۋەز-تەبلىغلەر > ۋەز-تەبلىغ ماقالىلىرى

ئىسلام دىنى بىزدىن ئوتتۇرا يول تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-21   

ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى باشلايمەن)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەھلى جامائەت!

ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تائالا مۇبارەك «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتىدۇركى: ”بۇ ھەقىقەتەن مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇڭا سىلەر مۇشۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇ ناتوغرا يوللار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ، دوزاختىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدى“(سۈرە ئەنئام، 153- ئايەت)؛

«ئەنئام» سۈرىسىدىكى ئۇشبۇ ئايىتى كەرىمدە زىكىر قىلىنغان «توغرا يول» بۇ يەردە «ئوتتۇرا ھال يول»نى كۆرسىتىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ: رەسۇلۇللاھ ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەرگە بۇ ئايىتى كەرىمدە زىكىر قىلىنغان «توغرا يول»نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بىر سىزىقنى سىزغان، ئاندىن بۇ سىزىقنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىگە يەنە ئايرىم-ئايرىم ئىككى سىزىقنى سىزغان ھەمدە ئۆزىنىڭ مۇبارەك قولىنى ئوتتۇرىدىكى سىزىققا قويۇپ، يۇقىرىقى ئايىتى كەرىمنى تىلاۋەت قىلغان، دەيدۇ.

بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىز ئوتتۇراھال يول تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان دىن، «قۇرئان كەرىم»نىڭ يۇقىرىقى ئايەتلىرى بۇنىڭ روشەن دەلىلىدۇر. ئوتتۇراھال يول — مۆتىدىل، توغرا يول دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇ ئىسلام دىنىمىزنىڭ توغرا يولى، شۇنداقلا، «ئاللاھنىڭ يولى»دۇر. ئىسلام دىنىمىز بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتمەسلىكىنى، ئوتتۇرا، ئادىل يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىندۇر، شۇڭا، مۇسۇلمانلار چوقۇم ئوتتۇرا يولدا مەھكەم ماڭىدىغانلاردىن بولۇشى لازىم.

خۇددى ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتقاندەك: ”بىز سىلەرنى توغرا يولغا باشلىغاندەك، سىلەرنىڭ كىشىلەرگە شاھىت بولۇشۇڭلار ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن سىلەرنى ئادىل ئۇممەت قىلدۇق“ (سۈرە «بەقەرە»، 143-ئايەت).

1. دىنىي تۇرمۇشتا ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇش كېرەك

ئىسلام دىنى بىزدىن ئوتتۇرا يول تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ جەھەتتە «قۇرئان كەرىم»دە ئېنىق بەلگىلىمىلەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇ ئۆلىمالارنى چەكتىن ئاشقان يولدا ماڭماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

بۇ ھەقتە ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ”قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىدىغان جامائەت! توغرا يولدا مېڭىڭلار، سىلەر باشقىلاردىن ئىلگىرىلەپ كەتكەن، سىلەر ئەگەر ئوڭ ۋە سول تەرەپكە ئېغىپ ماڭساڭلار، ئۇنداقتا زور ئازغۇنلۇقتا قالغان بولىسىلەر“(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ھۆججەتۇل ئىسلام ئىمام ئەبۇ ھامىد غەززالى ئۆزىنىڭ «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن» (دىنىي ئىلىملەرنى گۈللەندۈرۈش) دېگەن داڭلىق كىتابىدا، ھالال دائىرىسىگە تەۋە بولغان ھەرخىل ئارزۇ-ئىستەكلەرگە تامامەن ئېتىبار بەرمەسلىككىمۇ بولمايدۇ ھەم ھەمىشە قانائەتلىنىشكىمۇ بولمايدۇ، بۇ يەردە ئوتتۇرا ھال يولنى تۇتۇش لازىم. چۈنكى، ھەممە ئىش تىنچلىق بىلەن ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ھەر قانداق ئىش ئوڭ ۋە سول تەرەپكە ئېغىپ كەتسە ھەر ئىككىلىسى خاتا بولىدۇ... دېگەن.

رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابە كىراملارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى بىزگە شۇنى ئوقتۇرىدۇكى: ھەممە ئىشتا «مۆتىدىل» بولۇش، «چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىك» ئەۋزەل، جۈملىدىن دىنىي ئەمەللەرنى ئورۇنداشتىمۇ ئوتتۇرا ھال يولنى تۇتۇش كېرەك.

مۇسۇلمانلار يەنە نامازنىمۇ ئوتتۇرا ھال ھالەتتە ئورۇندىشى لازىم، ئەبۇ ئابدۇللا جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ: ”مەن رەسۇلۇللاھ بىلەن ناماز ئوقۇغانىدىم، ئۇ مۇبارەك زاتنىڭ نامىزى ۋە خۇتبىسى ئوتتۇرا ھال (ئۇزۇنمۇ ئەمەس، قىسقىمۇ ئەمەس) بولغانىدى“ دەيدۇ (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ رامىزاندا ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇشىنى توسقانىدى، ئۇلار: ئى رەسۇلۇللاھ! ئۆزلىرىمۇ ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتلىغۇ؟ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: ”مەن سىلەرگە ئوخشىمايمەن، مەن تۈنىگەندە، پەرۋەردىگارىم ماڭا يېمەك-ئىچمەك ئىنئام قىلىدۇ (كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ)“ دېگەن.

شۇڭا فەقىھ-ئۆلىمالار كېچە-كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇشنى مەكرۇھ دەپ بەلگىلىگەن.

2. ئىجتىمائىي ھاياتتا ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇش كېرەك

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئىسلام دىنىمىز ھەم ماددىي راھەت-پاراغەتكە بېرىلىشپ كېتىشكە، ھەم تەركى دۇنيالىققا قارشى تۇرىدۇ، بۇ ئىككىسى ئارىسىدا ئوتتۇرا يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشتىن قانۇنلۇق، مۇۋاپىق بەھرىمەن بولۇشىنى تەرغىب قىلىدۇ. تۇرمۇش ئۇسۇلىدا، مۇسۇلماننىڭ «ئوتتۇرا ھال يول» ئېڭىدا چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتىدۇركى: ”ئۇلار خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇرھال خىراجەت قىلىدۇ“ (سۈرە «فۇرقان»، 67-ئايەت)؛ ”ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ئۆزۈڭلارغا ھارام قىلىۋالماڭلار، بەلگىلەنگەن چەكتىن ئاشماڭلار، ئاللاھ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ“ (سۈرە«مائىدە»، 87-ئايەت).

ئۈچ ئادەم رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ قىلىدىغان تائەت-ئىبادىتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى ئاز ساناپ: ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھنىڭ ئىلگىرىكى ۋە ئاخىرقى گۇناھلىرىنى كەچۈرۈۋەتكەن تۇرسا، بىز قانداقمۇ ئۇنىڭغا يېتىشەلەيتتۇق؟ دېيىشتى. ئۇلارنىڭ بىرى مەن ھەمىشە كېچىسى ئۇخلىماي ناماز ئوقۇپ چىقىمەن دېدى. يەنە بىرى: مەن ھەمىشە روزا تۇتىمەن، ھەرگىز ئېغىزىم ئوچۇق يۈرمەيمەن دېدى. يەنە بىرى مەن ئاياللاردىن يىراق تۇرىمەن، ھەرگىز ئۆيلەنمەيمەن دېدى. رەسۇلۇللاھ كېلىپ ئۇلارغا دېدىكى: ”سىلەر مۇنداق دەپسىلەر، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىلەرگە قارىغاندا ئاللاھتىن بەك قورقىمەن ۋە ئەڭ تەقۋادارمەن، (نەفلە) روزىنىمۇ بەزىدە تۇتىمەن، بەزىدە تۇتمايمەن، كېچىسى ھەم ناماز ئوقۇيمەن ھەم ئۇخلايمەن، خوتۇنمۇ ئالىمەن، كىمىكى مېنىڭ سۈننىتىمنى تەرك ئېتىدىكەن، ئۇ مېنىڭ ئۈممىتىم ئەمەس“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

شۇڭا دىنىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆز تەقۋادارلىقى نۇقتىسىدىن، ھەمىشە روزا تۇتۇشى ھەتتا يىل بويى روزا تۇتۇشىمۇ بىر خىل چېكىدىن ئاشقانلىق ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنداق قىلغاندا تەن ساغلاملىققا زىيان يېتىدۇ، روزا تۇتۇشنىڭ تەن ساغلاملىققا تەسىرى يەتمەسلىكى ھەققىدە رەسۇلۇللاھنىڭ يەنە باشقا تەلىمى بار.

”سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ“ (سۈرە«بەقەرە»، 190-ئايەت).

«قۇرئان كەرىم»نىڭ يۇقىرىقى ئايىتى كەرىمىدە ئىسلام دىنىنىڭ ئۇرۇشقا قارىتا ئوتتۇرا يول تۇتۇش مەۋقەسى ناھايىتى روشەن بايان قىلىنغان. قوغدىنىش ئۇرۇشىدا، ئىسلام دىنىمىز يەنە «چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك»نى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا دىن يولىدا كۈرەش قىلغاندا ئەمەل قىلىش زۆرۈر بولىدىغان توغرا ئۇسۇللارنى بەلگىلەپ بېرىدۇ: ”پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولى(ئىسلام دىنى)غا ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز-نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكەن“ (سۈرە«نەھل»، 125-ئايەت).

شۇڭا دېيەلەيمىزكى، ئىسلام دىنى تىنچلىق دىنىدۇر.

«قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شەرىفتە ”ئوتتۇرا يول تۇتۇش“ توغرىسىدىكى بايانلار نۇرغۇن، مەسىلەن، باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە، ئىسلام دىنى باشقىلارغا رەھىمدىل، كەڭ قورساق بولۇشنى ھەممە يەردە ئوتتۇرا ھال بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى، بۇ ئارقىلىق ئىسلام دىنى ئىنتىلىدىغان تىنچلىق مۇھىتىنى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتىدۇركى:

”بىر يامانلىققا شۇنىڭغا بىر جازا بېرىلىدۇ، كىمكى (ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) كىمكى (ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۆزى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئارىسىنى) ياخشىلىسا، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ“(سۈرە«شۇرا»، 40-ئايەت).

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام دىنىنىڭ «ئوتتۇرا يول تۇتۇش» توغرىسىدىكى ئىدىيەسى ۋە تەشەببۇسلىرى ناھايىتى كۆپ، «ئوتتۇرا يول تۇتۇش» ئىسلام دىنىنىڭ ھەممە جەھەتلىرىگە سىڭگەن.

«ئوتتۇرا يول تۇتۇش» تەشەببۇسى ئىسلام دىنىمىزدىكى بىر خىل ئالىي روھ بولۇپ، ئۇ يۈكسەك ئىنسانىيلىقنى ۋە چوڭقۇر ھېكمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىسلام دىنىمىز باشقىلارغا دوستانە، مېھرىبان، كەڭ قورساق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەر قانداق ئىشنى لايىقىدا قىلىشنى، قىلىشقا بولىدىغانلىرىنى قىلىشنى، قىلىش بىلەن قىلماسلىقنىڭ چېكى بولۇشنى، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. «ئوتتۇرا يول تۇتۇش» تەشەببۇسى بويىچە ئىسلام دىنىمىز ئەسەبىيلىك، تېررورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلام دىنىدىن پايدىلىنىپ ئەسەبىيلىكنى، تېرورلۇقنى تەرغىب قىلىشقىمۇ قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

«ئوتتۇرا يول تۇتۇش» ئىسلام دىنىنىڭ ھەر بىر مۇسۇلمانغا قويغان تەلىپى. ئەگەر بىر كىشى ئىسلام دىنى تەرغىب قىلىدىغان «ئوتتۇرا يول تۇتۇش» روھىدا تەربىيەلەنمەي، ئۇنىڭغا سەل قارىسا، ئىش بېجىرگەندە ياكى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ياكى ئۆز يولىدا ئورۇندىيالماي قالىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئوتتۇرا ھال، ھەققانىي يولىدىن ئېغىپ كېتىپ قالىدۇ. بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ھەر دائىم «ئوتتۇرا يول تۇتۇش»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر قانداق ئىش، ھەر قانداق جايدا «ئوتتۇرا يول تۇتۇش»نى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەبۇ ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھتىن ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا ئىسلام دىنىدىن بىر پەند-نەسىھەت بەرگىنكى، مەن بۇ پەند-نەسىھەتكە مۇشەررەپ بولغاندىن كېيىن، باشقا ھېچكىمدىن سورىمايدىغان بولاي دېگەنىدىم، رەسۇلۇللاھ: ”سەن ئاللاھقا ئىمان ئېيتتىم، دېگىن، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغىن“ دېدى.

روشەنكى، بۇ يەردە كۆرسىتىلگەن توغرا يول ئەنە شۇ «ئوتتۇرا ھال يول»دۇر.

ئەھلى جامائەت: «ئوتتۇرا ھال يول» ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى ھىدايەت قىلىدىغان يولى، رەسۇلۇللاھنىڭ يولى، شۇنداقلا، ئىسلام دىنىمىزنىڭ يولىدۇر، بىز بۇ يولغا ئىزچىل ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇخالىپ ئىش قىلماسلىقىمىز كېرەك. بىز «قۇرئان كەرىم»نىڭ باش سۈرىسىدە بايان قىلغان: ”سەن بىزنى ئىنئامىڭغا ئېرىشكەن، غەزىپىڭگە ئۇچرىمىغان، يولۇڭدىن ئازمىغان كىشىلەرنىڭ توغرا يولىغا باشلىغىن“(سۈرە«فاتىھە»، 6-، 7-ئايەتلەر) دېگەن ئايىتى كەرىملەرنى ھەر دائىم يادقا ئېلىپ ئوقۇشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەزلى-كەرىمى بىلەن بىزنى «ئوتتۇرا ھال يول» ئىسلام دىنىنىڭ توغرا يولىدا مېڭىشىمىزغا مۇشەررەپ قىلغاي، ئامىن!

يەنە >>سۈرەتلەر