باش بەت > ۋەز-تەبلىغلەر > ۋەز-تەبلىغ ماقالىلىرى

دىنى ئەسەبىيلىكنىڭ زىيىنىنى تونۇپ، ئەسەبىي ئىدىيەلەرگە قارشى تۇرايلى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-21   

 

 

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى دۇنيادا بەخت-سائادەتلىك بولۇشقا، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ بۈيۈك رازىلىقىغا ئېرىشىشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنى دۇنيادا ماددىي جەھەتتىن باي-باياشات، مەنىۋى جەھەتتىن پاك-سەمىمىي، ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، تىنچ ، ئىناق-ئىتتىپاق ياشاشقا، ھەققانىيەتنى قوللاشقا ۋە ياخشى ئادەم بولۇشقا ئۈندەيدىغان، ئىلمىي نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە ئۇلۇغ مۇكەممەل دىندۇر. ئۇ تۈرلۈك كۆرسەتمىلىرى ئارقىلىق جامائەتچىلىككە ئەڭ گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە، ھەر بىر كىشىنى مەدەنىيەتلىك، ئەخلاقلىق، ئىنسابلىق، راستچىل، دەۋر روھىغا ماسلاشقان، ئۇنىۋېرسال ساپاغا ئىگە كىشىلەردىن بولۇپ، بۈگۈن ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، بىر كىشىلىك تۆھپە قوشالايدىغان، ئۆزئارا بىر-بىرىگە مېھرىبان، كۆيۈمچان، تەقۋادار مۇئمىن، مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ ياشاشقا چاقىرىدۇ ھەم يېتەكلەيدۇ.

«قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق بىر ئايەت نازىل قىلىنغان:

(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى! ) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر.....» (سۈرە «ئال ئىمران»، 110-ئايەت) .

بىز ھازىر ياشاۋاتقان دەۋر، ئىلىم-پەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، پۈتكۈل جەمئىيەت تورلىشىۋاتقان، كىشىلەرنىڭ ئاڭ-سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئۇچۇر دەۋرى. بىز ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر مانا مۇشۇنداق دەۋر تەرەققىياتىغا يېقىندىن ماسلىشىش، ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇپ، ئىسلام دىنىمىزنىڭ ھاياتى كۈچىنى ۋە شانۇشەۋكىتىنى قوغداش، ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام روھىنى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا يەتكۈزۈش، شۇنداقلا، ئوتتۇرا يول تۇتۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزەلەيدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەت سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسنى چوقۇم ئادا قىلىشىمىز لازىم.

1–پىتنە-پاساتتىن خالى بولۇپ، قۇرئان كەرىم ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئىتائەت قىلىش لازىم

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ئى مۆمىنلەر ! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار، شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر (سۈرە«بەقەرە»، 208-ئايەت).

ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ھەقىقىي رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار)»(سۈرە «ئال ئىمران»، 102- ئايەت).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەجىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئى خالايىق! سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بىردۇر، ئەسلى ئاتاڭلار بىردۇر، ھەممىڭلار بىر ئاتىنىڭ(ئادەمنىڭ) پۇشتىسىلەر، ئادەم تۇپراقتىن يارىتىلغان، ئەرەبلەر غەيرى ئەرەبلەردىن ئەۋزەل ئەمەس، غەيرى ئەرەبلەر ئەرەبلەردىن ئەۋزەل ئەمەس، قىزىل تەنلىكلەر ئاق تەنلىكلەردىن ئەۋزەل ئەمەس، ئاق تەنلىكلەر قىزىل تەنلىكلەردىن ئەۋزەل ئەمەس، كىم ئاللاھقا تەقۋادار بولسا، ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا شۇ ئەۋزەل دېگەن(بەيھەقى رىۋايەت قىلغان).

يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ تەشەببۇسى شۇكى، ئىسلامغا تولۇق كىرىش(يەنى مۇسۇلمان بولغاندا ئىسلامنىڭ بارلىق شەرىئەت ئەھكاملىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىللە يەنە، ئىتتىپاقلىق تەشەببۇسى، تىنچلىق تەشەببۇسى ۋە ئۆزئارا مېھرىبانلىق قىلىش، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش تەشەببۇسلىرى قاتارلىق ئىسلامنىڭ ھەر تەرەپلىمىلىك تەشەببۇسلىرى ۋە چەكلىمىلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلغاندا ئاندىن ھەقىقىي مۇسۇلمان بولغىلى ۋە بۇ دۇنيادىنمۇ مۇسۇلمان ھالدا كەتكىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت. بۇ بولسا، دۇنيادا تەقۋادارلاردىن بولۇشنىڭ، ئاخىرەتتە نىجاتكار جامائەت بولۇشنىڭ يولىدۇر.

نىجاتكار جامائەت بولسا ئۆزئارا ياخشىلىققا بۇيرۇيدىغانلىقى، يامانلىقلاردىن توسىدىغانلىقى، بىدئەت يوللاردىن ۋە كىشىلەر ئارىسىغا پىتنە سالىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولىدىغانلىقى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ سۈننىتىنى جان دىلى بىلەن ئورۇندايدىغانلىقى بىلەن نىجات تاپىدىغان كىشىلەردۇر.

نىجاتكار جامائەت رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننەتلىرىنى ئىبادەت يوللىرىدا ۋە ھاياتلىقىدا ھەقىقىي سۆيىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ. سۆيۈش ۋە ئىتائەت قىلىش بولسا تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتىن ئىپادىلىنىشى كېرەك:

1) دىنىي ئىشلاردا ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇپ، قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتكە ئەمەل قىلىشىمىز لازىم.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كېلىپ يېڭى ھەم ئەڭ ئاخىرقى شەرىئەت يولىدا پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن تارتىپ تاكى ۋاپات بولغۇچىلىك بولغان تارىخى جەريان ئاران 20 نەچچە يىللىق جەريان بولسىمۇ، بۇ ۋاقىت مۇسۇلمانلار تارىخىدىكى تەڭداشسىز ئىلىم-ھېكمەت دەۋرى، ئىناق-ئىتتىپاقلىق دەۋرى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيا ۋە كەلگۈسى توغرىسىدىكى كۆزقاراش مەسىلىلىرى ۋە دىنى ئەقىدە-ئەھكام مەسىلىلىرى، تۇرمۇش ۋە مۇئامىلە ئۆلچەملىرى قاتارلىق جەھەتتىن يېتەكچىلىك روھقا ئىگە مۇكەممەل جاۋاب ۋە پىرىنسىپلار ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەر قانداق يامانلىق ۋە يامان ئاقىۋەتنىڭ يوچۇقلىرى نەزەرىيە جەھەتتىن پۇختا توسۇلۇپ، ھەر قانداق ياخشىلىق ۋە ياخشى ئاقىۋەتنىڭ يوللىرى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن ئىدى. بىز ئىسلام دىنىنىڭ بۇ ئاساسىغا نەزەر سالىدىغانلا بولساق دىنىمىزنىڭ ئاساسىدا ئەسەبىي ئىدىيە يوقلىقىنى ھېس قىلالايمىز. شۇڭا دىنىي ئىشلاردا ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇپ، قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتكە ئەمەل قىلىشىمىز لازىم

2) دىنى ئەسەبىيلىكنىڭ زىيانلىرىنى ئېنىق تونۇپ، پىتنە-ئىغۋاغا ئەگەشمەسلىك لازىم.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن ئىدى؛ ئى مۆمىنلەر! ئاللاھدىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى توغرىلايدۇ، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ.» (سۈرە «ئەھزاب»، 70-، 71-ئايەت).

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقىدەك توغرا سۆزگە ئەگىشىشنى، پىتنە-پاساتتىن ۋە ئېنىق ئاساسى بولمىغان سۆز-چۆچەكلەردىن يىراق تۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتسا، بىر قىسىم كىشىلەر مۇسۇلمانلار ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرى بىرلىككە كەلگەن مەسىلىلەردىن چەتنەپ، ئىختىلاپىي مەسىلىلەرگە قاتتىق ئېسىلىۋېلىپ، ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى تەشۋىق قىلىپ جامائەتنى قايمۇقتۇرماقتا. شۇنى بىلىش كېرەككى، تارىختا ئۆتكەن كاتتا ساھابىلەر ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن تابىئىنلار ئىسلام دىنىنى تولۇق چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، ئىلمىي ئىجرا قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئومۇمىيلىقنى، ئىتتىپاقلىقنى ئاساسىي نىشان قىلاتتى. دىيارىمىزدىكى بىرقىسىم كىشىلەر دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىش كۆرۈپ، مەسىلىلەرگە بىرتەرەپلىمىلىك نۇقتىسىدىن قاراپ، ئىختىلاپى كۆزقاراشنى ھە دېسىلا كۆتۈرۈپ چىقىپ، جامائەتكە تەپرىقىچىلىك سېلىشنى ئاساسىي نىشان قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ساغلام ئەقىدىگە ئىگە، ۋىجدانلىق مۇسۇلمان قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بۇنى ئىسلام دىنى قەتئىي چەكلەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلغان؛

ئۆز دىنىدا بۆلگۈنچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك پىرقىلەرگە ئايرىلغانلار بىلەن سىنىڭ قىلچە ئالاقەڭ يوق، ئۇلارنىڭ ئىشىنى پەقەت ئاللاھ بىرتەرەپ قىلىدۇ. كىيىن(ئاخىرەتتە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزىگە ئېيتىپ بىرىدۇ» (سۈرە «ئەنئام»، 159-ئايەت)

2-دىيارىمىزدىكى ئەنئەنىۋى كۆزقاراشقا ھۆرمەت قىلىپ، ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ «ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇشتەك» ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز لازىم

دىيارىمىزدىكى ئىسلام ئەقىدىسى ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ئاساسىي مەنبەسى، ئەينى چاغدا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئۇنىڭ مەسلەكداش ھەمراھلىرى ئىمام ئەبۇ يۈسۈپ قازى، ئىمام مۇھەممەد شەيبانى قاتارلىق 40 نەپەردىن ئارتۇق ئالىم ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مەزھەپ پېشۋالىرىدىن ئىمام مالىك، ئىمام شافىئىي ۋە ئىمام ئەھمەد ھەنبەلىي قاتارلىق كۆپلىگەن مۇجتەھىدلىرىمىزنىڭ ئىسلام شەرىئەت ئىلمى ۋە ئۇسۇلى دىننى رەتلەپ چىقىشتا، ئەتراپلىق ئىزدىنىشى ھەم زور ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچ سەرپ قىلىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن ئىجتىھات مېۋىسىدۇر.

ھەنەفىي فىقھەشۇناسلىقى بولسا، ئىسلام فىقھەشۇناسلىق تارىخىدا بارلىققا كەلگەن سۈننىي مەزھەپلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇكەممەل ئاساسقا ئىگە ۋە نوپۇزلۇق بولغان مەزھەپتىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر قانداق شارائىت ئاستىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا ماس كەلگەنلىكتىن، ھەم ئەسەبىي ئىدىيەلەردىن خالى بولغانلىقتىن، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلاردا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى ھەم دىيارىمىزدىكى مۇسۇلمانلار بۇ مەزھەپ ئالىملىرى(ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئىمام ئەبۇ يۈسۈپ قازى ۋە مۇھەممەد شەيبانى، ئىمام زۇفەر قاتارلىق 40 نەپەردىن ئارتۇق مۇجتەھىدلەر ئورتاق) ئىزدىنىپ ھاسىل قىلغان فىقھە مەسىلىلىرىگە ئەگىشىپ ماڭماقتا.

ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ياشاش جەريانىدا ئۆزىگە مۇۋاپىق بولغان، توغرا بىر دىنىي كۆزقاراش تاللاش بىلەن بىرگە، ئىناقلىقنى قوغدىشى، ئىتتىپاقلىقنى ئاساس قىلىشى باش تارتىپ بولالمايدىغان بىر مەسئۇلىيىتى خالاس. بۇمۇ ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ كىمگە تەۋپىق ئاتا قىلىشىغا باغلىق بولىدىغان بىر مەسىلە. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق بىر جامى سۆزىنى ئوتتۇرىغا قويغان: «ئاللاھ تائالا كىمگە ياخشىلىق قىلىشنى ئىرادە قىلسا ئۇ كىشىنى(مۇشۇ) دىندا ئالىم قىلىدۇ (يەنى ئۇ كىشىگە دىنى كۆزقاراش ئىشلىرىدا روشەن ئىلىم ئاتا قىلىدۇ). شۈبھىسىزكى، مەن بولسام تەقسىماتچى، ئاللاھ تائالا بەرگۈچىدۇر»(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

دېمەك، ھەنەفىي فىقھەشۇناسلىق قوشۇنىدىكى ئالىملار ئاللاھنىڭ بۇ ئاتاسىغا نائىل بولغان ھەم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلغان، ئىسلام مائارىپى ساھەسىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇستازلىرىغا ئايلانغان سائادەتمەن كىشىلەردۇر. ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىجتىھاتلىق مېۋىلىرىنى قەدىرلەش، ئۇلارنىڭ ئەسەبىيلىكتىن خالىي بولۇشىدەك ياخشى كۆزقاراشلىرىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇش، ھەر بىر مۇئمىن-مۇسۇلمان كىشىنىڭ مۇسۇلمانلىق مەسئۇلىيىتى بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

3- دىننى ۋە ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز لازىم

پۈتۈن ئالەمدىكى ھەرقايسى ئالىملارنىڭ ئورتاق كۆزقارىشى شۇكى، ئۆزى ياشاۋاتقان زېمىننى قىزغىن سۆيۈش، ئۇنى قوغداش، گۈللەندۈرۈش شۇ جەمئىيەتتە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشقان كىشىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئالىيجاناب، ئېسىل پەزىلەتلىك كىشى ئىكەنلىكىگە ھېچكىم شەك قىلمايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ۋەتەن مېھرى ئۆز نۆۋىتىدە ئانا مېھرىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەربىرىمىز ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىشىمىز ۋە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، ئانا ۋەتىنىمىزنى گۈللەندۈرۈشكە تىرىشىشىمىز لازىم. بۇ جەھەتتە مۇسۇلمانلارنى توغرا يولغا باشلاپ، دىنى ئىشلاردا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم

تارىخ شۇنى ئىسپاتلاپ كېلىۋاتىدۇكى، مۇسۇلمانلار قېرىنداشلارچە ئىتتىپاقلىشىپ، ئاللاھنىڭ دىنىغا(ئىسلام دىنىغا) تەڭ ئېسىلىپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن جەمئىيەتكە خەيرىلىك ئىشلارنى كۆپ قىلغان جامائەتنى ئاللاھ ئۆز نۇسرىتى قوينىغا ئالىدۇ. ئەكسىچە بولغان كىشىلەر ھامان مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىدۇ. بۇنداق جەمئىيەتكە ئاپەت ياغىدۇ. مىسال ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ تۆت خەلىپىسى دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلار ئىختىلاپ قىلىشماستىن، مەزھەپچىلىك قىلىشماستىن، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ياشاپ، ئۆزئارا كۆيۈمچان، تىرىشچان، ئەمگەكچان بولغاچقا ئىسلامنىڭ بۈگۈنى بولغانىدى. ئاللاھ تائالا ئەينى چاغدىكى ئاشۇ جامائەتنى «سىلەر ئىنسانىيەت مەنپەئەتى ئۈچۈن چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر» دەپ، ماختىغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئەنە شۇ ساھابىلەرنى ئۈلگە تىكلەپ، دىيارىمىزدا ئەسلىدە يوق يېڭى كۆزقاراشنى پەيدا قىلماي، ئەنئەنىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىقنى، بىرلىكنى قەدىرلەپ، پىتنە-پاسات تۇغدۇرماي، ئۆزئارا كۆيۈمچان، تىرىشچان، ئەمگەكچان بىر جامائەتكە ئايلانساق، بۈگۈنكى ئىسلامىمىزنىڭ ئەتىسىمۇ پارلاق بولىدۇ. ئىككى دۇنيالىق تۆھپىكار مۇسۇلمانلاردىن بولالايمىز، ئەلۋەتتە. ساھابىلەر ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتتە، ئىنسانىيەتكە مەنپەئەتلىك جامائەت بولغىنىدەك، بىزمۇ بۈگۈنكى دەۋرىدىكى جەمئىيەتكە مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان جامائەتكە ئايلىنىمىز. ئاندىن ئاللاھ تائالا بىزدىن رازى بولىدۇ، جەمئىيەت بىزدىن رازى بولىدۇ. بىزمۇ ئۆزىمىزدىن رازى بولىمىز.

4-مەسچىتلەرنى ياخشى باشقۇرۇپ، جامائەت ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىز لازىم

ئىسلام دىنى ئىنسانپەرۋەرلىك، ئادالەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، تىنچلىقپەرۋەرلىك ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ. خەير-ساخاۋەتلىك بولۇش، سەمىمىي-ساداقەتلىك بولۇش، ھەقنى سۆزلەش ۋە مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇش، كۆيۈمچان، تىرىشچان بولۇش قاتارلىق ئېسىل پەزىلەتلەرنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۆلگۈنچىلىك، ئالدامچىلىق، پىتنە-پاسات، غەيۋەت-شىكايەت ۋە خۇسۇمەت، تۆھمەتخورلۇق، ھەسەتخورلۇق، ھەشەمەتخورلۇق،تەمەخورلۇق قاتارلىق ئىللەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ھەربىر مۇسۇلمان ئۆزى ناماز ئوقۇپ كېلىۋاتقان مەسچىتىنىڭ ئاۋات بولۇشىغا، تىنچ بولۇشىغا ۋە كۆڭۈل ئازادە مۇھىتقا ئىگە بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى ۋە بىر مەسچىتتىكى جامائەتنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق بولۇشىغا، ئۆزئارا كۆيۈمچان بولۇشىغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشى لازىم.

ئى مۇسۇلمان قېرىنداشلار! بىز بۈگۈنكى دەۋرىدە بۇنداق دىنى ئىختىلاپلارغا ۋە دىن ئىشلىرىمىزدا ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ سەۋەبىدىن بۆلۈنۈشكە قەتئىي خاتىمە بېرىشىمىز، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا، جامائەت بىرلىكىگە زىيان سالىدىغان ئەنە شۇنداق تەپرىقچىلىققا قەتئىي يول قويماي، ئاللاھنىڭ دىنى(ئىسلام)نىڭ قوينىدا تۇرۇپ، زامانىمىزدىكى ئەڭ ياخشى جامائەتنىڭ مۇسۇلمانلار جامائىتى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشىمىز لازىم.

بۈگۈنكىدەك ئارزۇ-ئىستەكلەرگە تولغان يۇرتىمىزدا، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ كۆزقاراشتا بىرلىككە كەلگەن، دىنى پائالىيەتلىرىمىزدە ئىتتىپاقلاشقان ھالىتىمىزنىڭ بولۇشى، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كەم بولسا قەتئىي بولمايدۇ. شۇڭا يۇرتىمىزدىكى بارلىق مۇسۇلمانلار ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇپ، دەۋر روھىغا ماسلىشىپ، ئىناق-ئىتتىپاقىمىزنى چىڭىتىپ، بىلىم-قابىلىيىتىمىزنى، ئەقىل-پاراسىتىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن تۆھپە قوشايلى!

يەنە >>سۈرەتلەر