باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش كېرەك

A A A يوللانغان ۋاقىت:2022-03-28   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ۋە ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە

 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش كېرەك

جاڭ چۇنلىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 3ـئاينىڭ 25 ـكۈنى شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ۋە ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلەپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى.

ما شىڭرۇي شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىگە كېلىپ، خىزمەتچى خادىملار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ يۈرۈشۈشى، دىن ئىشلىرىغا ئائىت پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا يېتەكلەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا بولغان دىن سىياسىتى، قانۇن ـ نىزام تەشۋىق ـ تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىن ساھەسىدىكى كەڭ زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا يەنىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشقا تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەش كېرەك.

شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە، ما شىڭرۇي شۆيۈەننىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، دىنىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى، شۆيۈەننىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دىنىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسىي يوللۇق، ئاساسىي بازىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي زاتلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ھازىر بار بولغان دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار كۈچى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق دىنىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن ـ سىياسەتلىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداپ، قانۇنسىزلىرىنى توسۇپ، ئەسەبىيلىكنى چەكلەپ، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇپ، جىنايەتكە زەربە بېرىپ، دىن خىزمىتى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي مەكتەپلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەردىكى جەمئىيەت ئىناقلىقىغا، دەۋر تەرەققىياتىغا، ساغلام مەدەنىيلىككە پايدىلىق مەزمۇنلارنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۇنى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ـ ئىلگىرىلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا ئىزاھلاپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىن ساھەسىنىڭ ئۆز ـ ئۆزىنى تەربىيەلىشى، ئۆز ـ ئۆزىنى باشقۇرۇشى، ئۆز ـ ئۆزىنى چەكلىشىنى كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن قانۇن ـ نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى، دىنىي سەۋىيەنى ئۆستۈرۈشىگە مەدەت بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك؛ دىن خىزمىتىنى قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش ۋە دىن ساھەسىدىكى زاتلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دىنلار رايىشلىقى، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مىللەتلەر ئېجىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن زۇمرەت ئوبۇل، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

 

يەنە >>سۈرەتلەر