باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ دىنغا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك

A A A يوللانغان ۋاقىت:2022-02-23   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق دىن خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ دىنغا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى جاڭ چۇنلىن خۇلاسە سۆزى قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق دىن خىزمىتى يىغىنى 2 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن خۇلاسە سۆزى قىلدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە دىن خىزمىتىدىكى نەتىجە، تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەنگەن، دىن خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغان، يېڭى دەۋردىكى دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ئىستراتېگىيە سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلگەن، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ۋە سىياسەت ـ تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. بىز ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن ـ سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم ـ مېخانىزم ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، دىنىي ئىلىم ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دىن خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سىياسەت، قانۇن ـ نىزام سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەشۋىق ـ تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، دىن خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. دىن ساھەسىنىڭ ئۆز ـ ئۆزىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىن ساھەسىنىڭ ئۆز ـ ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆز ـ ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆز ـ ئۆزىنى چەكلەشنى كۈچەيتىشىگە مەدەت بېرىپ ۋە يېتەكلەپ، دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن قانۇن ـ نىزاملارغا ئەمەل قىلىپ، دىنىي سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. قوشۇن قۇرۇلۇشى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى قوشۇنى، دىن ساھەسىدىكى ۋەكىللىك زاتلار قوشۇنى ۋە دىن ئىلمى تەتقىقات قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دىن خىزمىتىنى قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش ۋە دىن ساھەسىدىكى زاتلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، مۇلازىمەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، دىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلەپ، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، دائىم بوشاشماي تۇتۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە مەھكەم چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.

جاڭ چۇنلىن خۇلاسە سۆزى قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، قانۇن بويىچە دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، «ئۈچ قوشۇن»نى زور كۈچ بىلەن ياخشى يېتىشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئەزالىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ۋە دىن خىزمىتىگە ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ۋە بىڭتۇەن ئورگىنى، ھەرقايسى شى ـ شەھەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

 

يەنە >>سۈرەتلەر