باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىمىز، سەۋىيەرىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-12-14   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 35 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىمىز، سەۋىيەرىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 35 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئىگىلەش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دىن خىزمىتىدىكى نەتىجە، تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەنگەن، دىن خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ئىستراتېگىيەسى سىستېمىلىق شەرھلەنگەن، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ۋە سىياسەت - تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دىن خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. ئىدىيەۋى تونۇشنى ھەقىقىي تۈردە ئۆستۈرۈش كېرەك، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر تونۇش پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئەمەلىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى يەكۈنى، ماركسىزملىق دىن قارىشىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەنلىكنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىن نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتى، يېڭى دەۋردە دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ باش پىروگراممىسى بولۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. توغرا يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، دىن ساھەسىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، قاراتمىلىق ھالدا «تۆت تارىخ» تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىننىڭ جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىشى، جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش كېرەك، دىن خىزمىتى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق تەشۋىقات تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دىن ساھەسىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆز - ئۆزىنى چەكلەشنى كۈچەيتىشىگە مەدەت بېرىپ ۋە يېتەكلەپ، دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەك. دىن خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، كۈچلۈك رەھبەرلىك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكاموللاشتۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، دىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى قوشۇنى، دىن ساھەسىدىكى ۋەكىللىك زاتلار قوشۇنى ۋە دىن ئىلمى تەتقىقات قوشۇنىنى ياخشى يېتىشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 35 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ساقلاش كېرەك. نىزام چىقىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، نىزام چىقىرىش سۈپىتىدىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم ساھەلەردە نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نىزام چىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، نىزام چىقىرىشنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا ھەربىر تۈرلۈك قانۇن - تۈزۈم، ھەربىر قانۇن ئىجرا قىلىش قارارى، ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك، دىققەتنى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما، مۇھىم ۋەزىپە، نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، خىزمەتلەرنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، ياڭ چېڭ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

يەنە >>سۈرەتلەر