باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرايلى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-12-06   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

 خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

دىن مەسىلىسى باشتىن- ئاخىر پارتىيەمىز دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە جەزمەن ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم، زور مەسىلە، دىن خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىملىققا ئىگە. مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئىگىلەش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دىن خىزمىتىدىكى نەتىجە - تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، دىن خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ۋە سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇ، ماركسىزملىق دىن قارىشىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەنلىكنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىن نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دىن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 2016 - يىلى ئېچىلغان مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر شەرھلىدى ھەم يېڭى ۋەزىيەتتە دىن خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى، مەركەز 7 - قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق مۇھىم يىغىنلاردا ۋە كۆپ قېتىم يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، دىن خىزمىتىگە قارىتا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشتا يېڭى قەدەم تاشلاندى.

پىروگرامما ئېنىق بولسا، تارماقلىرىمۇ ئېنىق بولىدۇ، يىلتىز قاياققا سوزۇلسا، ئۇچ تەبىئىي ئەگىشىدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ ۋە ئالغا سىلجىتىلىپ، پائال نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دىن خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دىن خىزمىتىگە ئائىت قانۇن سىستېمىسى ۋە سىياسەت رامكىسى كۈنسېرى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىش ئېڭى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. دىن ساھەسى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، چوڭ ۋەزىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنچىللىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلىم - پەنگە ئەھمىيەت بېرىپ، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.

نەزەرىيە ئەمەلىيەتنىڭ باشلامچىسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دىن خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جەزمەن دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇش، جەزمەن كۈچلۈك رەھبەرلىك مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىن نەزەرىيەسىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جەزمەن پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن ئاكتىپ، ساغلام بولغان دىنلار مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش، جەزمەن دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنى قوللاش، جەزمەن دىن خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇ «توققۇز جەزمەن» يېڭى دەۋردە دىننى قانداق تونۇش، دىن مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىنى قانداق ياخشى ئىشلەش قاتارلىق مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە جاۋاب بەردى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بولۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتە، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، دىن ساھەسىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ دىن خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى تەشكىللىشىمىز ۋە يېتەكلىشىمىز كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت ياراتساقلا، بىز چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)

يەنە >>سۈرەتلەر