باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-12-06   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك

لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى ۋاڭ ياڭ سۆز قىلدى

12 -ئاينىڭ 3 -كۈنىدىن 4 -كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى 12 -ئاينىڭ 3 -كۈنىدىن 4 -كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، دىن ساھەسىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ دىن خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى تەشكىللەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى. ۋاڭ ياڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دىن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىپ، پائال نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دىن خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دىن خىزمىتىگە ئائىت قانۇن سىستېمىسى ۋە سىياسەت رامكىسى كۈنسېرى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىش ئېڭى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. دىن ساھەسى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، چوڭ ۋەزىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنچىللىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلىم - پەنگە ئەھمىيەت بېرىپ، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دىن خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە دىننى قانداق تونۇش، دىن مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىنى قانداق ياخشى ئىشلەش قاتارلىق مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە جاۋاب بەردى. جەزمەن دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇش، جەزمەن كۈچلۈك رەھبەرلىك مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىن نەزەرىيەسىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جەزمەن پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن ئاكتىپ، ساغلام بولغان دىنلار مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش، جەزمەن دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنى قوللاش، جەزمەن دىن خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ماھىيەتتە ئامما خىزمىتى. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاممىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تۈپ مەنپەئىتى بىردەك بولۇپ، ھەممىسى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاممىۋى ئاساسى. ھەم دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئەڭ زور چەكتە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ھەم دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما خىزمىتىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك. دىنىي تەشكىلاتلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىدىغان، ئالاقە باغلايدىغان كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى زۆرۈر بولغان مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ دىننىڭ ئىچكى ئىشلىرىدىكى رولىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزدە دىننى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشقا يېتەكلەپ ۋە مەدەت بېرىپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. دىن ساھەسىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، قاراتمىلىق ھالدا پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئالاقە تورىدىكى دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلىتىمىزدە دىننىڭ ساغلام ۋارىسلىق قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىن ساھەسىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆز - ئۆزىنى چەكلەشنى كۈچەيتىشىگە مەدەت بېرىپ ۋە يېتەكلەپ، دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن قانۇن - نىزاملارغا ئەمەل قىلىش، دىنىي سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنى دېموكراتىك نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دىن خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق تەشۋىقات تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. دىنىي پائالىيەتلەر قانۇن - نىزاملاردا بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، پۇقرالارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، ئاممىۋى تەرتىپ، ياخشى ئۆرپ - ئادەتلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ، مائارىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش، مەمۇرىي فۇنكسىيە ۋە جەمئىيەت تۇرمۇشىغا ئارىلىشىشقا بولمايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ماركسىزملىق دىن قارىشىغا پۇختا، دىن خىزمىتىگە پىششىق، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما خىزمىتىنى ئىشلەشكە ماھىر پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنى ماركسىزملىق دىن قارىشى، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن - سىياسەتلىرى، دىنىي بىلىملەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان دىن ساھەسىدىكى ۋەكىللىك زاتلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، ماركسىزملىق دىن قارىشىدا چىڭ تۇرىدىغان، ئۆگىنىش ئىستىلى ياخشى، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر دىن ئىلمى تەتقىقات قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ، ماركسىزملىق دىن ئىلمى پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. دىن خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، دىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىن خىزمىتىگە ئالاقىدار مۇھىم، زور مۇناسىۋەتنى ياخشى ئىگىلەپ، ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلەپ، دائىم بوشاشماي تۇتۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، دىن خىزمىتىدىكى نەتىجە ۋە تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەنگەن، دىن خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغان، يېڭى دەۋردىكى دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ئىستراتېگىيە سىستېمىلىق شەرھلەنگەن، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ۋە سىياسەت - تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ئىگە، ئۇ، يېڭى دەۋردىكى دىن خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

ۋاڭ ياڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە چوڭ ۋەزىيەت كۆزىتىلىپ، چوڭ يۈزلىنىش پىلانلىنىپ، يۆنىلىش كۆرسىتىلىپ، تەدبىرلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئەمەلىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى يەكۈنى، ماركسىزملىق دىن قارىشىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەنلىكنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىن نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتى، يېڭى دەۋردىكى دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ باش پىروگراممىسى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىنى قوللىنىپ دىن ساھەسىدىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننىڭ ساغلام ۋارىسلىق قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، لېكسىيە سۆزلەشنى ياخشى تۇتۇپ، يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى ۋە دىن خىزمىتىگە مەسئۇل يولداشلار، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەر پارتىيە كومىتېتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى، ئالاقىدار تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

 

يەنە >>سۈرەتلەر