باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-11-12   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى   شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى   لى يىفېي سۆز قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي، مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، ياڭ چېڭ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي خۇلاسە سۆزى قىلدى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ 100 يىللىق شانلىق مۇساپىسى ۋە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈپ، ھازىر پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىدە قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى يېتەكچى ئىدىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، بۇ، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىدىكى مەركەزلىك ئىپادىسى، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئېنىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئامما ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جانلىق ۋەزىيىتىنى نامايان قىلدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تەتقىق قىلىش، شەرھلەش ۋە تەشۋىق - تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى كادىرلار تەربىيەسى، پارتىيە ئەزالىرى تەربىيەسى، دۆلەت پۇقراسى تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىگە كىرگۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولىدىغان، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان، ھايات - ماماتتا بىللە بولىدىغان، تەقدىرداش بولىدىغان ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قەتئىي ھالدا ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىدىيەۋى قاراش، مەنىۋى قىزىقىش، تۇرمۇش شەكلى جەھەتتە زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئاتلىنىشقا يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ غايە، ئېتىقاد، ھېسسىيات، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، قېرىنداشلىق مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. شەھەر -يېزا قۇرۇلۇشى ئورۇنلاشتۇرمىسى يىرىك پىلانى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقىنى سەپلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىياسەت تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىت، كەيپىيات يارىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى تەربىيەسى ۋە ئۇنى ئۆگىنىش، ئىشلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىنى ئىلمىي قوغداپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىشكە ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پائال تۈردە مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىپ، ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شەكلىنى بېيىتىش، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېجىل ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر ئىشلىرى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، مىللەت ئامىلىغا چېتىلىدىغان دېلو، ۋەقەلەرنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئاتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بارلىق ئىسلاھات، تەرەققىياتقا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى، بىرلىكنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئەھمىيىتىنى سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. مىللەتلەر خىزمىتىنى سىياسىي چوڭ ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن تونۇش ۋە ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى ماس ئالغا سىلجىتىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى ئىشلەشكە ماھىر بولغان، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ قۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى سىجىل پۇختىلاپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، قوللايدىغان قويۇق كەيپىياتنى پائال يارىتىش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش روھى بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

لى يىفېي خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئاتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر ئىشلىرى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىن تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن - مەيدانلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مىللەتلەر خىزمىتىگە مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

يەنە >>سۈرەتلەر