باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-06-01   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى

شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، تيەن شياڭلى، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ما پىنيەن شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى بەردى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دىن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، سوتسىيالىزم دەۋرىدە دىننى قانداق تونۇش، دىن مەسىلىسىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىش، دىن خىزمىتىنى قانداق ياخشى ئىشلەش قاتارلىق مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، بۇ، ماركسىزملىق دىن قارىشىنىڭ زامانىمىزدىكى جۇڭگودىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىن نەزەرىيەسىنى يەنىمۇ بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋردە دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ مىزان ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ ئارقىلىق قەتئىي تەۋرەنمەي كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش خىزمەت ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەرىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى يېتەكلەش كېرەك.

بىرىنچىدىن، «يېتەكلەش» خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، «يېتەكلەش» خىزمەت قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى دىن مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كادىرلارغا بولغان تەلىم - تەربىيە سالمىقىنى زورايتىپ، پارتىيەنىڭ دىن مەسىلىسى توغرىسىدىكى نەزەرىيە ۋە فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، دىن ئاساسىي بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، «يېتەكلەش»نىڭ تەدبىرلىك بولۇشى، «يېتەكلەش»نىڭ كۈچلۈك بولۇشى، «يېتەكلەش»نىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دىن خىزمىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىشى كېرەك.

ئىككىنچىدىن، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش بويىچە دىنىي پەن ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەردىكى جەمئىيەت ئىناقلىقىغا، دەۋر تەرەققىياتىغا، ساغلام مەدەنىيلىككە پايدىلىق مەزمۇنلارنى چوڭقۇر قېزىپ، دىنىي قائىدە، دىنىي ئەقىدىلەرنى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات - ئىلگىرىلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا شەرھلەپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇشقا، توغرا يولدا مېڭىشقا سىجىل يېتەكلەش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. دىنىي زاتلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە دىنىي زاتلارنىڭ ئىقتىدار، ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رول ئوينىيالايدىغان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك غەمخورلۇق قىلىش سىياسەتلىرىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ دىنىي زاتلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش، دىن خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، نورمال دىنىي ئېھتىياج ۋە قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنى دۆلەت قانۇنى بىلەن دىنىي قائىدىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك.

بەشىنچىدىن، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ جەمئىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن نەزەرىيەسى، دىن سىياسىتى تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يەنە >>سۈرەتلەر