باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا روزا ھېيتلىق كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-05-17   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ روزى ھېيتلىق كۈتۈۋېلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق 20 نەچچە ئەلچىسى ھەمدە دىنىي زاتلاردىن بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان ئامما 30 كۈنلۈك روزا ئېيىنى خاتىرجەم، ئىناق كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتۇردى. روزا ھېيتلىق كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، ئۈرۈمچى شەھىرى ياڭخاڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۆھتەرەم شېرىپ، قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمە، ئۈرۈمچى شەھىرى نيەنزىگوۋ مەسچىتىنىڭ ئاخۇنى بەي شېڭفۇ يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مېھمانلارغا شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتى ۋە دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈردى. گوۋۇيۈەننىڭ دىن ئىشلىرى نىزامىغا ئاساسەن، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي مەكتەپلەرنىڭ خىزمەت قىلىش، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭدا تەرتىپلىك ۋارىسلىق قىلىنىشى ۋە ساغلام راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ۋىلادىمىر نوروۋ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ۋىلادىمىر نوروۋ ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا - ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن 20 ئەلچى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى. ۋىلادىمىر نوروۋ مۇنداق دېدى: بىز شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە زىيارەتتە بولۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردۇق، شۆيۈەننىڭ مۇكەممەل ئەسلىھەلىرىگە بولغان تەسىراتىمىز چوڭقۇر بولدى. ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت جەريانىدا، ئۇ يەنە يېڭىدىن سېلىنغان نۇرغۇن مەسچىتنى، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بەزى مەسچىتلەرنىڭ ناھايىتى ياخشى قوغدالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.

«ھازىر شىنجاڭدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالىغا ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر تارىخىي مەزگىلدىكىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا پاكىتقا ھۆرمەت قىلىدىغان ھەرقانداق ئادەم ئىنكار قىلمايدۇ.» ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ دىنلار ئىناق، رايىش بولغان ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر خاتىرجەم بولالماي، تەرەپ - تەرەپتە ئاتالمىش «شىنجاڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلىدى» «مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى مەنئى قىلدى» قاتارلىق يالغان - ياۋىداق سۆز، بىمەنە سەپسەتىلەرنى تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش، جۇڭگونىڭ ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، بىز بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلارغا قارىتا باشقىچە غەرەزدە كۆڭۈل بۆلدى، لېكىن ئۆز دۆلىتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆرمەسكە سالدى. خەلقئارادا، ئامېرىكا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار توپىغا قارىتا چەكلەش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلغان بىردىنبىر دۆلەت. ئامېرىكا دۆلىتى ئىچىدە، ئىسلام دىنىغا قارىتىلغان كەڭ قورساق بولماسلىق سىجىل ئېغىرلاشتى. ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، %75 ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان ياش ئامېرىكا جەمئىيىتىدە مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىش مەسىلىسىنىڭ زور مىقداردا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش مەسىلىسىدە، كىمنىڭ ياخشى قىلغانلىقى، كىمنىڭ ناچار قىلغانلىقىنى خەلقئارا جەمئىيەت بىر قاراپلا بىلەلەيدۇ.

كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، خوتەن شەھىرى، قاراقاش ناھىيەسى قاتارلىق جايلىرىدىن كەلگەن دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما سىنلىق ئۇلىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش، قەبرە يوقلاش ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەخسۇس فىلىم «ئىزدەش ۋە سۈرۈشتۈرۈش − شىنجاڭدىكى دىنىي ئېتىقادقا ئائىت ئەھۋاللار توغرىسىدا خاتىرە»دىن ئارىيە قويۇلۇپ، كۆپچىلىكنى شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلغانلىقى ۋە ئۇنى قوغدىغانلىقىدەك پاكىتنى يەنىمۇ بىۋاسىتە كۆرۈش، چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

شۇ كۈنى، قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتگاھ مەيدانى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خانتەڭرى مەسچىتى ئالدىدا، ھەر مىللەت ئامما «ساما ئۇسسۇلى» ئويناپ، روزا ھېيتنى قىزغىن تەبرىكلىگەن قايناق كۆرۈنۈش بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق كۈتۈۋېلىش يىغىنى نەق مەيدانىغا يەتكۈزۈلدى.

يەنە >>سۈرەتلەر