باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

روزا ئېيىدا دىنىي پائالىيەتلەر نورمال ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-04-22   مەنبەسى:خەلق تورى

دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق-مەنپەئىتى شىنجاڭدا تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىندى

مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:4-ئاينىڭ 18-كۈنى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، خەلق ئاممىسىغا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى روزا ئېيى مەزگىلىدىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  4-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلار روزا ئېيىغا كىردى، نۆۋەتتە، روزا ئېيى مەزگىلىدىكى دىنىي پائالىيەتلەر تىنچ-ئىناق كەيپىياتتا نورمال ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى تور ئارقىلىق ئۈرۈمچى شەھىرى، كورلا شەھىرى، خوتەن شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، غۇلجا شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى مەسچىتلەرگە ئۇلاندى ھەم شۇ جايدىكى دىنىي زاتلار، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما تەكلىپ قىلىنىپ، نەق مەيداندا ئۇلارنىڭ روزا ئېيى مەزگىلىدىكى ھەقىقىي تۇرمۇش ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى.

  كورلا شەھىرى ئىتتىپاق كوچا ئىش باشقارمىسى تەۋەسىدىكى ئىتتىپاق مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئىمىنجان كېرەم نەق مەيدان ئۇلىنىشى ئارقىلىق مۇنداق تونۇشتۇردى: روزا ئېيى كىرگەندىن بۇيان، ھەر كۈنى ناماز ئوقۇش پائالىيىتى نورمال ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. مەسچىت چاي، نان قاتارلىق يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەپ، يېقىن ئەتراپتىكى مۇسۇلمانلارغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

  شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، غۇلجا شەھىرىدىكى شەنشى چوڭ مەسچىتىنىڭ ئاخۇنى ما جىرۇڭ شەنشى چوڭ مەسچىتىنىڭ روزا ئېيى مەزگىلىدىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق - مەنپەئىتى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. پۇقرالار دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا ھەمدە ئۆز ئۆيىدە ئېلىپ بارغان بارلىق نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى، مەسىلەن، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، دىنىي بايرام ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى دىنىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالار ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدۇ، قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.

  شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمە مۇنداق تونۇشتۇردى: ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ تارىخى ئۇزاق، مۇشۇ بىرنەچچە يىلدا، ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتكە كەلگەن نۇرغۇن چەت ئەل ئۆمەكلىرى ۋە گۇرۇپپىلىرىنى كۈتۈۋالدۇق، ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئازادە، يورۇق ناماز ئوقۇش زالى، مۇكەممەل مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى، چىرايلىق ھويلىسى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولغان خادىملاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. كۆپچىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، جۇڭگونىڭ مۇسۇلمانلارغا غەمخورلۇق قىلىپ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى بەس - بەستە تەرىپلىدى.

  يېقىنقى مەزگىلدە چېگرا سىرتىدىكى بىر قىسىم تاراتقۇلار «شىنجاڭدا ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلمايدىغان بىر قىسىم دىنىي زاتلار تۇتۇپ تۇرۇلدى» دېگەن بۇ ئەھۋالغا قارىتا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئېلىجان ئانايىت مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاشۇ ئاتالمىش «ھۆكۈمەت تۇتۇپ تۇرغان دىنىي زاتلار» ھەرگىزمۇ دىنىي خادىم ئەمەس. ئۇلار ئىسلام دىنى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىدىغان، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جىنايەتچى ئۇنسۇرلار. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ساددا دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىپ، ئىسلام دىنىدىكى دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەرنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، بارلىق زامانغا لايىق قاراش ۋە زامانىۋى مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى ئىنكار قىلىپ، «غازات قىلىپ شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەننى تەرغىب قىلىپ، «كاپىرلار» «دىندىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەر»گە قەبىھ زىيانكەشلىك قىلدى، بىر قىسىم ئوتتۇرا يول تۇتۇپ، توغرا ئېتىقاد قىلىدىغان دىنىي زاتلارنى چەتكە قاقتى، زىيانكەشلىك قىلدى، ھەتتا ئۆلتۈردى.

  «جۇڭگو قانۇنچىل دۆلەت، ھۆكۈمەت قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىدۇ، دىندىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.» ئېلىجان ئانايەت مۇنداق بىلدۈردى: جىنايەتكە زەربە بېرىش جەريانىدا، ئەزەلدىن بىرەر مۇئەييەن دىنغا قارىتىلىپ باقمىدى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش يوللىرى ماس قەدەمدە تونۇشتۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسى شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداش ئەھۋالىغا قارىتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىۋاسىتە، چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىندى.

يەنە >>سۈرەتلەر