باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-04-15   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي، لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، ياڭ چېڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ 8 - قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ۋە سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى باشتىن - ئاخىر ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلىشىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلارنىڭ رايىش بولۇشى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشتى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، ئىستىل جەھەتتە دېموكراتىك، خىزمەت جەھەتتە يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان يۇقىرى ساپالىق رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇپ چىقىپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رولىنى جارى قىلالايدىغان بولۇش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈكلۈك ۋە رېشتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەردىكى دەۋرنىڭ ئىلگىرىلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاكتىپ ئامىللارنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى دۆلەت ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭى، دۆلەت پۇقراسىلىق ئېڭىنى كۈچەيتىش، ئاڭلىق ھالدا تۈرلۈك ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ 8 - قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنى 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى 7 - نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى»غا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى 8 - نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ كېڭەش ئەزالىرى، دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى، جەمئىيەت باشلىقى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقلىرى، باش كاتىپى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەشەببۇس قىلىندى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى قوغداپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.

يەنە >>سۈرەتلەر