باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-02-03   

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 5-كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2015-يىلى 5-ئايداجۇڭگوكوممۇنىستى پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» بىرلىك سەپنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. يېڭى ۋەزىيەت، ۋەزىپە ۋە تەلەپكە ئاساسەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزدى. بۇ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «نىزام»دا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ ۋە كۈچەيتىلىپ، بىرلىك سەپ ساھەسىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش روھى مۇستەھكەملىنىپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىشىش، قېلىپلىشىش، تۈزۈملىشىش سەۋىيەسى كۈچەپ ئۆستۈرۈلدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ئاساسىي مىزانى. «نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى يولغا قويۇش ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كەڭ كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەردەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ نەزەرىيەسى، فاڭجېنى، سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك دەل جايىدا ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، بىرلىك سەپنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىشى كېرەك. «نىزام»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، ھەردەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ھەردەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بىرلىك سەپ ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، «نىزام»دىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار «نىزام»نى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

«نىزام» ئومۇمىي پىرىنسىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە ۋەزىپە-مەسئۇلىيەت، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار خىزمىتى، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار خىزمىتى، مىللەت خىزمىتى، دىن خىزمىتى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك ساھەسىدىكى بىرلىك سەپ خىزمىتى، يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار بىرلىك سەپ خىزمىتى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن بىرلىك سەپ خىزمىتى، چەت ئەللەردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتى ۋە چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى، پارتىيە سىرتىدىكى ۋەكىل زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، بىرلىك سەپ تارماقلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى، كاپالەتلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىش، قوشۇمچە پىرىنسىپتىن ئىبارەت جەمئىي 14 باب، 61 ماددىغا بۆلۈنگەن.

 

 

يەنە >>سۈرەتلەر