باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

شى جىنپىڭ 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2020-09-30   مەنبەسى:مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى ۋاڭ ياڭ سۆز قىلدى

9 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش ۋە ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شەكىللەندۈردى، شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىستراتېگىيە جەھەتتىن قاراش ۋە ئۇنى پىلانلاشتا چىڭ تۇردى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىشتا چىڭ تۇردى، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇردى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشتا چىڭ تۇردى، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇردى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈشتە چىڭ تۇردى، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇردى، پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تامامەن توغرا، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك

شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاشتا سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەتلىك قىلىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندۈرۈپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك

تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى. شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى زور ئىشنى ئۇزاققىچە ياخشى تۇتۇش كېرەك

ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە توغرىلىنىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ئىشىنىشكە ئەرزىيدۇ، جەڭگىۋارلىققا ئىگە. ئۇلارنى سىياسىي جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈپ، خىزمەت جەھەتتە قوللاپ، تەمىنات جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈپ، تۇرمۇش جەھەتتە كۆڭۈل بۆلۈپ، پىسخىك جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زور ئىشى، جەزمەن پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، مەركەز تارماقلىرى قوللايدىغان، يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر ياردەم بېرىدىغان، ماسلىشىدىغان، شىنجاڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى. ۋاڭ ياڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ئارقىلىق، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. بىرىنچى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىجىل ياخشىلاندى. 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 919 مىليارد 590 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 1 تىرىليون 359 مىليارد 710 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە 7.2 ئاشتى. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 128 مىليارد 230 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 157 مىليارد 760 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە 5.7 ئاشتى. ئۇل ئەسلىھەلەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئىككىنچى، خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرىچە 9.1 ئاشتى. يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى بويىچە 1 مىليون 690 مىڭ يۈرۈشتىن كۆپرەك، شەھەر - بازار كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى بويىچە 1 مىليون 560 مىڭ يۈرۈشتىن كۆپرەك ئۆي سېلىنىپ، 10 مىليوندىن ئارتۇق ئامما خۇشال - خۇرام ھالدا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. شەھەر، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش يولغا قويۇلدى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ داۋالاش ئەسلىھەلىرى شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلار ۋە كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنىڭ ئۆلچەملىشىش نىسبىتى بىردەك 100كە يەتتى، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى 99.7كە يەتتى. ئۈچىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 2014 - يىلى، شىنجاڭدا جەمئىي ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس 779 مىڭ ئائىلە، 3 مىليون 89 مىڭ كىشى بولۇپ، 3666 نامرات كەنت، 32 نامرات ناھىيە بار ئىدى. 2019 - يىلىغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭدا جەمئىي 2 مىليون 923 مىڭ 200 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 3107 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، 22 نامرات ناھىيە قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2014 - يىلىدىكى 19.4تىن 1.24كە تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا جەمئىي 2 مىليون 511 مىڭ 600 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 2683 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، 16 نامرات ناھىيە قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2014 - يىلىدىكى 29.1تىن 2.21كە تۆۋەنلىدى. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنىپ، نامرات ئائىلىلەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قېلىش، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشىنى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نامرات نوپۇسنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى بىردەك 100كە يەتكۈزۈلدى، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. تۆتىنچى، مەركەزنىڭ قوللىشى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايتىلدى. 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، مەركەز مالىيەسىنىڭ شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى ۋە بىڭتۇەنگە قىلغان يۆتكىمە چىقىمى 263 مىليارد 690 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 422 مىليارد 480 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە 10.4 ئاشتى، ئالتە يىلدا شىنجاڭغا جەمئىي 2 تىرىليون يۈەندىن كۆپرەك ياردەم بېرىلدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر ھەر تەرەپلىمە نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، جەمئىي 96 مىليارد 400 مىليون يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) سالدى، 10 مىڭدىن ئارتۇق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىنى يولغا قويدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىن كىرگۈزۈلگەن كارخانىلارنىڭ نەقلەشتۈرگەن مەبلىغى 1 تىرىليون 684 مىليارد يۈەن بولدى، مەركەز كارخانىلىرى سالغان مەبلەغ 700 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە يۈرۈش قىلىشقا پۇختا ئاساس سېلىندى. پاكىتلار شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەت خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەندى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا بۇنىڭغا شىنجاڭدىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئەجرى مۇجەسسەملەندى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، شىنجاڭ خىزمىتىگە قاتناشقان ۋە ئۇنى قوللىغان ھەرقايسى سەپلەردىكى يولداشلاردىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىدىن، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش ۋە ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شەكىللەندۈردى، شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىستراتېگىيە جەھەتتىن قاراش ۋە ئۇنى پىلانلاشتا چىڭ تۇردى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىشتا چىڭ تۇردى، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇردى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشتا چىڭ تۇردى، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇردى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈشتە چىڭ تۇردى، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇردى، پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تامامەن توغرا، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاشتا سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەتلىك قىلىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندۈرۈپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزاسى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى شىنجاڭنىڭ كادىرلار تەربىيەسى، ياش - ئۆسمۈرلەر تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىگە كىرگۈزۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى. شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. سانائەت ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىلمىي پىلانلاپ قۇرۇلۇش قىلىپ، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، قۇمنى تىزگىنلەش، سۇنى تىزگىنلەش ۋە ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى زور ئىشنى ئۇزاققىچە ياخشى تۇتۇش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن تەرەققىي قىلالايدىغان بولۇشقا، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش بىلەن تەرتىپلىك يۆتكىلىپ، سىرتقا چىقىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقان، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشنى مەردانىلىك بىلەن تەشۋىق قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە توغرىلىنىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. قەتئىي بوشاشماي غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى چېنىقىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كادىرلارنىڭ سىياسىي ساپاسىنى پەرقلەندۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ھوقۇقىنى باشتىن - ئاخىر سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلارنىڭ قولىدا مەھكەم تۇتقۇزۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭدىكى كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش يىرىك پىلانىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، نەزەرىيە ئاساسى پۇختا، سىياسەتنى جايىدا ئىگىلىگەن، ئەمەلىيەت ئىقتىدارى كۈچلۈك كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەگە سادىق، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى ساپالىق ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشنى مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە بوشاشماي دائىم تۇتۇش كېرەك. روشەن ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى تۇرغۇزۇپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا قارىتا تولۇق ئىشىنىش، ئۇلار بىلەن قەتئىي ئىتتىپاقلىشىش، ئۇلارنى يۈرەكلىك تاللاپ ئۆستۈرۈش، دادىل ئىشلىتىش كېرەك، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلىرىنى بىۋاسىتە دەرىجە ئاتلىتىپ ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ئىشىنىشكە ئەرزىيدۇ، جەڭگىۋارلىققا ئىگە. ئۇلارنى سىياسىي جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈپ، خىزمەت جەھەتتە قوللاپ، تەمىنات جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈپ، تۇرمۇش جەھەتتە كۆڭۈل بۆلۈپ، پىسخىك جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى يېڭى دەۋردە چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىشقا، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زور ئىشى، جەزمەن پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، مەركەز تارماقلىرى قوللايدىغان، يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر ياردەم بېرىدىغان، ماسلىشىدىغان، شىنجاڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ خىزمىتىگە قارىتا ۋەزىيەتنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش، سىياسەت تەتقىق قىلىش، ماسلاشتۇرۇش - يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە قارىتا خىزمەت پىكرىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، نازارەتچىلىك قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ئىچكىرى رايونلاردىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر شىنجاڭغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوللىشى كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر شىنجاڭ بىلەن ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەننىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكى ۋە سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈم ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، ھازىر شىنجاڭ خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شەرھلىنىپ، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان - ۋەزىپىلىرى، فاڭجېن - سىياسەتلىرى، ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، كۈچلۈك سىياسىۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ۋاڭ ياڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، شىنجاڭ خىزمىتىدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، ئۆگىنىش جەريانىنى تونۇشنى ئۆستۈرۈش، خىزمەتنى ياخشىلاش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا چۈشىنىپ ۋە ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەش كېرەك. شىنجاڭ ۋە مەركەزدىكى ھەرقايسى تارماقلار يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى بىرمۇبىر، تۈرمۇتۈر ئىنچىكىلەشتۈرۈپ تەقسىملەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىي خىزمەت نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. مول، رەڭدار تەشۋىقات، لېكسىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، يىغىن روھىنى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ھەرقايسى شىلارنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، باشقا ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

 

يەنە >>سۈرەتلەر